تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسى (2)

33 - باب دېڭىز - ئوكيان ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقىنى پائال كېڭەيتىش

دېڭىز - قۇرۇقلۇقنى بىرتۇتاش پىلانلاش، ئادەم بىلەن دېڭىز ئىناق ئۆتۈش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دېڭىز - ئوكيان ئېكولوگىيەسىنى قوغداش، دېڭىز - ئوكيان ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە دېڭىز - ئوكيان ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداشنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، دېڭىز - ئوكيان كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىش لازىم.

1 - پاراگراف زامانىۋى دېڭىز - ئوكيان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش

دېڭىز - ئوكيان قۇرۇلۇشى، دېڭىز - ئوكيان بايلىقى، دېڭىز - ئوكيان مۇھىتى قاتارلىق ساھەلەردىكى بىر تۈركۈم ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك. دېڭىز - ئوكيان قۇرۇلۇشى جابدۇقلىرى، دېڭىز - ئوكيان بىيو تېببىي دورىگەرلىك كەسىپلىرىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، دېڭىز سۈيىنى تۇزسىزلاندۇرۇش ۋە دېڭىز - ئوكيان ئېنېرگىيەسىدىن كۆلەملىك پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېڭىز - ئوكيان مەدەنىيەت ساياھىتىنى ئېچىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش لازىم. يېقىن دېڭىز يېشىل باقمىچىلىقىنىڭ جايلىشىشىنى ياخشىلاپ، دېڭىز - ئوكيان چارۋىچىلىق مەيدانى قۇرۇپ، يىراق ئوكيان بېلىقچىلىقىنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇش لازىم. بىر تۈركۈم يۇقىرى سۈپەتلىك دېڭىز - ئوكيان ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۈلگە رايونى ۋە ئۆزگىچە دېڭىز - ئوكيان كەسىپ توپى بەرپا قىلىپ، شىمالىي قىسىم، شەرقىي قىسىم، جەنۇبىي قىسىمدىكى ئۈچ چوڭ دېڭىز - ئوكيان ئىقتىساد چەمبىرىكىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. دېڭىز بويى ئىقتىساد بەلبېغىنى تىرەك قىلغان ھالدا، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن دېڭىزغا ئالاقىدار ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لازىم.

2 - پاراگراف ئىمكانىيەتلىك سىجىل دېڭىز - ئوكيان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى بەرپا قىلىش

دېڭىز بويى، ۋادى، دېڭىز تەۋەلىكى ماس بىر گەۋدە قىلىنغان ئۇنىۋېرسال تۈزەش سىستېمىسى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. دېڭىز قاشالاپ تىندۇرۇشنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى چىڭىتىپ، دېڭىز قىرغىقى بەلبېغىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش ۋە دېڭىز ساھىلىدىكى سۇلۇق يەرلەرنى قوغداشنى كۈچەيتىش لازىم. دېڭىزغا بۇلغىما چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان دەريا - ئېقىنلار سۈيىنىڭ كەسمە يۈز سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم. نۇقتىلىق دېڭىز تەۋەلىكىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋادى - دەريا ئېغىزى - قىرغاققا يېقىن دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ھەمتۈرتكە مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، گۈزەل دېڭىز قولتۇقىنى قوغداش ۋە قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دېڭىزغا نېفىت چىقىپ كېتىش، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇم سارقىپ كېتىش قاتارلىق ئېغىر مۇھىت خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، دېڭىز - ئوكيان تەبىئىي ئاپىتى ۋە تاسادىپىي مۇھىت ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش لازىم. دېڭىز قىرغاق لىنىيەسىنى قوغداش، دېڭىز تەۋەلىكى ۋە ئادەمسىز ئاراللاردىن ھەقلىق پايدىلىنىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېڭىز بويى ئىمارەتلىرىنى چېكىندۈرۈش پاسىلى تۈزۈمى ۋە دېڭىز - ئوكيان ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنىنى تۆلىتىش تۈزۈمى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تەبىئىي قىرغاق لىنىيەسىنى ساقلاپ قېلىش نىسبىتىنى %35تىن تۆۋەنلىتىۋەتمەسلىك لازىم.

3 - پاراگراف دۇنياۋى دېڭىز - ئوكيان ئىدارە قىلىشقا چوڭقۇر قاتنىشىش

كۆك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، خەلقئارا دېڭىز - ئوكيان ئىدارە قىلىش مېخانىزمى ۋە ئالاقىدار قائىدىلەرنى تۈزۈش - يولغا قويۇشقا چوڭقۇر قاتنىشىپ، ئادىل، مۇۋاپىق خەلقئارا دېڭىز - ئوكيان تەرتىپى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، دېڭىز - ئوكيان تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش لازىم. دېڭىز بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن دېڭىز - ئوكيان مۇھىتىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ۋە قوغداش، ئىلمىي تەتقىقات ۋە دېڭىزدا ئىزدەش - قۇتۇلدۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چوڭقۇر دېڭىز ئىستراتېگىيەلىك بايلىقلىرى ۋە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى تەكشۈرۈش - باھالاشنى كۈچەيتىش لازىم. شىمالىي قۇتۇپ ئەمەلىي ھەمكارلىقىغا قاتنىشىپ، «مۇز ئۈستى يىپەك يولى» بەرپا قىلىش كېرەك. جەنۇبىي قۇتۇپنى قوغداشقا قاتنىشىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش لازىم. ۋەزىيەتكە ئىلمىي ھۆكۈم قىلىش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە قانۇن نەزەرىيەسى كۈرىشىنى كۈچەيتىپ، دېڭىز ئىشلىرى ئەدلىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ دېڭىز - ئوكيان ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداش لازىم. دېڭىز - ئوكيان تۈپ قانۇنى چىقىرىشنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

10 - قىسىم سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇش

ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈش، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەش، يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئوبرازنى نامايان قىلىشتەك بۇرچ ۋە ۋەزىپىنى چۆرىدەپ، خەلقنىڭ مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش بىلەن خەلقنىڭ مەنىۋى كۈچىنى ئاشۇرۇشنىڭ بىرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

34 - باب جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش

سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە لايىق ئىدىيەۋى قاراش، مەنىۋى قىياپەت، مەدەنىي كەيپىيات، ھەرىكەت قائىدىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش لازىم.

1 - پاراگراف غايە - ئېتىقاد تەربىيەسىنىڭ دائىملىشىشى ۋە تۈزۈملىشىشىگە تۈرتكە بولۇش

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىگە دائىر ئۆگىنىش - تەربىيەنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇش، خەلقنى تەربىيەلەش خىزمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش»قا دائىر تۈزۈم ۋە ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزملارنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ۋە جۇڭگو ئارزۇسى تەشۋىق - تەربىيەسىنى ئىزچىل قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزم، سوتسىيالىزم تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئىنقىلابىي مەدەنىيەتكە دائىر تەتقىقات، شەرھلەش ۋە تەشۋىق - تەربىيەنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەردىكى كۈرەشلەردە شەكىللەندۈرگەن ئۇلۇغ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش لازىم. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرىدىغان قانۇن ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ تەلىپىنى قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى ۋە جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشقا سىڭدۈرۈپ، خەلق مائارىپى، مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش، مەدەنىيەت مەھسۇلاتى يارىتىش - ئىشلەپچىقىرىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا نامايان قىلىش كېرەك. ياش - ئۆسمۈرلەر غايە - ئېتىقاد تەربىيەسىنى تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم.

2 - پاراگراف جۇڭگوچە پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەنلەرنى راۋاجلاندۇرۇش

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق تەتقىق قىلىش، نەشر قىلىش، تارقىتىش، تەشۋىق قىلىش ۋە شەرھلەشنى كۈچەيتىپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈش، ئاممىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. ماركسىزملىق نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى تەتقىقاتى مەركىزى (يۇرتى)، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى سىستېمىسى تەتقىقات مەركىزى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» قاتارلىق ئۆگىنىش سۇپىلىرىنى ياخشى قۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك. جۇڭگوچە پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەنلەر پەن سىستېمىسى، ئىلىم سىستېمىسى ۋە سۆز سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەنلەردە يېڭىلىق يارىتىش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە يېڭىچە ئاقىللار ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش لازىم.

3 - پاراگراف جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش

جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، مۇھىم مەدەنىي ۋە تەبىئىي مىراسلار، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى سىستېمىلىق قوغداشنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئىجادىي ئايلاندۇرۇش ۋە ئىجادىي راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش ۋە ئارخېئولوگىيەلىك جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بايلىقىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە قەدىمىي ئەسەرلەرنى قوغداش، تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە قىزىل خارابىلەرنى قوغداشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يىتتۈپ كەتكەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى سۈرۈشتۈرۈش - قايتۇرۇپ كېلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. سەددىچىن، بۈيۈك قانال، ئۇزۇن سەپەر، خۇاڭخې دەرياسى قاتارلىق دۆلەت مەدەنىيەت باغچىلىرىنى قۇرۇپ، دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى، قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى، ئارخېئولوگىيەلىك خارابە باغچىسى، تارىخىي مەدەنىيەتلىك داڭلىق شەھەر، داڭلىق بازار، داڭلىق كەنتلەرنى قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك. غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىكىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى كۈچەيتىش لازىم.

4 - پاراگراف پۇقرالارنىڭ مەدەنىيلىك ساپاسىنى سىجىل ئۆستۈرۈش

پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىي ئەخلاق، كەسپىي ئەخلاق، ئائىلە گۈزەل ئەخلاقى، شەخسىي ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇش كېرەك. دۆلەت ئوردېنى، دۆلەت شەرەپ نامىغا ئېرىشكۈچىلەر ۋە دەۋر ئۈلگىسى، ئەخلاق نەمۇنىچىسى، ئەڭ گۈزەل شەخس ۋە ئەتراپىمىزدىكى ياخشى ئادەملەرنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئۇلاردىن ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرۇش لازىم. مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى مەركىزى قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتىپ، مەدەنىي شەھەر، مەدەنىي كەنت، مەدەنىي ئورۇن، مەدەنىي مەكتەپ، مەدەنىي ئائىلىلەرنى باھالاش - تەقدىرلەشنى ئىلمىي، قېلىپلىق ياخشى ئىشلەپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىدىيە - ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. شەھەر ئاھالىسى ئەھدىنامىسى، يېزا ئاھالىسى قائىدىسى، ئوقۇغۇچىلار قائىدىسى، كوللېكتىپ نىزامنامىسى قاتارلىق ئىجتىمائىي قائىدىلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەخلاقسىز قىلمىشلارنى جازالاش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش لازىم. سەمىمىيەت مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سەمىمىي جەمئىيەت قۇرۇش كېرەك. پىدائىيلار مۇلازىمىتى بويىچە غەمخورلۇق قىلىش ھەرىكىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش لازىم. جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، تىرىشچان - ئىقتىسادچىل بولۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئەمگەك ئارقىلىق بەخت يارىتىش تېمىسىدىكى تەشۋىق - تەربىيەنى قانات يايدۇرۇش لازىم. تور مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىجابىي، ساغلام تور مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇش لازىم.

35 - باب ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش

خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، سوتسىيالىزم ئۈچۈن خىزمەت قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەممە ئېقىملار بەس - بەستە سايراش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ۋە تۈزۈلمە - مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تارقىتىش، كېڭەيتىش ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ مەدەنىيەت ھوقۇق - مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.

1 - پاراگراف ئېسىل مەدەنىيەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تارقىتىشنى كۈچەيتىش

سۈپەت ئۆستۈرۈشنى ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ جان تومۇرى قىلىپ، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، مۇھىم رېئاللىق، مۇھىم ئىنقىلاب، مۇھىم تارىخىي تېمىلاردىكى ئىجادىيەت يىرىك پىلانىنى تەشكىللەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېزىلار، بالىلار تېمىسىدىكى ئەدەبىي ئىجادىيەتنى كۈچەيتىپ، دەۋرنىڭ يېڭى قىياپىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، خەلقنىڭ يېڭى ئىجادىيىتىنى كۈيلەيدىغان نادىر ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش لازىم. مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىجاد قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش، تارقىتىش، يېتەكلەش، تەشۋىق قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇشقا ئىلھام بېرىش مېخانىزمى ۋە باھالاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ساغلام، ئوچۇق ئەدەبىيات - سەنئەت ئېكولوگىيەسى يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مەدەنىيەت قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىجادىيەت ئىختىساسلىقلىرى، ئەخلاق ۋە سەنئەتتە كامالەتكە يەتكەن مەشھۇر ئۇستازلارنى يېتىشتۈرۈش كېرەك.

