تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«جۇڭگو ھۆكۈمىتى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن غايەت زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى»

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لى شىڭ، مېھرىگۈل ناسىر

«بۇ سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى كۆرۈپ، مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئىشلىگەن خىزمەتلىرىنى تەرىپلەيمەن.» دېدى 3 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، بېنگالنىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ 2 - دەرىجىلىك ئەلچىسى نازىرۇل ئىسلام مۇھەممەت. شۇ كۈنى، شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولۇۋاتقان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ھەم ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋە دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى ۋەكىللەر ئۆمىكى قەشقەر ۋىلايىتى پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ شەھەر - يېزا ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

پەيزاۋات ناھىيەلىك شەھەر - يېزا ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش باش پونكىتىدا، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى مۇنۇلارنى ئىگىلىدى: ئىلگىرى پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ ئىچىدىغان سۈيىدە فىتور، ئارسېن ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىش، تەمى قىرتاق، تۇزلۇق بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت ئىدى. 2019 - يىلىدىن باشلاپ، ھۆكۈمەت 1 مىليارد 749 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى، بۈگۈنكى كۈندە، پۈتۈن ناھىيە بويىچە 470 مىڭ ئامما ئەلا سۈپەتلىك، بىخەتەر بولغان خاتىرجەم سۇ ئىچەلەيدىغان بولدى.

نازىرۇل ئىسلام مۇھەممەت مۇنداق دېدى: بىز سۈرەتتىن بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ئىلگىرى ئىنتايىن جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكىنى، ھازىر ناھايىتى ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگونىڭ ئەمەلىي كۈچى كۈچىيىپ، غايەت زور مەبلەغ سېلىپ بۇ سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپتۇ، ئاممىنى پاكىز، بىخەتەر سۇ ئىچىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپلا قالماي، يەنە شۇ جاينىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلاپتۇ، شۇ جايدىكىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپتۇ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپتۇ.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ۋىلادىمىر نوروۋ بۇ قۇرۇلۇشنى ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختىدى. «سۇ ھاياتلىق مەنبەسى، ئادەمنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقى، بىخەتەرلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.» ۋىلادىمىر نوروۋ مۇنداق دېدى: شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، كىشىلەرنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچى زور دەرىجىدە ئېشىپتۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن كۆرسەتكەن غايەت زور تىرىشچانلىقىغا گۇۋاھ بولدى، تۆھپىسى ھازىرقىلارغا، پايدىسى كېيىنكىلەرگە بولىدۇ.

ئاقسۇ كۆكيار كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى خاتىرە سارىيىدا، ئاقسۇ خەلقىنىڭ تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ ئىشلەپ، چۆل باياۋاننى يېشىل سەددىچىن سېپىلى، بوستانلىق باغقا ئايلاندۇرغانلىقىدەك شانلىق مۇساپىسى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ھەربىر كىشىنى ھەيرەتتە قالدۇردى.

«جۇڭگو ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى قويۇپ بېرىشنى 2030 - يىلىدىن بۇرۇن تىرىشىپ چوققا قىممەتكە يەتكۈزىدىغانلىقىنى، 2060 - يىلىدىن ئىلگىرى كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ بۇلغىما ئازايتىش ۋەدىسى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتتە قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى.» پاكىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مويىن خاك مۇنداق دېدى: بۈگۈن بىز كۆكياردا جۇڭگونىڭ كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قوشقان غايەت زور تۆھپىسىنى كۆردۇق، بۇلارنىڭ ھەممىسى كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ.

«جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، بۇ يەردىكى كىشىلەر جاپالىق شارائىتتا چۆل - جەزىرىنى 10 مىڭ مولۇق ئورمان دېڭىزىغا ئايلاندۇرۇپتۇ، ھەقىقەتەن قالتىس ئىش ئىكەن.» رۇسىيەنىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ ۋاقىتلىق ۋاكالەتچىسى ئىۋان رېروخوۋېتسېۋ مۇنداق دېدى: ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ياخشىلىنىشى شۇ جايدىكى خەلقنى پايدىدىن تولۇق بەھرىمەن قىلىپتۇ. بۈگۈنكى شىنجاڭدا ھەر مىللەت ئامما گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىدىغان، گۈزەل تۇرمۇشتىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان يېڭى مەنزىرە نامايان بولۇۋېتىپتۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.