تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«ھەربىر بالا ئادىل، سۈپەتلىك مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇۋېتىپتۇ»

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى مېھرىگۈل ناسىر، لى شىڭ

3 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ھەم ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋە دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى قەشقەر شەھىرى ئاۋات يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپكە كېلىپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ مائارىپ تەرەققىياتى ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

1957 - يىلى قۇرۇلغان بۇ يېزا باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى تەخمىنەن 50 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچى 140 تىن ئاشىدۇ، 58 ئوقۇتۇش سىنىپى بولۇپ، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى 2700دىن ئاشىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچى 1400دىن ئارتۇق. مەكتەپ يېرىم ياتاقلىق تۈزۈمدىكى مەكتەپ باشقۇرۇشنى يولغا قويغاندىن كېيىن، ئۆز ئىختىيارلىقىدا بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، ياتاقتا يېتىشنى خالايدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياتاقتا يېتىشىغا، قاتناپ ئوقۇشنى خالايدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قاتناپ ئوقۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىپ، يېزا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپكە بېرىپ - كېلىشى قولايسىز بولۇش ۋە ئاتا - ئانىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى ئاپىرىپ - ئەكېلىشى قولايسىز بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى.

ئەرمېنىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سېرگىي ماناسارىيان مۇنداق دېدى: «مائارىپ بىر مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك. يېرىم ياتاقلىق تۈزۈمدىكى بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش مۇھىتى ۋە ياتاق شارائىتى ئىنتايىن ياخشى ئىكەن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرى بالىلىرىنىڭ ياتاقتا يېتىشى ياكى قاتناپ ئوقۇشىنى ئەركىن تاللىيالايدىكەن. بىز بەزى دەرسخانىلارغا كىرىپ، ھەربىر بالىنىڭ ئادىل ھەم سۈپەتلىك مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى كۆردۇق».

«ياتاقلىق تۈزۈمدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۇلى، ئوقۇش ماتېرىياللىرى ھەققى پۈتۈنلەي كەچۈرۈم قىلىنغاندىن سىرت، يەنە ھەربىر ئوقۇغۇچى ھەر ئوقۇش يىلىدا 1250 يۈەن تۇرمۇش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ؛ قاتناپ ئوقۇيدىغان ھەربىر ئوقۇغۇچى ھەر ئوقۇش يىلىدا 800 يۈەن ئوزۇقلۇق تاماق ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.» ئاۋات يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ئايخۇمار ئالىم مۇنداق تونۇشتۇردى: مەكتەپ ئاشخانىسى يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى سېتىۋېلىشتىن تارتىپ پىششىقلاپ تەييارلاشقىچە ھەممىسىدە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يېمەك - ئىچمەك ئادىتىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىدۇ، ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتە تېخىمۇ قۇۋۋەتلىك ئوزۇقلىنىدۇ. ياتاقتا يېتىپ ئوقۇغاندىن كېيىن، بالىلارنىڭ بوي ئېگىزلىكى، بەدەن ئېغىرلىقى زور دەرىجىدە ئېشىپ، سالامەتلىك ئەھۋالى تېخىمۇ ياخشىلىنىپ، ئاتا - ئانىلارنىڭ يۈكسەك ماختىشىغا ئېرىشتى.

چەت ئەللىك مېھمانلار يەنە دەرسخانىلارغا كىردى. سائەت 16، دەل دەرس ۋاقتى بولۇپ، ئازادە، يورۇق ئوقۇتۇش بىناسىدىن كىتاب ئوقۇۋاتقان جاراڭلىق ئاۋاز ئاڭلىنىپ تۇراتتى. چەت ئەللىك مېھمانلار 6 - يىللىقتىكى بىر سىنىپقا ئىختىيارىي كىردى، بالىلار ئىنگلىزتىلى دەرسى ئاڭلاۋاتاتتى. «!plane» «!bike»... مۇئەللىم سۈرەتنى تېز سۈرئەتتە ئالماشتۇردى، ئوقۇغۇچىلار ماس كېلىدىغان سۆزلەرنى دەرھال ئېيتتى. ياندىكى سىنىپتا، مۇئەللىم ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل - ئەدەبىيات دەرسى ئۆتۈۋاتاتتى. يەنە ئالدى تەرەپتىكى گۈزەل سەنئەت سىنىپى، مۇزىكا سىنىپىدىن قويۇق سەنئەت پۇرىقى تارقىلىپ تۇراتتى.

مالايسىيانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ 2 - دەرىجىلىك ئەلچىسى ساممۇگان سۇبرامانىئان مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش مۇھىتى ۋە ئەسلىھەلىرىنى ماختاپ مۇنداق دېدى: «ئوقۇتۇش بىناسى ۋە ياتاق بىناسى ناھايىتى پاكىز ئىكەن، مەخسۇس تۇرمۇش ئوقۇتقۇچىسى بالىلارنىڭ تۇرمۇشى، يېتىپ - قوپۇشىغا مەسئۇل بولۇپ، ئۇلارنى ياخشى تۇرمۇش، تازىلىق ئادىتى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەيدىكەن، مەكتەپكە يەنە داۋالاش ئۆيى سەپلىنىپتۇ، شارائىتى ئىنتايىن ياخشى ئىكەن».

شىنجاڭنىڭ دۆلەتنىڭ مائارىپ سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى يېزا بالىلىرىنىڭ ئۈچ يىللىق يەسلى مائارىپىنىڭ ھەقسىز ئىكەنلىكىنى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپقا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدىغانلىقىنى بىلگەندە، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈرۈشتى: شىنجاڭ يېزىلىرىدىكى مەكتەپلەرنىڭ بۇنداق ياخشى باشقۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمىز، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلىشىگە ئەھمىيەت بېرىپتۇ، بالىلار بۇ يەردە بەختلىك ئۆسۈپ يېتىلىۋېتىپتۇ، ھۆكۈمەت ھەر مىللەت خەلق ئۈچۈن ئىنتايىن ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپتۇ.

ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسى ۋە ياتىقىدا، چەت ئەللىك مېھمانلار پات - پات يان تېلېفونىنى چىقىرىپ تاماق تىزىملىكى ۋە ياتاق مۇھىتىنى سۈرەتكە تارتتى. شۇ ۋاقىتتا، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 17 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان، 300 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى كاۋچۇك يۈگۈرۈش يولى بار مەيداندا، مەكتەپ پۇتبول كوماندىسىدىكى بالىلار مەكتەپ پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈۋاتاتتى. كۈچلۈك ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى، مۇكەممەل ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى، جانلىق دەرسخانا كەيپىياتىدىن قايىل بولغان چەت ئەللىك مېھمانلار: «يېزا ئوقۇغۇچىلىرىمۇ مۇشۇنداق ئەلا سۈپەتلىك ئوقۇتۇش بايلىقىدىن بەھرىمەن بولالايدىكەن!»، دېيىشتى.

ئەزەربەيجاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى زەيزاللى ئەكرەم مۇنداق دېدى: «بىز شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى كۆردۇق، قايتىپ بارغاندىن كېيىن كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىمىزنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ئېيتىپ بېرىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.