2 - پاراگراف ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش

شەھەر - يېزا مەدەنىيەت بايلىقىنىڭ تەقسىملىنىشىنى ياخشىلاپ، شەھەر - يېزا ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. مەدەنىيەتتە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى ئىجادىي يولغا قويۇپ، ئاساسىي قاتلام ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئاممىۋى كۇتۇپخانا، مەدەنىيەت سارىيى، گۈزەل سەنئەت سارىيى، مۇزېي قاتارلىق ئاممىۋى مەدەنىيەت سورۇنلىرىنى ھەقسىز ئېچىۋېتىش ۋە رەقەملەشتۈرۈپ راۋاجلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. تاراتقۇلارنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىچە ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنى كۈچەيتىش لازىم. جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش رادىيو سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاقىل رادىيو - تېلېۋىزىيە ئارقىلىق چېگرا رايوننى مۇستەھكەملەش قۇرۇلۇشى ۋە يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش لازىم. ئارخىپ ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، «كىتابخۇمار جۇڭگو» قۇرۇپ، يېزىلاردا كىنو قويۇشنى سەرخىللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ ھەرىكەت مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ۋە ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تىجارىتىگە قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك.

3 - پاراگراف جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش

تاشقى مەدەنىيەت ئالاقىسى ۋە كۆپ قاتلاملىق مەدەنىيلىك سۆھبەتلىرىنى كۈچەيتىپ، خەلقئاراغا تارقىتىشنى ئىجادىي ئىلگىرى سۈرۈپ، تور ئىچى - سىرتىدىن پايدىلىنىپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭگو ئاۋازىنى ياخشى تارقىتىپ، خەلقلەرنىڭ قەلب رىشتىسىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. «جۇڭگونى ھېس قىلىش»، «جۇڭگونى ئوقۇش»، «جۇڭگونى كۆرۈش - ئاڭلاش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو مەدەنىيەت يىلى (بايرىمى)، ساياھەت يىلى (بايرىمى)نى ياخشى ئۆتكۈزۈش كېرەك. خەنزۇچە تارقىتىش سۇپىسى قۇرۇپ، جۇڭگو تىل - مەدەنىيىتىنى پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىش سىستېمىسى ۋە خەلقئارا خەنزۇچە ئوقۇتۇش ئۆلچەم سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

36 - باب زامانىۋى مەدەنىيەت كەسىپلىرى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش

ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، ئىجتىمائىي ئۈنۈم بىلەن ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋى مەدەنىيەت كەسىپلىرى سىستېمىسى ۋە بازار سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.

1 - پاراگراف سۈپەتلىك مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىنى كېڭەيتىش

مەدەنىيەت كەسپىنى رەقەملەشتۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يېڭىچە مەدەنىيەت كارخانىسى، مەدەنىيەت كەسىپ ھالىتى، مەدەنىيەت ئىستېمالى ئەندىزىسىنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، رەقەملىك ئىجادىيەت، توردا ئاڭلاش - كۆرۈش، رەقەملىك نەشر، رەقەملىك تاماشا، توردا كۆرسىتىش قاتارلىق كەسىپلەرنى زورايتىش كېرەك. سۈزۈك تېلېۋىزىيە پىروگراممىسى ئىشلەش - تارقىتىش ئىقتىدارىنى تېز ئۆستۈرۈپ، تېلېۋىزىيە قاناللىرىنى سۈزۈكلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سىڭمە سىن، بۇلۇتلۇق ئۇلاپ ئاڭلىتىش قاتارلىقلارنى قوللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. مەدەنىيەت ماركىسى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، بىر تۈركۈم تەسىر كۈچىگە ئىگە ۋەكىللىك مەدەنىيەت ماركىسى يارىتىش كېرەك. تايانچ مەدەنىيەت كارخانىلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، مەدەنىيەت كەسپى باغچە رايونلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، رايون مەدەنىيەت كەسىپلىرى بەلبېغى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش لازىم. تاشقى مەدەنىيەت سودىسىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، چەت ئەل مەدەنىيەت بازىرىنى ئېچىپ، ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى ۋە كىنو - تېلېۋىزىيە تىياتىرى، ئېلېكتىرونلۇق ئويۇن قاتارلىق رەقەملىك مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى سىرتقا چىقىرىشقا ئىلھام بېرىپ، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت ئېكسپورت بازىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك.

2 - پاراگراف مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش

مەدەنىيەت ئارقىلىق ساياھەت بەرپا قىلىش، ساياھەت ئارقىلىق مەدەنىيەتنى نامايان قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزگىچە سېھرىي كۈچكە ئىگە جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ساياھەتچىلىكى بەرپا قىلىش كېرەك. ئاممىۋى ساياھەت، ئاقىل ساياھەتنى چوڭقۇر راۋاجلاندۇرۇپ، ساياھەت مەھسۇلاتلىرى سىستېمىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ساياھەت ئىستېمالىنىڭ ھۇزۇرىنى ياخشىلاش كېرەك. رايون ساياھەت ماركىلىرى ۋە مۇلازىمىتىنى بىرىكتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، بىر تۈركۈم مەدەنىيەت مەزمۇنى مول دۇنياۋى ساياھەت مەنزىرە رايونى ۋە ئىستىراھەت رايونى قۇرۇپ، روشەن مەدەنىيەت خاسلىقىغا ئىگە بىر تۈركۈم دۆلەت دەرىجىلىك ساياھەت - ئىستىراھەت شەھىرى ۋە كوچىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك. قىزىل ساياھەت، مەدەنىيەت مىراسلىرى ساياھىتى، ساياھەت ئويۇنى قاتارلىقلارنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارام - ئىستىراھەت، يېزا - كەنت ساياھىتى قاتارلىقلارنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ساياھەت پاراخوتى، سەيلە كېمىسى، تۆۋەن بوشلۇق ساياھىتى قاتارلىقلارنى راۋاجلاندۇرۇش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ساياھەت ئۇل ئەسلىھەسى ۋە ئۆتەڭ سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ساياھەتچىلىك ھاجەتخانا ئىنقىلابىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاقىل مەنزىرە رايونى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ساياھەت مۇلازىمىتىنىڭ سۈپەت باھالاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، تور ساياھەت باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش لازىم.

3 - پاراگراف مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش

مەدەنىيەت باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە ئىشلەپچىرىش - تىجارەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەدەنىيەتنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. دۆلەت مەدەنىيەت مۈلكىنى باشقۇرۇشنىڭ تۈزۈلمە - مېخانىزملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پاراۋانلىق مەدەنىيەت كەسپى ئورۇنلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت ئاپپاراتلىرىنىڭ قانۇنىي ئىگە ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. دۆلەت مەدەنىيەت كارخانىلىرىنى تۈرگە ئايرىش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىلكىدىكى ئەدەبىيات - سەنئەت ئۆمەكلىرى ئىسلاھاتى ۋە كىنوچىلىق سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مەدەنىيەت بازىرى ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا قىلىش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى توردا قوغداش، ئۇچۇر تورىدا ئۈن - سىن تارقىتىش قاتارلىق ساھەلەرگە دائىر قانۇن - نىزام چىقىرىش كېرەك.

11 - قىسىم يېشىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش

سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىش، تەبىئەتكە ماسلىشىش، تەبىئەتنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ، تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، تەبىئىيلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ساھەسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئومۇميۈزلۈك يېشىل تەرەققىيات تىپىغا ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈزەل جۇڭگو بەرپا قىلىش كېرەك.

37 - باب ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ سۈپىتى ۋە مۇقىملىقىنى ئاشۇرۇش

تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقنى سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ ئۆزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارى ۋە مۇقىملىقىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، تەبىئىي ئېكولوگىيەنىڭ بىخەتەرلىك پاسىلىنى چىڭ ساقلاپ، تەبىئىي ئېكولوگىيە سىستېمىسى سۈپىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

1 - پاراگراف ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش

دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى پىلانلاش ۋە ئىشلىتىلىشىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى، مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىز، شەھەر - بازارلارنى كېڭەيتىش چېكى شۇنىڭدەك دېڭىز تەۋەسىنى قوغداش سىزىقىنى بېكىتىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق ئېكولوگىيە فۇنكسىيەلىك رايونى، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى، دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرى قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مۇھىم ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويۇپ، چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكى ئېكولوگىيە توسۇقى رايونى، خۇاڭخې دەرياسى نۇقتىلىق ئېكولوگىيە رايونى، چاڭجياڭ دەرياسى نۇقتىلىق ئېكولوگىيە رايونى ۋە شەرقىي شىمال ئورمان بەلبېغى، شىمالىي جۇڭگو قۇم تىزگىنلەش بەلبېغى، جەنۇبىي جۇڭگو ئېدىرلىق - تاغلىق رايونى، دېڭىز قىرغاق بەلبېغى قاتارلىق ئېكولوگىيە توسۇقى قۇرۇلۇشلىرىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. چاڭجياڭ، خۇاڭخې قاتارلىق چوڭ دەريالار ۋە مۇھىم كۆل، سۇلۇق يەرلەرنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، مۇھىم ئېكولوگىيە كارىدورلىرىنى قۇرۇش ۋە قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك. تەبىئىي ئورمان ۋە سۇلۇق يەرنى قوغداشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، سۇلۇق يەرنى قوغداش نىسبىتىنى %55كە يەتكۈزۈش لازىم. سۇ - تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى ۋە چۆللىشىش، تاشلىشىشنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى ئىلمىي ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت زېمىنىنى كەڭ كۆلەمدە كۆكەرتىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇملاشتۇرۇش لازىم. ھاۋارايىغا تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى ئىلمىي قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئوتلاق، ئورمان، دەريا، كۆللەرنىڭ ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىشىغا ئىمكان بېرىپ، تېرىلغۇ يەرنى شۈدىگەرلەش - نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تېرىلغۇدىن ئورمان، ئوتلاققا قايتۇرۇش، ئېتىزدىن كۆل، سۇلۇق يەرگە قايتۇرۇش، قورشاۋدىن ساھىل، دېڭىزغا قايتۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

2 - پاراگراف تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرى سىستېمىسى بەرپا قىلىش

تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرىنىڭ قوغداش دائىرىسى ۋە فۇنكسىيەلىك رايونىنى ئىلمىي بېكىتىپ، تۈرلۈك مۇھاپىزەت يەرلىرىنى بىرىكتۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى تېزلىتىپ، دۆلەت باغچىسى ئاساسىي گەۋدە، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرى ئاساس، تۈرلۈك تەبىئىي باغچىلار تولۇقلىما قىلىنغان تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرى دائىرىسىدىكى غەيرىي ئېكولوگىيە پائالىيىتىنى قاتتىق باشقۇرۇپ - تىزگىنلەپ، يادرولۇق رايوندىكى ئاھالە، تېرىلغۇ يەر، كان ھوقۇقىنى تەرتىپلىك چېكىندۈرۈشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دۆلەت باغچىسىنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە تىجارەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىر تۈركۈم دۆلەت باغچىلىرىنى بىرىكتۈرۈپ قۇرۇش كېرەك. جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشتىكى مۇھىم قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش تورى بەرپا قىلىپ، دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ۋە ئەتىۋارلىق، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋان، ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ماكانىنى قوغداش - ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، سىرتتىن كەلگەن تۈرلەرنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە يەر ئىشلىتىش، دېڭىز ئىشلىتىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرى، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ئۈنۈمىنى نازارەت قىلىش - باھالاشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك.

