تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

يولداش لاچىن بايەكەدىن ئۆگىنىشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش كېرەك

ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى، مەملىكەتلىك ئىككىنى ھىمايە قىلىش ئىشخانىسى بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقاتتى

يولداش لاچىن بايەكەدىن ئۆگىنىشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4-ئاينىڭ 3-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر مېي شىشيۇڭ) ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى، مەملىكەتلىك ئىككىنى ھىمايە قىلىش ئىشخانىسى يېقىندا بىرلىكتە «يولداش لاچىن بايەكەدىن ئۆگىنىشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يولداش لاچىن بايەكە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ سادىق ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىسى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ قەتئىي تۈرتكە بولغۇچىسى، يېڭى دەۋردىكى كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى چىڭ ساقلاشتىكى مۇنەۋۋەر ۋەكىلى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىشتىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئۈلگىسى، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ سادىقلىق بىلەن ئۆزىنى بېغىشلاشتىكى ئاۋانگارت نەمۇنىچىسى، ۋەتەننى سۆيىدىغان، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىدىغان، چېگرانى چارلايدىغان، چېگرانى قوغدايدىغان «پامىر بۈركۈتى». يولداش لاچىن بايەكەنىڭ قەھرىمانلىق ھەرىكىتى ۋە ئىلغار ئىش ئىزلىرى يېڭى دەۋردىكى كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئەسلىي مەقسەت، بۇرچىنى جانلىق شەرھلەپ بەردى، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ سادىقلىق بىلەن ئۆزىنى بېغىشلاشتەك سەمىمىي مېھىر-مۇھەببىتىنى تولۇق نامايان قىلدى، ۋەتەننى سۆيۈش، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش نەمۇنىچىلىرىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە ئۇنى قوللايدىغان دەۋر خىسلىتىنى روشەن ئىپادىلىدى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: يولداش لاچىن بايەكەدىن ئۆگىنىشنى ھازىرقى ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپە سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي تۇتۇپ، ئۆگىنىش پائالىيىتىنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرى، «بايراق ئارقىلىق يېتەكلەش، بىر نىيەتتە ئارزۇنى روياپقا چىقىرىش» يىللىق ئىككىنى ھىمايە قىلىش تەشۋىق تەربىيەسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يولداش لاچىن بايەكەنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى جانلىق دەرسلىك قىلىپ، مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىش، مەركەزلىك مۇھاكىمە قىلىش، سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئۇنىڭ پارتىيەگە سادىق سىياسىي پەزىلىتى، ۋەتەننى سۆيۈش، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىشتەك ئۆزىنى بېغىشلاش روھى، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش، چېگرانى قوغداشتەك ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتى، ئۆز ھاياتىدىن كېچىپ باشقىلارنى قۇتقۇزۇشتەك ئالىيجاناب پەزىلىتىدىن ئۆگىنىش كېرەك. «ئىلغار تىپلار بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاش» قاتارلىق ئۆگىنىش-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، تور ۋە تور سىرتىنى بىرلەشتۈرۈش شەكلىنى قوللىنىپ، كەڭ ئارمىيە ۋە خەلقنى ئەخلاقلىق كىشىلەردىن ئۆگىنىش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە سەپەرۋەر قىلىپ، ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلق ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يولداش لاچىن بايەكەدىن ئۆگىنىشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشنى خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىككىنى ھىمايە قىلىش تارماقلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، مەملىكەتلىك ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى نەمۇنىلىك شەھەر(ناھىيە)لەرگە نام بېرىش ۋە ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى نەمۇنىلىك ئورۇن ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلەش يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئارمىيە-ھۆكۈمەت، ئارمىيە-خەلق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، ئارمىيە بىلەن خەلق بىر نىيەتتە ئارزۇنى روياپقا چىقىرىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى تارماقلىرى ۋە ئىككىنى ھىمايە قىلىش سىستېمىسى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەربىيلەر ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى-ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بېرىش، ھەربىيلەر پەرزەنتلىرىگە مائارىپتا ئېتىبار بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلىشى، كەڭ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى لاچىن بايەكەنى ئۈلگە قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى سەپلىرىدە قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ ئىلگىرىلەپ، يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشقا تەربىيەلىشى، يېتەكلىشى كېرەك. ھەرقايسى قىسىملار يولداش لاچىن بايەكەنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى ئۆگىنىشنى «قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئېغىر ۋەزىپىسىنى زىممىگە ئېلىش» باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەريانىغا كىرگۈزۈپ، كەڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنى پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ھېسسىياتىنى قەتئىيلەشتۈرۈپ، خەلقنى سۆيۈش، خەلقنى كۆزلەش ئاساسىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەشكە يېتەكلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.