تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لى شىڭ، مېھرىگۈل ناسىر خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولۇۋاتقان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ۋىلادىمىر نوروۋ ھەم ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋە دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرىدىن بولۇپ 30 نەچچە كىشى پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم ئالاقىدار مەسىلىلەرگە جاۋاب قايتۇردى.

شۆھرەت زاكىر شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، مۇقىملىقىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا جەمئىيەت مۇقىم بولغان، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خەلقئارادىكى ئايرىم يامان غەرەزدىكى كىشىلەر شىنجاڭغا ئالاقىدار يالغان - ياۋىداق سۆزلەرنى تەرەپ - تەرەپتە تارقىتىپ، پىتنە - ئىغۋا تارقىتىپ تۆھمەت قىلىپ، ئاتالمىش «شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلە»لەرنى قەستەن ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، شىنجاڭنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇندى. بۇنى بىز كۈچلۈك ئەيىبلەيمىز ۋە قەتئىي قارشى تۇرىمىز! شىنجاڭ قىلغان ھەممە ئىش ئوچۇق - ئاشكارا، سەمىمىي بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بەخت يارىتىش ئۈچۈندۇر. بىز كۆپچىلىكنىڭ شىنجاڭغا كۆپرەك كېلىپ ئايلىنىپ بېقىشىنى، كۆرۈپ بېقىشىنى، ھەقىقىي شىنجاڭنى چۈشىنىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.

ۋىلادىمىر نوروۋ ھەمدە ئىران، پاكىستان، رۇسىيە، ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، تۇرالغۇ كاپالىتى، مەجبۇرىيەت مائارىپى ۋە داۋالاش - سەھىيە قاتارلىق جەھەتلەردە قالتىس مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپتۇ، ئىقتىسادى تېز يۈكسىلىپتۇ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپتۇ. بىرنەچچە كۈنلۈك ئېكسكۇرسىيە، زىيارەتتە بولۇش ۋە بۇ قېتىمقى پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئارقىلىق، بىز شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى چوڭقۇر ئىگىلىدۇق، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىغا ئائىت ھەقىقىي ئەھۋاللارنى ئىگىلىدۇق، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش جەھەتلەردە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى ئالقىشلايمىز ۋە قوللايمىز. جۇڭگو شىنجاڭنىڭ داۋاملىق رايون تىنچلىقى، خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ زور رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپا - ئاسىيا ئىشلىرى بويىچە ئالاھىدە ۋەكىلى لى خۇي مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتتى، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. شىنجاڭنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بولغان دوستانە ئالاقىنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىساد - سودا، ئادىمىيەت، پەن - تېخنىكا، قاتناش، ئاممىۋى سەھىيە قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، گۈللىنىشتىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، گۈزەل كېلەچەكنى ئورتاق يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا، شىنجاڭنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى، ئۆرپ - ئادىتى ۋە تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن قىسقا سىن فىلىمى قويۇلدى. شىنجاڭدىن كەلگەن مۇتەخەسسىس، ئالىملار ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما ھەقىقىي مىساللار ۋە سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق، شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى قاتارلىق ساھەلەرنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ، غەربتىكى بىر قىسىم تاراتقۇلارنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىگە رەددىيە بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.