3 - پاراگراف ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىمىسى مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش

نۇقتىلىق ئېكولوگىيە فۇنكسىيەلىك رايونى، مۇھىم سۇ سىستېمىسى مەنبە رايونى، تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرىنىڭ يۆتكىمە چىقىم سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مەنپەئەتلەنگۈچى رايون ۋە قوغدىغۇچى رايون، ۋادىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىنلىرىنىڭ مەبلەغ تولۇقلىمىسى بېرىش، كەسىپ ئارقىلىق يۆلەش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق توغرا يۆنىلىشلىك ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى بېرىشنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك. بازارلاشقان، كۆپ مەنبەلىك ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ ئېكولوگىيەنى قوغداش - ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك. ئورمان، ئوتلاق ۋە سۇلۇق يەر ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. چاڭجياڭ دەرياسى، خۇاڭخې دەرياسى قاتارلىق مۇھىم ۋادىلاردا پۈتۈن ۋادى ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى مېخانىزمى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىممىتىنى رېئاللاشتۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسى ۋە ئۈچ دەريا مەنبەسى دۆلەت باغچىسى قاتارلىقلارنى نۇقتىدا سىناق قىلىش كېرەك. ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىمىسى نىزامىنى تۈزۈپ يولغا قويۇش كېرەك.

38 - باب مۇھىت سۈپىتىنى داۋاملىق ياخشىلاش

بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى چوڭقۇر ياخشى قىلىپ، مۇھىتنى تۈزەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، بۇلغىنىشنى دەل جايىدا، ئىلمىي، قانۇن بويىچە، سىستېمىلىق تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇلغىما ئازايتىش - كاربون تۆۋەنلىتىشنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاتموسفېرا، سۇ مۇھىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، تۇپراق بۇلغىنىش خەۋپ - خەتىرىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەش كېرەك.

1 - پاراگراف بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش

مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ خىل بۇلغىمىنى ھەمكارلىشىپ تىزگىنلەش ۋە رايونلار ھەمكارلىشىپ تۈزەشنى كۈچەيتىش كېرەك. شەھەر ئاتموسفېرا سۈپىتىنى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇششاق دانچە (PM2.5) ۋە ئوزون(O3)نى ھەمكارلىشىپ تىزگىنلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋىلايەت دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك شەھەرلەردە ئۇششاق دانچە(PM2.5) قويۇقلۇقىنى %10 تۆۋەنلىتىپ، ئوزون(O3) قويۇقلۇقىنىڭ ئېشىش يۈزلىنىشىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، ئېغىر بۇلغانغان ھاۋارايىنى ئاساسەن تۈگىتىش كېرەك. بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېي ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلار، فېنخې - ۋېيخې تۈزلەڭلىكى، چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنىڭ ئاتموسفېرا سۈپىتىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، شىمالدىكى رايونلاردا پاكىز ئىسسىنىش، سانائەت پېچلىرىنى تۈزەش، ئېلېكتىردىن باشقا كەسىپلەرنى پەۋقۇلئاددە تۆۋەن بۇلغىمىلىق قىلىپ ئۆزگەرتىشنى جايلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇچۇشچان ئورگانىك ماددا قويۇپ بېرىشنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى تېزلىتىپ، ئازوت ئوكسىد ۋە ئۇچۇشچان ئورگانىك ماددا قويۇپ بېرىش ئومۇمىي مىقدارىنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %10تىن كۆپرەك تۆۋەنلىتىش كېرەك. سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش بويىچە ۋادىلارنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ۋادى، نۇقتىلىق كۆل، شەھەر سۈيى ۋە قىرغاققا يېقىن دېڭىز تەۋەسىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى كۈچەيتىپ، گۈزەل دەريا - كۆللەرنى قوغداش ۋە قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىمىيەلىك ئايروبىك مىقدارى ۋە ئاممىياكلىق ئازوت قويۇپ بېرىش ئومۇمىي مىقدارىنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %8 تۆۋەنلىتىپ، دۆلەت تىزگىنلەيدىغان V تۈردىكى ناچار كەسمە يۈز سۈيى ۋە شەھەرلەردىكى قارا - سېسىق سۇنى ئاساسەن تۈگىتىش كېرەك. شەھەر ئىچىملىك سۇ مەنبە رايونلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، نۇقتىلىق ۋادىلاردىكى مۇھىتنى ئېغىر بۇلغايدىغان كارخانىلارنى كۆچۈرۈش - ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. بۇلغانغان تېرىلغۇ يەر ۋە قۇرۇلۇش يېرىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۇ، تۇپراق مۇھىتى خەۋپ - خەتىرىنىڭ ھەمكارلىشىپ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كېرەك. سولياۋدىن بۇلغىنىشنىڭ پۈتۈن زەنجىرلىك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش لازىم. مۇھىتنىڭ شاۋقۇندىن بۇلغىنىشىنى تۈزەشنى كۈچەيتىش كېرەك. يېڭى بۇلغىمىلارنى تۈزەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

2 - پاراگراف مۇھىت ئۇل ئەسلىھە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش

پاسكىنا سۇ، ئەخلەت، قاتتىق تاشلاندۇق، خەتەرلىك تاشلاندۇق، تېببىي تاشلاندۇقلارنى بىرتەرەپ قىلىش ئەسلىھەسى ۋە ئۆلچەش - نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىقتىدارى بىر گەۋدە قىلىنغان مۇھىت ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، شەھەردىن ئىشتاتلىق بازار ۋە يېزا - كەنتلەرگە سوزۇلغان ۋە قاپلىغان مۇھىت ئۇل ئەسلىھە تورىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. شەھەر - بازارلارنى پاسكىنا سۇ تۇرۇبا تورى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پاسكىنا سۇ بىر تەرەپ قىلىش ئۆلچىمىنى پەرقلىق، دەل جايىدا ئۆستۈرۈپ، بۇلغانغان پاتقاقنى مەركەزلىك كۆيدۈرۈپ زىيانسىزلاندۇرۇپ بىرتەرەپ قىلىشنى ئومۇملاشتۇرۇپ، شەھەرلەردە بۇلغانغان پاتقاقنى زىيانسىزلاندۇرۇپ بىرتەرەپ قىلىش نىسبىتىنى %90تىن ئاشۇرۇش، ۋىلايەت دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك سۇ قىس شەھەرلەردە پاسكىنا سۇنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش نىسبىتىنى %25تىن ئاشۇرۇش كېرەك. تۇرمۇش ئەخلىتىنى تۈرگە ئايرىپ تاشلاش، تۈرگە ئايرىپ يىغىش، تۈرگە ئايرىپ توشۇش، تۈرگە ئايرىپ بىرتەرەپ قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. خەتەرلىك تاشلاندۇقتىن مەركەزلىك پايدىلىنىش - بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرىنى ئاساسلىق كەسىپ بازىلىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ھالدا جايلاشتۇرۇش كېرەك. ۋىلايەت دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك شەھەرلەردە تېببىي تاشلاندۇقلارنى مەركەزلىك بىرتەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرىنى تېزدىن قۇرۇپ، ناھىيەلەردىكى تېببىي تاشلاندۇق يىغىش - توشۇش - بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

3 - پاراگراف مۇھىت خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى چىڭىتىش

نۇقتىلىق خەۋپ - خەتەر مەنبەسىنى باھالاش، سىگنال بېرىش ۋە جىددىي بىرتەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. قاتتىق تاشلاندۇقلارنى قانۇنسىز دۆۋىلەپ ساقلاشنى ئومۇميۈزلۈك تۈزەپ، خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش لازىم. نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق ساھەلەردە ئېغىر مېتالدىن بۇلغىنىشنى نازارەت قىلىش - سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىش كېرەك. زەھەرلىك، زىيانلىق خىمىيەلىك ماددىلارنىڭ مۇھىت خەۋپ - خەتىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق رايونلاردىكى خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى كۆچۈرۈش - ئۆزگەرتىشنى تاماملاش كېرەك. يادرو ۋە رادىياتسىيە بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، رادىيوئاكتىپلىق بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تاسادىپىي ۋەقەسىدىن كېيىنكى باھالاش مېخانىزمى ۋە ئاممىنىڭ ساغلاملىقىغا يەتكۈزىدىغان تەسىرىنى باھالاش تۈزۈمى ئورنىتىش لازىم. خەۋپ - خەتىرى يۇقىرى ساھەلەردە مۇھىت بۇلغىنىشى مەجبۇرىي جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسىنى يولغا قويۇش كېرەك.

4 - پاراگراف كىلىمات ئۆزگىرىشىگە پائال تاقابىل تۇرۇش

دۆلەتنىڭ 2030 - يىلىغىچە بولغان كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش خاس تۆھپە نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كاربون چىقىرىشنى 2030 - يىلىدىن بۇرۇن چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش ھەرىكەت لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىش كېرەك. ئېنېرگىيە ئىستېمالىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ۋە سىجىللىقىنى قوش تىزگىنلەش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تاشقاتما ئېنېرگىيە ئىستېمالىنى نۇقتىلىق تىزگىنلەش لازىم. كاربون سىجىللىقىنى تىزگىنلەشنى ئاساس، كاربون چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەشنى قوشۇمچە قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، شارائىتى يار بېرىدىغان جايلار، نۇقتىلىق ساھەلەر، نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ باشلامچىلىق بىلەن كاربون چىقىرىش چوققا قىممىتىگە يېتىشىنى قوللاش كېرەك. ئېنېرگىيەدىن پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سانائەت، بىناكارلىق، قاتناش قاتارلىق ساھەلەرنى تۆۋەن كاربونلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مېتان، ھىدرو فتور كاربىد، پېرفتورىد قاتارلىق باشقا پارنىك گازلىرىنى تىزگىنلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ كاربون يىغىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش لازىم. 2060 - يىلىدىن بۇرۇن كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشنى كۆزلەپ، تېخىمۇ كۈچلۈك سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى قوللىنىش كېرەك. يەر شارى كىلىماتى ئىللىپ كېتىشنىڭ ئېلىمىزنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ئاجىز رايونلىرىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى كۆزىتىش ۋە باھالاشنى كۈچەيتىپ، شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكى ئۇنىۋېرسال ئىلمىي تەكشۈرۈش تەتقىقاتىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئادىل، ئورتاق ئەمما پەرقلىق مەسئۇلىيەت ۋە ئۆز ئىقتىدارىغا قاراش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقىغا ئىجابىي قاتنىشىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى ۋە ئۇنىڭ پارىژ كېلىشىمىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقىنى پائال قانات يايدۇرۇش كېرەك.

5 - پاراگراف زامانىۋى مۇھىتنى تۈزەش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش

يەر ئۈستى، يەر ئاستى، قۇرۇقلۇق، دېڭىزنى بىرتۇتاش پىلانلايدىغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەش تۈزۈمى ئورنىتىش كېرەك. بۇلغىما چىقىرىش ئىجازىتى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، بارلىق مۇقىم بۇلغىما مەنبەسىگە بۇلغىما چىقىرىش ئىجازەتنامىسى تارقىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سانائەت بۇلغىما مەنبەسىدە سۈرۈك ئىچىدە ئۆلچەمگە يەتكۈزۈپ چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇلغىما چىقىرىش ھوقۇقى، ئېنېرگىيە ئىشلىتىش ھوقۇقى، سۇ ئىشلىتىش ھوقۇقى، كاربون چىقىرىش ھوقۇقى بازار سودىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مۇھىت ئاسراش، ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش چەكلىمە كۆرسەتكۈچلىرىنى باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. دەريا - كۆللەرنى باشقۇرۇش - قوغداش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دەريا باشلىقى تۈزۈمى، كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى كۈچەيتىش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندا تەبىئىي بايلىق مۈلكى بويىچە ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. مەركەزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى نازارەت قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۆلچەش، مەمۇرىي تەپتىش قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىشىنى تىك لىنىيەلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش بويىچە ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا قىلىش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت پاراۋانلىق دەۋاسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مۇھىت ئاسراش ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ مۇھىت تۈزەش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى نازارەتچىلىك ۋە پاش قىلىش - قايتما ئىنكاس قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە ئاممىنى مۇھىتنى تۈزەشكە ئورتاق قاتنىشىشقا يېتەكلەش كېرەك.

39 - باب تەرەققىيات ئۇسۇلىنى يېشىللاشتۇرۇشنى تېزلىتىش

ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بايلىق ئومۇمىي مىقدارىنى باشقۇرۇش، ئىلمىي تەقسىملەش، ئومۇميۈزلۈك تېجەش، ئايلانما پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداشنى ماس ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

1 - پاراگراف بايلىقتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش

ئېنېرگىيە تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، سانائەت، بىناكارلىق، قاتناش قاتارلىق ساھەلەر ۋە ئاممىۋى ئاپپاراتلاردا ئېنېرگىيە تېجەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، 5G، چوڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزى قاتارلىق گۈللىنىۋاتقان ساھەلەردە ئېنېرگىيە ئۈنۈمىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئېنېرگىيە ئىشلىتىدىغان نۇقتىلىق ئورۇنلارنىڭ ئېنېرگىيە تېجىشىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى ياخشىلاش، ئېنېرگىيە تېجەش تېخنىكىسىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇپ، ئېنېرگىيە سەرپىيات نورمىسى، مەھسۇلات - ئۈسكۈنە ئېنېرگىيە ئۈنۈمىنىڭ مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك دۆلەت ئۆلچىمىنى تۈزۈش - تۈزىتىشنى تېزلىتىش كېرەك. دۆلەت سۇ تېجەش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، سۇ بايلىقىغا قاتتىق چەك قويۇش تۈزۈمى ئورنىتىپ، يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، سانائەتتە سۇ تېجەپ بۇلغىما ئازايتىش ۋە شەھەر - بازارلاردا سۇ تېجەپ زىياننى ئازايتىشنى كۈچەيتىپ، ھاسىلىي سۇدىن پايدىلىنىشقا ئىلھام بېرىپ، بىرلىك GDPنىڭ سۇ ئىشلىتىش مىقدارىنى %16 ئەتراپىدا تۆۋەنلىتىش لازىم. يەردىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، تەستىقلانغان بولسىمۇ تەمىنلەنمىگەن يەر ۋە بىكار تۇرغان يەرنى بىرتەرەپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، شەھەر - بازارلاردىكى تۆۋەن ئۈنۈملۈك يەرلەرنى جانلاندۇرۇپ، زاۋۇت - كانلارنىڭ تاشلاندۇق يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ پايدىلىنىشىغا مەدەت بېرىپ، يەردىن بىرىكمە پايدىلىنىش ۋە ئىستېرېئولۇق ئېچىشنى قوللاش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىدىن كۆپىيىدىغان قۇرۇلۇش يېرى كۆلىمىنى 29 مىليون 500 مىڭ مو ئىچىدە تىزگىنلەپ، بىرلىك GDPدىكى قۇرۇلۇش يېرى ئىشلىتىش كۆلىمىنىڭ مۇقىم تۆۋەنلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش - قوغداش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېشىل كانچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېشىل كان بەرپا قىلىش كېرەك.

2 - پاراگراف بايلىقتىن ئايلانما پايدىلىنىش سىستېمىسى بەرپا قىلىش

ئايلانما ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، بايلىقتىن كۆپ قاتلاملىق يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلانما پايدىلىنىش سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. باغچا رايونىنى ئايلانما پايدىلىنىش تىپىغا ئۆزگەرتىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرىنى تولۇقلاپ ۋە ئۇزارتىپ، ئېنېرگىيە بايلىقىدىن پەلەمپەيسىمان پايدىلىنىش، تاشلاندۇقتىن تەكرار پايدىلىنىش ۋە بۇلغىمىنى مەركەزلىك بىرتەرەپ قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كۆپ مىقدارلىق قاتتىق تاشلاندۇقتىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قايتا ياساش كەسپىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. تېرىقچىلىق بىلەن باقمىچىلىق ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلگەن ئايلانما يېزا ئىگىلىكىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. كونا - كېرەكسىز نەرسىلەرنى يىغىۋېلىش ئەسلىھەلىرىنى پىلانلاپ قۇرۇشنى كۈچەيتىپ، شەھەرلەرنىڭ كونا - كېرەكسىز نەرسىلەرنى يىغىۋېلىش - ئايرىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىدا «تەتۈر يۆنىلىشلىك يىغىۋېلىش» قاتارلىق ئەندىزىلەرنى يولغا قويۇپ، تور ئىچى - سىرتى بىرلەشتۈرۈلگەن، يۆنىلىشى تىزگىنلىنىشچان بايلىق يىغىۋېلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ئىشلەپچىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىنى كېڭەيتىش تۈزۈمىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك. تېز يوللانما ئورالمىسىنى ئازايتىش، ئۆلچەملەشتۈرۈش ۋە ئۇنىڭدىن تەكرار پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

3 - پاراگراف يېشىل ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش

ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى، بۇلغىمىنى كۆپ چىقىرىدىغان تۈرلەرنى قارىغۇلارچە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قەتئىي توسۇپ، يېشىللىشىپ پائال تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئېنېرگىيە تېجەش - مۇھىت ئاسراش، پاكىز ئىشلەپچىقىرىش، پاكىز ئېنېرگىيە، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، ئۇل ئەسلىھەلەرنى يېشىللاشتۇرۇش - دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يېشىل مۇلازىمەت قاتارلىق كەسىپلەرنى زورايتىپ، ئېنېرگىيەنى توختام بويىچە باشقۇرۇش، سۇ تېجەشنى توختام بويىچە باشقۇرۇش، بۇلغانغان مۇھىتنى 3 - تەرەپ تۈزەش قاتارلىق مۇلازىمەت ئەندىزىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك. كۆمۈر قاتارلىق تاشقاتما ئېنېرگىيەلەردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پولات - تۆمۈر، نېفىت خىمىيە سانائىتى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى قاتارلىق كەسىپلەرنى يېشىللاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ مىقدارلىق يۈك ۋە ئوتتۇرا، ئۇزۇن يوللۇق يۈك تىرانسپورتىنى «تاشيولدا توشۇشتىن تۆمۈريولدا توشۇشقا ئۆزگەرتىش»، «تاشيولدا تۇشۇشتىن سۇ يولىدا توشۇشقا ئۆزگەرتىش»نى تېزلىتىش لازىم. شەھەر ئاممىۋى قاتنىشى ۋە ئەشيا يەتكۈزۈش ئاپتوموبىللىرىنى توكلۇق ئاپتوموبىلغا ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. بازار يېتەكچىلىكىدىكى يېشىل تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، يېشىل تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، نۇقتىلىق كەسىپ ۋە نۇقتىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ بايلىق ئۈنۈمىنى ئۆلچەمگە لايىقلاشتۇرۇپ ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش لازىم. يېشىل مەھسۇلاتنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەم، ئېتىراپ، بەلگە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئېنېرگىيە تېجەر ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يورۇتۇش مەھسۇلاتلىرى، سۇ تېجەش ئەسۋابلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يېشىل تۇرمۇش بەرپا قىلىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك.

4 - پاراگراف يېشىل تەرەققىيات سىياسەت سىستېمىسى بەرپا قىلىش

يېشىل تەرەققىياتنىڭ قانۇن ۋە سىياسەت كاپالىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش ۋە بايلىقتىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشقا پايدىلىق مالىيە - باج سىياسىتىنى يولغا قويۇش كېرەك. يېشىل پۇل مۇئامىلىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش لازىم. تەبىئىي بايلىقنى ھەقلىق ئىشلىتىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەبىئىي بايلىق، پاسكىنا سۇ - ئەخلەت بىرتەرەپ قىلىش، سۇ ئىشلىتىش، ئېنېرگىيە ئىشلىتىش قاتارلىق ساھەلەرنىڭ باھا شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمىنى يېڭىلاش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنما تۈرلىرىنى ئېنېرگىيە تېجەش بويىچە تەكشۈرۈش، ئېنېرگىيە تېجەشنى مەمۇرىي تەپتىش قىلىش، ئېنېرگىيە ئىشلىتىدىغان نۇقتىلىق ئورۇنلارنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئېنېرگىيە ئۈنۈمى، سۇ ئۈنۈمى باشلامچىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. سۇ سەرپىياتى يۇقىرى كەسپلەردە سۇ ئىشلىتىشنى نورمىلىق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لازىم. سەنشىنىڭ دۆلەت بايلىق تىپىدىكى ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش ئۇنىۋېرسال يانداش ئىسلاھاتى سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى ۋە ئېنېرگىيە ئىنقىلابى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى سىنىقىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

12 - قىسىم يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش

تېخىمۇ چوڭ دائىرىلىك، تېخىمۇ كەڭ ساھەلىك، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق سىرتقا ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ پەۋقۇلئاددە چوڭ بازار ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم راۋاجلىنىشىغا، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

40 - باب تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساديېڭى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىش

سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، سودا ۋە سېلىنمىنىڭ ئەركىنلىشىشى، قولايلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تاۋار ۋە ئامىللارنى ھەرىكەتچان ئېچىۋېتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قائىدە، تۈزۈم، باشقۇرۇش، ئۆلچەم قاتارلىقلارنى تۈزۈملۈك ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىش كېرەك.

1 - پاراگراف تۈزۈملۈك ئېچىۋېتىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش

خەلقئارا ئورتاق قائىدە بىلەن جىپسىلاشقان تۈزۈم سىستېمىسى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئەندىزىسى بەرپا قىلىش كېرەك. چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا قارىتىلغان ئىجازەتتىن بۇرۇنقى پۇقراۋى مۇئامىلە بىلەن پاسسىپ تىزىملىك بىرلەشتۈرۈلگەن باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تاشقى مەبلەغ ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكىنى يەنىمۇ قىسقارتىپ، ئىجازەتتىن كېيىنكى پۇقراۋى مۇئامىلىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىچكى - تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىنىڭ ئادىل رىقابىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. چېگرا ھالقىغان مۇلازىمەت سودىسىنى پاسسىپ تىزىملىك بويىچە باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخنىكا سودىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. بانكا، ئاكسىيە، سۇغۇرتا، فوند، زاكاز مال قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ساھەلىرىنى ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىچكى - تاشقى كاپىتال بازىرىنىڭ تۇتىشىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چېگرا سىرتىدىكى لاياقەتلىك مەبلەغ سالغۇچىلار تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارالىشىشىنى پۇختا، ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، بازار ئارقىلىق قوزغىتىش ۋە كارخانىلار ئۆز ئالدىغا تاللاشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق پۇلىنى ئەركىن ئىشلىتىش ئاساس قىلىنغان يېڭىچە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. چېگرادىن كىرىش - چىقىش، تاموژنا، تاشقى پېرېۋوت، باج قاتارلىق ھالقىلارنى باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

2 - پاراگراف ئېچىۋېتىش سۇپىسىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش

تۈرلۈك ئېچىۋېتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشلىرىنى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئېچىۋېتىلگەن، سودا مۇھىتى تېخىمۇ ئەۋزەل، تەسىر كۆرسىتىش رولى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان ئېچىۋېتىش يېڭى يۈكسەكلىكى بەرپا قىلىش كېرەك. ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىنىڭ جايلىشىشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇلارغا تېخىمۇ كۆپ ئىسلاھاتتا ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقى بېرىپ، ئىجادىي، توپلاشما، پەرقلىق ئىسلاھ قىلىش ۋە ئىزدىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى پائال ئۆرنەك قىلىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك. خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، مال سودىسىدىن تاموژنا بېجى ئالماسلىق، مۇلازىمەت سودىسىغا كىرىش ئىجازىتى بىلەن تىجارەت ئىجازىتىنى تەڭ بېرىشنى يۆنىلىش قىلىپ، سودىنىڭ ئەركىنلىشىشى، قولايلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بازار ئىجازىتىنى زور دەرىجىدە قويۇۋېتىپ، تەستىقلاش ئىنتايىن ئاددىيلاشتۇرۇلغان مەبلەغ سېلىش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، چېگرا ھالقىغان ئاكسىيەگە مەبلەغ سېلىش - مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىسلاھاتى سىنىقى ۋە سانلىق مەلۇماتنى چېگرا ھالقىپ يوللاش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش سىنىقىنى قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ ئوچۇق ئىختىساسلىقلار، چېگرادىن كىرىش - چىقىش، تىرانسپورت سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، خەينەن ئەركىن سودا پورتى قانۇنى چىقىرىپ، جۇڭگوچە ئەركىن سودا پورتىنىڭ سىياسەت ۋە تۈزۈم سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىش كېرەك. دۆلەت دەرىجىلىك يېڭى رايون ۋە تەرەققىيات رايونلىرىدا يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى يۈكسەلدۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونلارنى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چېگرا بويىدىكى نۇقتىلىق ئېچىش - ئېچىۋېتىش سىناق رايونى، چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى، چېگرا ھالقىغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نىڭشيا، گۇيجوۋ، جياڭشىنىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق ئوچۇق ئىقتىساد سىناق رايونى قۇرۇشىنى قوللاش كېرەك.

3 - پاراگراف رايونلارنى ئېچىۋېتىشنىڭ جايلىشىشىنى ياخشىلاش

جايلارنىڭ سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى مەۋقە قىلىپ ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشىگە ئىلھام بېرىپ، رايونلار ئارا ئېچىۋېتىش - ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، قۇرۇقلۇق - دېڭىز، دۆلەت ئىچى - سىرتى ھەمتۈرتكە بولىدىغان، شەرق بىلەن غەرب قوش يۆنىلىشلىك ياردەم بېرىدىغان ئېچىۋېتىش ئەندىزىسى بەرپا قىلىش كېرەك. شەرقىي قىسىم دېڭىز بويى رايونلىرى ۋە پەۋقۇلئاددە چوڭ، ئالاھىدە چوڭ شەھەرلەرنىڭ ئېچىۋېتىشتىكى باشلامچىلىق ئورنىنى مۇستەھكەملەپ، ھەر تەرەپلىمە، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشكە باشلامچىلىق بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئوتتۇرا، غەربىي رايونلار ۋە شەرقىي شىمال رايونىنىڭ ئېچىۋېتىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىن يۆتكەلگەن كەسىپلەرنى قوبۇل قىلىشىنى قوللاپ، دۇنياۋى مۇھىم پىششىقلاش - ياساش بازىسى ۋە يېڭى ئېشىش قۇتۇپى يېتىشتۈرۈپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقتا دۆلەت 1 - دەرىجىلىك پورتلىرىنى كۆپەيتىپ قۇرۇشنى تەتقىق قىلىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونلىرىنىڭ ئېچىۋېتىش ئالدىنقى سېپىگە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. چېگرا بويى رايونلىرىنى ئېچىش - ئېچىۋېتىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چېگرا سودىسىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، نۇقتىلىق پورت ۋە چېگرا شەھەرلىرىنىڭ دۆلەت ئىچى - سىرتىنى تۇتاشتۇرۇش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش لازىم. گۇاڭشىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا يۈزلەنگەن ئېچىۋېتىش ھەمكارلىقى يۈكسەكلىكى بەرپا قىلىشىنى، يۈننەننىڭ جەنۇبىي ئاسىيا، شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ھىندى ئوكيان رايونىغا ئېچىۋېتىشتىكى تەسىر كۆرسىتىش مەركىزى بەرپا قىلىشىنى قوللاش كېرەك.

4 - پاراگراف ئېچىۋېتىش بىخەتەرلىك كاپالىتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش

تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشكە ئۇيغۇنلاشقان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. كەسىپ زىيىنىدىن سىگنال بېرىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، سودىنى تەڭشەش، ياردەم بېرىش، قۇتقۇزۇش قاتارلىق سىياسەت قوراللىرىنى بېيىتىپ، ئىقتىساد - سودا سۈركىلىشىگە ياخشى تاقابىل تۇرۇش لازىم. چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا قارىتا، دۆلەت خەۋپسىزلىكى بويىچە تەكشۈرۈش، مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش بويىچە تەكشۈرۈش، دۆلەت تېخنىكا خەۋپسىزلىكى تىزىملىكى بويىچە باشقۇرۇش، ئىشەنچسىز ئەمەلىي گەۋدە تىزىملىكى تۈزۈش قاتارلىق تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مۇھىم بايلىق ۋە مەھسۇلاتلارنىڭ دۇنياۋى تەمىنات زەنجىرى خەۋپ - خەتىرىدىن سىگنال بېرىش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، خەلقئارا تەمىنات زەنجىرى كاپالىتى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. خەلقئارا كىرىم - چىقىمنى كۆزىتىشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا كىرىم - چىقىمنىڭ ئاساسەن تەڭپۇڭلۇقى ۋە تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ ئاساسەن مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك. تاشقى مۈلۈك قەرزىنى كۆزىتىشنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي تاشقى قەرزنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. چېگرا سىرتىغا مەبلەغ سېلىشنى تۈر ۋە دەرىجە بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. چەت ئەلدىكى مەنپەئەتنى قوغداش ۋە خەۋپ - خەتەردىن سىگنال بېرىش - ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھە كاپالىتى ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ ۋە ئۆستۈرۈپ، كونسۇل قوغداش خىزمىتىنىڭ تۈزۈلمە - مېخانىزملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چەت ئەلدىكى جۇڭگو پۇقرالىرى ۋە ئاپپاراتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ھەققانىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك.

41 - باب «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش

ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، يېشىل، ئوچۇق، پاك بولۇش ئىدىيەسىگە ئەمەل قىلىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىخەتەرلىك كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.

1 - پاراگراف تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋە سىياسەتلىرىنىڭ جىپسىلىشىشىنى كۈچەيتىش

ئىستراتېگىيە، يىرىك پىلان، مېخانىزملارنى جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سىياسەت، قائىدە، ئۆلچەملەرنى تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش لازىم. جىپسىلاشتۇرۇش ئۇسۇلىنى يېڭىلاپ، ئىمزالانغان ھۆججەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەر بىلەن مەبلەغ سېلىشنى قوغداش كېلىشىمى، تەكرار باج ئېلىشتىن ساقلىنىش كېلىشىمى قاتارلىقلارنى ئىمزالاشقا تۈرتكە بولۇپ، تاموژنا، باج، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. قائىدىنى تۇتاشتۇرۇش ساھەسىنى كېڭەيتىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، سودا، ئېنېرگىيە، رەقەملىك ئۇچۇر، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى قائىدىلەرنى تۇتاشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى رايون ۋە خەلقئارا تەرەققىيات قارالمىلىرى بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇپ ۋە ماسلاشتۇرۇپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

2 - پاراگراف ئۇل ئەسلىھەنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش

قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا، توردىن ئىبارەت تۆت بىر گەۋدىلەشكەن ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، «ئالتە كارىدور، ئالتە يول، كۆپ دۆلەت، كۆپ پورت»نى ئاساسىي رامكا قىلىپ، يېڭى ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى قاتارلىق ئىقتىساد كارىدورلىرى يېتەكچى، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى، قۇرۇقلۇق - دېڭىز يېڭى ئۆتىڭى قاتارلىق ئۆتەڭلەر ۋە تېز سۈرئەتلىك ئۇچۇر يولى رامكا، تۆمۈريول، پورت، تۇرۇبا تورى قاتارلىقلار تايانچ قىلىنغان ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش تورى شەكىللەندۈرۈپ، خەلقئارا قۇرۇقلۇق - دېڭىز سودىسى يېڭى ئۆتىڭى بەرپا قىلىش كېرەك. ھالقىلىق ئۆتەڭ ۋە ھالقىلىق شەھەرلەرنى نىشانلاپ، مۇھىم ھەمكارلىق تۈرى قۇرۇلۇشلىرىنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل، خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرالايدىغان، باھاسى مۇۋاپىق، سىغدۇرۇشچان بولۇش نىشانىنى تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك. جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يۈرۈش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا قۇرۇقلۇق تىرانسپورتى سودا قائىدىسى تۈزۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. «يىپەك يولى دېڭىز تىرانسپورتى» ماركىسىنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتىش لازىم. فۇجيەن، شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول» بوشلۇق ئۇچۇر كارىدورى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. «بوشلۇق يىپەك يولى» بەرپا قىلىش كېرەك.

3 - پاراگراف ئىقتىساد - سودا سېلىنمىسى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا - سېلىنما ھەمكارلىقىنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، يىپەك يولى ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، 3 - تەرەپ بازار ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرى ھەمكارلىق سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، قوش يۆنىلىشلىك سودا ۋە سېلىنمىنى كېڭەيتىش كېرەك. كارخانىنى سۇبيېكت، بازارنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا قائىدىگە ۋە قەرزنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، كۆپ مەنبەلىك مەبلەغ سېلىش - مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ھەمكارلىقى رامكىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش مەخسۇس قەرزى، يىپەك يولى فوندى قاتارلىقلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول» پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىق تورىنى بەرپا قىلىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ تەرەپ ۋە ھەرقايسى دۆلەت پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش - مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە ئورتاق قاتنىشىشىنى قوللاش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول» خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە بىخەتەرلىك كاپالىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن مۇلازىمىتى ۋە كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش كېرەك.

4 - پاراگراف مەدەنىيلىكلەر ئۆزئارا ئۆگىنىش - ئۆرنەك ئېلىش كۆۋرۈكى بەرپا قىلىش

ئاممىۋى سەھىيە، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل تەرەققىيات، پەن - تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت - سەنئەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئادىمىيەت ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارلامېنت، پارتىيە، خەلق تەشكىلاتلىرى ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئاياللار، ياشلار، مېيىپلەر ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، كۆپ مەنبە ھەمتۈرتكە قىلىنغان ئادىمىيەت ئالاقىسى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رەقەملىك يىپەك يولى، ئىجادىيەت يىپەك يولى بەرپا قىلىش كېرەك. كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، دېڭىز - ئوكيان ھەمكارلىقى، ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش، چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جەھەتلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يېشىل يىپەك يولى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان داۋالاش - ساقلىق ساقلاش ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ھەمكارلىقىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ساغلاملىق يىپەك يولى بەرپا قىلىش كېرەك.

42 - باب دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىش

تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مۇستەقىل - ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئاساسىدىكى تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

1 - پاراگراف كۆپ تەرەپلىك ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىش مېخانىزمىنى قوغداش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش

كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئىسلاھاتىغا پائال قاتنىشىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەزالىق ئورنىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىقلارنىڭ خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قاتارلىق مېخانىزملارنىڭ ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىش ھەمكارلىقىغا ئىجابىي قاتنىشىپ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو تەشەببۇسى، جۇڭگو لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. ئاساسلىق كۆپ تەرەپلىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىدارە قىلىش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى ۋە يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلىنى ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. خەلقئارا ماكرو ئىگىلىك سىياسىتىنىڭ ئالاقىسى ۋە ماسلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا ھەمكارلىق سۇپىسى بەرپا قىلىپ، دۇنياۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىم ۋە راۋانلىقىنى، دۇنيا پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداپ، دۇنياۋى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. گۈللىنىۋاتقان ساھەلەر ئىقتىسادىنى ئىدارە قىلىش قائىدىسى تۈزۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

2 - پاراگراف يۇقىرى ئۆلچەملىك ئەركىن سودا رايونلىرى تورى بەرپا قىلىش

ئەركىن سودا رايونلىرىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، دۇنياغا يۈزلەنگەن يۇقىرى ئۆلچەملىك ئەركىن سودا رايونلىرى تورى بەرپا قىلىش كېرەك. ئەركىن سودا رايونلىرىنىڭ جايلىشىشىنى ياخشىلاپ، رايونلۇق ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو - ياپونىيە - كورېيە ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتى مۇساپىسىنى تېزلىتىپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ۋە ئىلگىرىلىگەن تىنچ ئوكيان ھالقىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمىگە قاتنىشىشنى پائال ئويلىشىپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئەركىن سودا كېلىشىمى ۋە رايون سودا كېلىشىمى ئىمزالاشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

3 - پاراگراف ياخشى تاشقى مۇھىتنى پائال يارىتىش

دۇنياۋى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ماسلىشىشى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەك. كۆپ تەرەپچىلىك ۋە ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يادرو قىلىنغان خەلقئارا سىستېما ۋە خەلقئارا قانۇن ئاساس قىلىنغان خەلقئارا تەرتىپنى قوغداپ، دۇنياۋى خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش لازىم. ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلقئارا ھەمكارلىقىغا پائال قاتنىشىپ، ئىنسانىيەت سەھىيە - ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تاشقى ياردەم تۈزۈلمە - مېخانىزملىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تاشقى ياردەم ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ياخشىلاپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە، بولۇپمۇ ئەڭ تەرەققىي تاپمىغان دۆلەتلەرگە چامىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىپ، داۋالاش - ساقلىق ساقلاش، پەن - تېخنىكا، مائارىپ، يېشىل تەرەققىيات، نامراتلارنى ئازايتىش، ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېچىش، جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى تاشقى ھەمكارلىق ۋە ياردەمنى كۈچەيتىش لازىم. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىلىغىچە بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

13 - قىسىم پۇقرالارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش

پۇقرالارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى گەۋدىلىك مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسى ۋە ئومۇميۈزلۈك، تولۇق دەۋرىيلىك ساغلاملىق سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، نوپۇس سۈپىتى پايدىسىنى كۆپەيتىپ، ئادەم كۈچى كاپىتالى سەۋىيەسى ۋە ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

43 - باب يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش

پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مائارىپ ئىشلىرىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەدەنىيلىك ساپاسى، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ئېڭى، ئەمەلىيەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك.

1 - پاراگراف ئاساسىي ئاممىۋى مائارىپنىڭ باراۋەرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش

مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئاساسەن تەڭپۇڭلاشتۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، مەكتەپ باشقۇرۇش ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ سۈپەتلىك، تەڭپۇڭ تەرەققىياتى ۋە شەھەر - يېزىلار ئارا بىر گەۋدىلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. شەھەر - بازارلاردىكى مەكتەپلەرنىڭ سىغىمىنى ئاشۇرۇپ ئوقۇغۇچى ئورنىنى كۆپەيتىشنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسىنىڭ بىللە كۆچۈپ كەلگەن پەرزەنتلىرىنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مائارىپ مۇلازىمىتىدىن باراۋەر بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېزا - كەنتلەردىكى كىچىك مەكتەپلەر ۋە يېزا - بازارلاردىكى ياتاقلىق مەكتەپلەرنىڭ شارائىتىنى ياخشىلاپ، يېزا - كەنت ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا - كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ساپاسى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆيىدە قالغان بالىلارغا غەمخورلۇق قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىدا ئوقۇشتىن قېلىشنى تىزگىنلەپ، ئوقۇشقا كاپالەتلىك قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش لازىم. تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىنىڭ ئومۇملىشىش سەۋىيەسىنى مۇستەھكەملەپ ۋە ئۆستۈرۈپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ كۆپ خىللىشىپ تەرەققىي قىلىشىغا ئىلھام بېرىپ، تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىنىڭ ئوقۇشقا كىرىش ئومۇمىي نىسبىتىنى %92تىن ئاشۇرۇش كېرەك. مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەشنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. ئومۇمىي مەنپەئەتدار يەسلى مائارىپى ۋە ئالاھىدە مائارىپ، مەخسۇس مائارىپ كاپالىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەسلى مائارىپىدا يەسلىگە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتىنى %90تىن ئاشۇرۇش لازىم. ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ مائارىپ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

2 - پاراگراف كەسپىي تېخنىكا مائارىپىنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىش

كەسپىي تېخنىكا(تېخنىك ئىشچىلار) مائارىپىنىڭ خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇرۇلمىسى ۋە جايلىشىشىنى ياخشىلاپ، تېخنىكا، ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈش كېرەك. كەسپىي تېخنىكا مائارىپىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى + كەسپىي ماھارەت دەرىجە گۇۋاھنامىسى» تۈزۈمىنى يولغا قويۇش لازىم. مەكتەپ باشقۇرۇش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى بىرلەشتۈرۈش ۋە مەكتەپ بىلەن كارخانا ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك كەسپىي تېخنىكا مائارىپىنى يولغا قويۇشىغا ئىلھام بېرىپ، جۇڭگوچە شاگىرت تۈزۈمى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. زامانىۋى كەسپىي تېخنىكا مائارىپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇپ، بىر تۈركۈم يۇقىرى سەۋىيەلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتەپلىرى ۋە كەسىپلىرىنى تەسىس قىلىپ، كەسپىي تولۇق كۇرس مائارىپىنى پۇختا قەدەم بىلەن راۋاجلاندۇرۇش لازىم. كەسپىي مائارىپ بىلەن ئادەتتىكى مائارىپنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەسپىي تېخنىكا مائارىپى بىلەن ئادەتتىكى مائارىپتا قوش يۆنىلىشلىك ئېتىراپ قىلىش ۋە تىك يۆنىلىشلىك يۆتكىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك.

3 - پاراگراف ئالىي مائارىپنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش

ئالىي مائارىپنى تۈر بويىچە باشقۇرۇش ۋە ئالىي مەكتەپلەر ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ مەنبەلىك ئالىي مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئالىي مائارىپ بويىچە مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتىنى %60كە يەتكۈزۈش كېرەك. ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپ ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى پەنلەرنى تۈر بويىچە قۇرۇپ ۋە تەسىس قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەتقىقاتچىل ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش لازىم. يۇقىرى سۈپەتلىك تولۇق كۇرس مائارىپى بەرپا قىلىپ، بىر قىسىم ئادەتتىكى تولۇق كۇرس ئالىي مەكتەپلىرىنى ئەمەلىيەتچىل ئالىي مەكتەپكە ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پەن ۋە كەسىپلەرنى ھەرىكەتچان تەڭشەش مېخانىزمى ۋە ئۆزگىچە تەرەققىياتقا يېتەكلەش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن تەسىس قىلىش قاراتمىلىقىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي پەن يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەبىئىي پەن، سانائەت پەنلىرى، يېزا ئىگىلىك پەنلىرى، تېببىي پەن تۈرىدىكى كەمچىل كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى تېز يېتىشتۈرۈش كېرەك. ئاسپىرانت تەربىيەلەشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاسپىرانتلار مائارىپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، كەسپىي ئۇنۋان ئالغان ئاسپىرانتلارنى پۇختا قەدەم بىلەن كۆپەيتىش لازىم. ئالىي مائارىپ بايلىقىنىڭ رايونلارغا جايلىشىشىنى ياخشىلاپ، ئوتتۇرا - غەربىي رايونلارنىڭ ئالىي مائارىپىنى گۈللەندۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

4 - پاراگراف يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بەرپا قىلىش

يۇقىرى سەۋىيەلىك زامانىۋى ئوقۇتقۇچىلار مائارىپى سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنى باشقۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش سىياسەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىلىم بېرىپ ئادەم تەربىيەلەش ئىقتىدارى ۋە ساپاسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. بىر تۈركۈم سىفەن مائارىپى بازىلىرىنى نۇقتىلىق قۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۇنىۋېرسال ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلار مائارىپىنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بېرىپ، سىفەن ئوقۇغۇچىلىرىنى ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن تەربىيەلەش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مائارىپ تۈرىدىكى ئاسپىرانتلار ۋە ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇغان سىفەن ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى ئىمتىھانسىز بېكىتىش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. يۇقىرى سەۋىيەلىك تېخنىكىلىق پەنلەر ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ كەسپىي تېخنىكا سىفەن كەسىپلىرىنى تەسىس قىلىشىغا مەدەت بېرىپ، ئالىي مەكتەپ، كەسپىي مەكتەپ ۋە كەسپىي كارخانىلار بىرلىشىپ «قوش سالاھىيەتلىك» ئوقۇتقۇچى تەربىيەلەش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى باشقۇرۇش ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىشتاتىنى تەقسىملەش ۋە رايون ھالقىپ تەڭشەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ «ناھىيە باشقۇرۇش، مەكتەپ تەكلىپ قىلىش» باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇرا، ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىلار ئىش ئورنى نىسبىتىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈش كېرەك.

5 - پاراگراف مائارىپ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش

يېڭى دەۋردىكى مائارىپنى باھالاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائارىپنى باھالاش تۈزۈمى ۋە مېخانىزمى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ساپا مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى، يېڭىلىق يارىتىش روھى ۋە ساغلام ئىنسانىي پەزىلىتىنى يېتىلدۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. مائارىپنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ خىراجىتى سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، خىراجەت ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىراجەت ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇشتا ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە كېڭەيتىپ، مەكتەپلەرنىڭ ئىچكى ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەتنى مەكتەپ ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىشقا تەرتىپلىك يېتەكلەش كېرەك. ئىمتىھان ئېلىش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لازىم. پۇقراۋى مائارىپنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - چەت ئەل ھەمكارلىقىدىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك مەكتەپ باشقۇرۇشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. تور مائارىپىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆگىنىشچان جەمئىيەت بەرپا قىلىش لازىم. يۇقىرى سەۋىيەلىك ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مائارىپ بايلىقىنى ئېچىۋېتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىزىملىتىپ ئۆگىنىش ۋە ئېلاستىك ئۆگىنىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش ۋە ئالماشتۇرۇش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك.

44 - باب ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش

خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ساغلام جۇڭگو ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئاممىۋى سەھىيە مۇداپىئە تورىنى مۇستەھكەملەپ، خەلقنى ھەر تەرەپلىمە، ئۆمۈرلۈك ساغلاملىق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

1 - پاراگراف كۈچلۈك ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىش

كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، كۆزىتىش، سىگنال بېرىش، خەۋپ - خەتەرنى باھالاش، ئېپىدېمىئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش - ئۆلچەش، جىددىي بىرتەرەپ قىلىش قاتارلىق فۇنكسىيەلەرنى كۈچەيتىش كېرەك. مۇقىم ئاممىۋى سەھىيە ئىشلىرىغا مەبلەغ سېلىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئاساسىي شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسىنى كۈچەيتىش كېرەك. داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئاممىۋى سەھىيە مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، داۋالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش لازىم. تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىنى كۆزىتىش، سىگنال بېرىش، بىرتەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەجرىبىخانا تەكشۈرۈش تورى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، داۋالاش، قۇتقۇزۇش، پەن - تېخنىكا تىرىكى، ماددىي ئەشيا كاپالىتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. دەرىجە، قاتلام، ئېقىمغا ئايرىلغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى داۋالاش تورى بەرپا قىلىپ، بىرلىككە كەلگەن دۆلەت ئاممىۋى سەھىيە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، چوڭ تىپتىكى ئاممىۋى ئىمارەتلەردە ئادەتتىكى مەزگىل بىلەن يۇقۇم مەزگىلى بىرلەشتۈرۈلگەن ئۆزگەرتىش ئېغىزىنى ئالدىن تەسىس قىلىش كېرەك. چېگرا ئېغىزى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. ئاممىۋى سەھىيە شۆيۈەنى ۋە ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش لازىم. ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت تۈرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئىممۇنىتېت يىرىك پىلانىنى كېڭەيتىپ، سوزۇلما كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بالدۇر تەكشۈرۈش ۋە ئۇنىۋېرسال تەسىر كۆرسىتىشنى كۈچەيتىش كېرەك. پىسخىكا ساغلاملىقى ۋە روھىي ساغلاملىق مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

2 - پاراگراف تېبابەتچىلىك - دورىگەرلىك - ساقلىق ساقلاش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش

ئاساسىي داۋالاش - سەھىيە ئىشلىرىنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق خاراكتېرىدە چىڭ تۇرۇپ، داۋالاش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى يېتەكچى، ھۆكۈمەت داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى ئاساسىي گەۋدە، ھۆكۈمەت ئىلكىدە بولمىغان داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى تولۇقلىما قىلىپ، داۋالاش مۇلازىمەت بايلىقى تەمىناتىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، زامانىۋى دوختۇرخانا باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تېز ئورنىتىپ، ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسى، كادىرلار ئىش ھەققى، ئىشتات باشقۇرۇش ۋە ئۈنۈم باھالاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنىڭ كۆپىيىشى ۋە رايونلارغا تەڭپۇڭ جايلىشىشىنى تېزلىتىپ، دۆلەت مېدىتسىنا مەركىزى ۋە رايونلۇق داۋالاش مەركەزلىرىنى قۇرۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلام داۋالاش - ساقلىق ساقلاش قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شەھەر مەھەللىسى ۋە يېزا ئاساسىي قاتلىمى، چېگرا پورت شەھەرلىرى ۋە ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، شەھەر - يېزا داۋالاش مۇلازىمەت تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. دەرىجە بويىچە داۋالاش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، داۋالاش بىرلەشمسىنى پائال راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش، پەرۋىش قىلىش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ئورگانىك جىپسىلىشىشىنى كۈچەيتىش كېرەك. دۆلەت دورا ۋە خورىما ماتېرىياللارنى مەركەزلىك سېتىۋېلىپ ئىشلىتىشكە تەشكىلاتچىلىق قىلىش ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، سەرخىل داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش لازىم. دورا، ۋاكسىنا، داۋالاش سايمانلىرى قاتارلىقلارنى تېز تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كىلىنىكىدا جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان ۋە كەم كۆرۈلىدىغان كېسەللەرنى داۋالايدىغان دورا، داۋالاش سايمانلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى تېزلىتىپ، كىلىنىكىدا جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان، چېگرا سىرتىدا بازارغا سېلىنغان يېڭى دورا ۋە يېڭى داۋالاش سايمانلىرىنى چېگرا ئىچىدە تېزدىن بازارغا سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تېببىي خادىملارنى تەربىيەلەشنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ۋە كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، دوختۇر كەمچىل بولۇۋاتقان بالىلار بۆلۈمى، ئۇنىۋېرسال بۆلۈملەرگە دوختۇر كۆپەيتىپ، ھەر 1000 نوپۇسقا توغرا كېلىدىغان رويخەتلىك سېسترا سانىنى 3.8گە يەتكۈزۈش كېرەك. دوختۇرلارنى ئۆز رايونىدا رويخەتكە ئېلىشنى يولغا قويۇپ، دوختۇرلارنىڭ كۆپ ئاپپاراتتا كەسىپكارلىق قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. شەھەر - يېزىلارنىڭ ئائىلە دوختۇرى كېلىشىملىك مۇلازىمىتى بىلەن قاپلىنىش دائىرىسىنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىپ، كېلىشىملىك مۇلازىمەتنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ دوختۇرخانا ئېچىشىنى قوللاپ، تەجرىبىلىك كەسپىي دوختۇرلارنىڭ شىپاخانا ئېچىشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك.

3 - پاراگراف ئومۇمىي خەلق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش

ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ مۇقىم، ئىمكانىيەتلىك سىجىل مەبلەغ غەملەش ۋە تەمىنات تەڭشەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەق تاپشۇرۇپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، داۋالىنىش كاپالىتى تەمىنات تىزىملىكى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك. ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى شەھەر دەرىجىلىك بىرتۇتاش پىلانلاشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆلكە دەرىجىلىك بىرتۇتاش پىلانلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە ئامبۇلاتورىيەدە ئۆزئارا ياردەم بېرىش كاپالەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېغىر كېسەل داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە قۇتقۇزۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسىنى ھەرىكەتچان تەڭشەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا كېسەل تۈرى بويىچە ھەق تۆلەش ئاساس قىلىنغان كۆپ مەنبەلىك بىرىكمە چىقىم ئۇسۇلىنى يولغا قويۇش كېرەك. شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئالاقە تورى داۋالاش مۇلازىمىتىنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، باشقا جايدا داۋالىنىش ھەققىنى راسچوت قىلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم. داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، بېجىرىش مۇلازىمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. ئۇزاق مۇددەتلىك پەرۋىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئورنىتىش كېرەك. سودا داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى پائال راۋاجلاندۇرۇش لازىم.

4 - پاراگراف جۇڭگو تېبابىتى - دورىگەرلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش

جۇڭگو تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر - بىرىنى تولۇقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو تېبابىتى - دورىگەرلىكى ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. جۇڭگو تېبابىتى - دورىگەرلىكى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭگو تېبابىتى - دورىگەرلىكىنىڭ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش لازىم. جۇڭگو تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئاز سانلىق مىللەت تېبابىتى - دورىگەرلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كىلاسسىك تېببىي ئەسەرلەرنى رەتلەش ۋە قېزىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو تېبابىتى - دورىگەرلىكى پەن - تېخنىكا تىرەك سۇپىسى قۇرۇپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭگو تېبابىتىدە يېڭى دورىلارنى تەتقىق قىلىپ يارىتىشنى قوغداپ ۋە كەسىپلىشىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جۇڭگو تېبابىتى - دورىگەرلىكى خاس ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو تېبابىتى - دورىگەرلىكى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئىجادىي راۋاجلاندۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو تېبابىتى - دورىگەرلىكىنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

5 - پاراگراف تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش

ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەرىكىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، خەلقنىڭ تەن ساپاسىنى ئاشۇرۇش لازىم. ساغلاملىق ئۆتكىلىنى ئالدىغا سۈرۈپ، تەنتەربىيە بىلەن مائارىپنىڭ، تەنتەربىيە بىلەن ساقلىق ساقلاشنىڭ، تەنتەربىيە بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي تەنتەربىيە مەيدانى ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى ۋە مەكتەپ مەيدان - سارايلىرىنى ئېچىۋېتىش - ھەمبەھرىلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەن چېنىقتۇرۇش يولى قاتارلىق قولايلىق چېنىقىش سورۇنلىرىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، تەنتەربىيە باغچىلىرىنى جايلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەلكۈن مۇداپىئەسى بىخەتەرلىكىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك شەرتىدە دەريا ساھىلى قاتارلىق جايلاردا ئاممىۋى تەنتەربىيە ئەسلىھەسى قۇرۇشنى قوللاش كېرەك. مەكتەپلەردە تەنتەربىيە دەرسى ۋە دەرستىن سىرتقى چېنىقىش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پۇقرالارنىڭ تەن ساپاسىنى كۆزىتىش ۋە ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتىشنى ياش - ئۆسمۈرلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ھالدا قانات يايدۇرۇش كېرەك. مەدەنىيەت تەربىيەسى بىلەن كەسپىي مەشىققە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ماھارەت تەنتەربىيەسى زاپاس ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ ماھارەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئەنئەنىۋى تۈرلەردىكى ئەۋزەللىكنى مۇستەھكەملەپ، پۇتبول، ۋاسكېتبول، ۋالىبولنىڭ جۇڭگوچە تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، قار - مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە كەسپىي تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. تەنتەربىيە ئىستېمالىنى كېڭەيتىپ، چېنىقىش ئىستىراھىتى، دالا ھەرىكىتى قاتارلىق تەنتەربىيە كەسىپلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش لازىم. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش كېرەك.

6 - پاراگراف ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش

ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق خىزمىتىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ مەدەنىي، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلى يېتىلدۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش لازىم. ئاممىۋى سەھىيە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شەھەر - يېزا مۇھىت تازىلىقىنى تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كېسەل تارقاتقۇچى جانلىقلاردىن مۇداپىئەلىنىشنى كۈچەيتىش لازىم. پاكىز شەھەر - بازار بەرپا قىلىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ساغلاملىق تەربىيەسى ۋە ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ياخشى يېمەك - ئىچمەك ئادىتى يېتىلدۈرۈپ، يېمەك - ئىچمەك ئىسراپچىلىقىنى توسۇپ، ھاراق ئىچىش، تاماكا چېكىشنى ئازايتىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ياۋايى ھايۋانلارنى قالايمىقان يېيىش قاتارلىق قالاق ئادەتلەرنى قەتئىي تۈگىتىپ، ئايرىم غىزالىنىش، ئورتاق چوكا ئىشلىتىش، ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىپ تاشلاش قاتارلىق تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك.

45 - باب ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىشىگە پائال ھازىرلىق كۆرىدىغان دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش

ئۇزاق مۇددەتلىك نوپۇس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى تۈزۈپ، تۇغۇت سىياسىتىنى ياخشىلاپ، ياشانغانلار ۋە بالىلارنى كاپالەتلەندۈرۈش مۇھىم نۇقتا قىلىنغان نوپۇس مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نوپۇسنىڭ ئۇزاق مۇددەت تەڭپۇڭ كۆپىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

1 - پاراگراف مۇۋاپىق تۇغۇت سەۋىيەسىنى ساقلاشقا تۈرتكە بولۇش

تۇغۇت سىياسىتىنىڭ سىغدۇرۇشچانلىقىنى كۈچەيتىپ، تۇغۇت سىياسىتى بىلەن ئىقتىسادىي - ئىجتىمائىي سىياسەتنىڭ يۈرۈشلىشىشى ۋە جىپسىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئائىلىنىڭ تۇغۇش، بېقىش، تەربىيەلەش يۈكىنى يېنىكلىتىپ، تۇغۇت سىياسىتىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئۇرغۇتۇش لازىم. بالىلارنى بېقىش، ياش - ئۆسمۈرلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ياشانغانلارنى كۈتۈش، ئاغرىقلار ۋە مېيىپلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا دائىر سىياسەتلەرنى ۋە تۇغۇت دەم ئېلىشى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاتا - ئانىلارغا بالا بېقىش دەم ئېلىشى بېرىشنى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. ساغلام تۇغۇپ ئوبدان بېقىشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا مۇلازىمەت قىلىشنى ياخشىلاپ، ھامىلىدار بولۇش ئالدىدىكى ۋە ھامىلىدارلىق - تۇغۇت مەزگىلىدىكى ساغلاملىق مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، ئاھالىنىڭ تۇغۇلۇش ساپاسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پىلانلىق تۇغۇتقا ئەمەل قىلغان ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنى ھەر تەرەپلىمە يۆلەش - كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇش لازىم. نوپۇسنى ئىستاتىستىكىلاش ۋە كۆزىتىش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۇغۇت ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىش كېرەك. نوپۇس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نوپۇس ۋە تەرەققىيات ھەققىدە ئۇنىۋېرسال تەدبىر بەلگىلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

2 - پاراگراف بوۋاقلار - بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە دائىر سىياسەتلەرنى تاكامۇللاشتۇرۇش

ئومۇمىي مەنپەئەتدار ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، بوۋاقلار - بالىلارنىڭ بېقىش مۇلازىمىتى ۋە دەسلەپكى يېتىلىشىنى قوللاش سىياسىتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ئائىلىدە بېقىشنى ۋە مەھەللە مۇلازىمىتىنى قوللاش ۋە يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئائىلىلەرنىڭ بالىنى ئىلمىي بېقىش - تەربىيەلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. شەھەر - بازار مەھەللىلىرىدە يۈرۈشلۈك يەسلى قۇرۇش سىياسىتىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى بوۋاقلار - بالىلارنى بېقىش مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، شارائىتى يار بېرىدىغان ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ بوۋاقلار - بالىلارنى بېقىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشىگە ئىلھام بېرىپ، كارخانا، كەسپىي ئورۇن ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلات قاتارلىق ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتى قىلىشىنى قوللاپ، يەسلىلەرنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن بالا بېقىش مۇلازىمىتى ئېچىشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك. بوۋاقلار - بالىلارنى بېقىش مۇلازىمىتىنىڭ كەسىپلىشىپ قېلىپلىق راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بېقىش - تەربىيەلەش سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

3 - پاراگراف كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش

كۈتۈنۈش ئىشلىرى بىلەن كۈتۈنۈش كەسىپلىرىنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئائىلىلەرنىڭ كۈتۈنۈش فۇنكسىيەسىنى زىممىسىگە ئېلىشىنى قوللاپ، ئائىلىلەر بىلەن مەھەللە ئاپپاراتلىرى ئۆزئارا ماسلىشىدىغان، داۋالىنىش، كۈتۈنۈش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. مەھەللىدە كۈتۈنۈش، ئائىلىدە كۈتۈنۈش مۇلازىمەت تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى ياشانغانلارغا مۇۋاپىق قىلىپ ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسپىي ئاپپارات مۇلازىمىتىنىڭ مەھەللىلەرگىچە كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ساقلانما بايلىقتىن بىرىكتۈرۈپ پايدىلىنىش ئارقىلىق مەھەللىگە سىڭىشىپ كۈتۈنۈشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. ئۆز ھاجىتىدىن چىقالمايدىغان ۋە تولۇق چىقالمايدىغان ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلارنى تۈگەل كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يېزا ھەمكارلىق ساناتورىيەسى قاتارلىقلاردا ھەمكارلىشىپ كۈتۈنۈشنى پائال راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. ھۆكۈمەت كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ھۆكۈمەت قۇرىدىغان، پۇقرا تىجارەت قىلىدىغان باشقۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەربىيەلەش - دەم ئالدۇرۇپ داۋالاش بايلىقىنىڭ كۈتۈنۈش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قوللاپ، پەرۋىشلىك پۇقراۋى كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىغا سىياسەت جەھەتتىن ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىپ، شەھەر - كارخانا ھەمتۈرتكىلىكىدىكى ئومۇمىي مەنپەئەتدار كۈتۈنۈش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. ياشانغانلار ساغلاملىق مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، داۋالىنىش، كۈتۈنۈش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. ياشانغانلار پەرۋىشى ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ پەرۋىش كارىۋىتى تەمىناتىنى كۆپەيتىپ، كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىدا پەرۋىش كارىۋىتى سالمىقىنى %55كە يەتكۈزۈپ، ئۆز ھاجىتىدىن چىقالمايدىغان، ئەقلىي ئىقتىدارى ئاجىز ياشانغانلارنىڭ پەرۋىش مۇلازىمىتى ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش كېرەك. ياشانغانلارنىڭ پاراۋانلىق سەۋىيەسىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار، يېشى چوڭ، ئۆز ھاجىتىدىن چىقالمايدىغان ياشانغانلارغا تولۇقلىما بېرىش تۈزۈمى ۋە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار، ئۆز ھاجىتىدىن چىقالمايدىغان، ئۆيىدە قالغان ياشانغانلارنى يوقلاش، ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. ياشانغانلارنى كۈتىدىغان، ياشانغانلارغا ۋاپادارلىق يەتكۈزىدىغان، ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەيدىغان ئىجتىمائىي مۇھىت بەرپا قىلىپ، ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەت كاپالىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمۈرنىڭ ئۇزىرىشى، ياشانغانلار كۆپىيىش يۈزلىنىشىنىڭ تېزلىشىشى، تەربىيەلىنىش مۇددىتىنىڭ ئېشىشى، ئەمگەك كۈچى قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىق ئامىللارنى ئەتراپلىق ئويلىشىپ، ئۇششاق قەدەم بىلەن تەڭشەش، ئېلاستىك يولغا قويۇش، تۈر بويىچە ئىلگىرى سۈرۈش، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش پىرىنسىپى بويىچە، قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىنى تەدرىجىي كېچىكتۈرۈپ، ئادەم كۈچى بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئاق باشلار ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ياشانغانلارغا لايىق تېخنىكا ۋە مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ يارىتىپ، ئاقىل كۈتۈنۈش قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالەتلىرىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

14 - قىسىم خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش

بارلىق كۈچنى ئىشقا سېلىپ، مادارغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، ئۇللۇق، تولۇق كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەيتىپ، ئورتاق بەرپا قىلىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكەت پىروگراممىسى تۈزۈپ، رايونلار پەرقى، شەھەر - يېزا پەرقى ۋە كىرىم پەرقىنى تەشەببۇسكار ۋە ئاڭلىق كىچىكلىتىپ، ئومۇمىي خەلقنى تەرەققىيات مېۋىسىدىن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل بەھرىلەندۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

46 - باب دۆلەت ئاممىۋى مۇلازىمەت تۈزۈمى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش

ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتتىكى كەمتۈكلۈكنى تېزدىن تولۇقلاپ، غەيرىي ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ ئاجىز تۈرلىرىنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش كېرەك.

1 - پاراگراف ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ باراۋەرلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش

شەھەر - يېزا، رايونلارنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت تۈزۈمىنىڭ بىرلىككە كېلىشى، سۈپەت ۋە سەۋىيەسىنىڭ ئۈنۈملۈك جىپسىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئاممىۋى مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، داۋالاش - ساقلىق ساقلاش، ئىجتىمائىي مۇلازىمەت، تۇرالغۇ كاپالىتى، ئاممىۋى مەدەنىيەت - تەنتەربىيە ئىشلىرى، نەپىقە بېرىش - ئورۇنلاشتۇرۇش، مېيىپلەر مۇلازىمىتى قاتارلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت ئۆلچەم سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، دۆلەت ئۆلچىمىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ ھەمدە ھەرىكەتچان تەڭشەش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئۆلچەم سەۋىيەسىنى شەھەر - بىلەن يېزا، رايونلار ئارا جىپسىلاشتۇرۇش، تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دائىملىق ئاھالىنىڭ كۆلىمى ۋە مۇلازىمەت دائىرىسىگە ئاساسەن، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنىڭ جايلىشىشىنى بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە ئورتاق بەرپا قىلىپ ئورتاق بەھرىلىنىپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت بايلىقىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا كېڭىيىشى، يېزىلارنى قاپلىشى، چەت - يىراق رايونلار ۋە تۇرمۇش قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا مايىللىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

2 - پاراگراف ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىش

ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن غەيرىي ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنى پەرقلەندۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق ئورنىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، غەيرىي ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش سۇبيېكتىنىڭ كۆپ مەنبەلىشىشى، تەمىنلەش شەكلىنىڭ كۆپ خىللىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. بالىلار تەربىيەسى، كۈتۈنۈش قاتارلىق تەمىنات - تەلەپ زىددىيىتى گەۋدىلىك بولۇۋاتقان مۇلازىمەت ساھەلىرىدە، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار، قېلىپلىق مۇلازىمەت تەمىناتىنى كۆپەيتىشىنى قوللاپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، قېلىپلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگۈچى تۈرلۈك ئاپپاراتلارنىڭ ئېتىبار سىياسىتىدىن باراۋەر بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ ھۆكۈمەت قۇرۇپ پۇقرا تىجارەت قىلىش، ھۆكۈمەت مۇلازىمەت سېتىۋېلىش، ھۆكۈمەت - جەمئىيەت كاپىتال ھەمكارلىقى قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت تەمىناتىغا قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك. ئاممىۋى مۇلازىمەت ساھەسىدىكى كەسپىي ئورۇنلار ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەسپىي ئورۇنلار بىلەن ئىجتىمائىي كۈچلەر ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار مۇھىتى يارىتىش كېرەك.

3 - پاراگراف ئاممىۋى مۇلازىمەت سىياسىتىنىڭ كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش

مالىيەنىڭ چىقىم قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتتىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشقا ئالدىن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەركەز بىلەن جايلارنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمەت ساھەسىدىكى ئىش ھوقۇقى ۋە چىقىم جاۋابكارلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەركەز مالىيەسى بىلەن ئۆلكە دەرىجىلىك مالىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشىنى مالىيە جەھەتتىن قوللىشىنى كۈچەيتىش كېرەك. تېخىمۇ كۆپ ئاممىۋى مۇلازىمەت تۈرلىرىنى ھۆكۈمەتنىڭ مۇلازىمەت سېتىۋېلىش يېتەكچى مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈپ، ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مالىيە، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، يەر قاتارلىق جەھەتلەردە ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. پۇقراۋى ئاپپاراتلار بىلەن ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىغا سالاھىيەت ئىجازىتى، ئۇنۋان باھالاش، يەر بىلەن تەمىنلەش، مالىيە جەھەتتىن قوللاش، ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش جەھەتلەردە باراۋەر مۇئامىلە قىلىش كېرەك.

47 - باب ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش

تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشقا پايدىلىق ئىلگىرى سۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىغىمىنى ئاشۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، قۇرۇلمىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش زىددىيىتىنى پەسەيتىش كېرەك.

1 - پاراگراف ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى كۈچەيتىش

ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشان مەسئۇلىيىتىنى باھالاش مېخانىزمى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تەسىرىنى باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر، دېھقان ئىشلەمچىلەر قاتارلىق نۇقتىلىق توپلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى قوللاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىغىمىغا چېتىلغان كەسىپ سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان مۇلازىمەتچىلىك، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، مەھەللە تاللا بازىرى، قولاي دۇكان ۋە مەھەللە مۇلازىمەت ئىش ئورۇنلىرىنى مۇقىم كۆپەيتىش كېرەك. باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشنى كۆپەيتىپ، ماھارەت كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى نۇقتىلىق راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش شەكىللىرىنى قوللاپ ۋە قېلىپلىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسىي قاتلامدىن مائارىپ، داۋالاش ۋە كەسپىي ئىجتىمائىي مۇلازىمەت سېتىۋېلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىش كېرەك. ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش، كۆپ يوللار ئارقىلىق جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تۈرلۈك چەك قويۇش سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ، ئەمگەك كۈچى بازىرىنىڭ سىغدۇرۇشچانلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. شەھەر - يېزا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا پائال يېتەكچىلىك قىلىش لازىم. پاراۋانلىق ئىش ئورۇنلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ، مېيىپلەر، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەر ئەزالىرى قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تىرىشىپ ياردەم بېرىش كېرەك.

2 - پاراگراف ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش

شەھەر - يېزىلارنى قاپلىغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش - ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەمگەكچىلەر ۋە كارخانىلارنى سىياسەتتىن مەسلىھەت بېرىش، كەسىپ تونۇشتۇرۇش، ئادەم ئىشلىتىشكە يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمەتلىرى بىلەن ھەقسىز تەمىنلەش كېرەك. كارخانىلارغا ياردەم بېرىپ ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرىدىغان دائىملاشقان يۆلەش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم مەبلىغى ۋە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى فوندىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلىتىش كېرەك. ئەمگەك كۈچى قوبۇل قىلىش مەركەزلەشكەن رايونلار بىلەن ئەمگەك كۈچى چىقىرىدىغان ئۆلكىلەرنى جىپسىلاشتۇرۇش - ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئەمگەك كۈچىنىڭ رايون ھالقىپ دەل جايىدا جىپسىلىشىشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئەمگەك توختامى تۈزۈمى ۋە ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش ئەھۋالىنى تۈزەشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى ۋە ئەمگەك ماجىراسىنى مۇرەسسە قىلىش، كېسىم قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىدىكى كەسىپكارلارنىڭ ئەمگەك ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلىشىش ئېھتىياجىنى تەكشۈرۈش ۋە ئىشسىزلىقنى كۆزىتىش - سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.

3 - پاراگراف ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش - ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش

ئۆمۈرلۈك ماھارەت تەربىيەسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسپىي ماھارەت تەربىيەسىنى داۋاملىق كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇش كېرەك. كەسپىي ماھارەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى ۋە نۇقتىلىق توپنى مەخسۇس تەربىيەلەش پىلانىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزە بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلارنىڭ ماھارەت تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، تەربىيەلەش سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش لازىم. ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى مەبلىغىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پايدىلىنىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تەربىيەلەش قوشۇمچە ياردىمىنى كارخانىلار ۋە تەربىيەلەنگۈچىلەرگە بىۋاسىتە يەتكۈزۈش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. تەربىيەلىنىش خىراجىتىنى باجدىن بۇرۇن چىقىرىۋېتىش سىياسىتىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىش ئورنى ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك. زاكازلىق - يۈرۈشلۈك تەربىيەلەشنى قوللاش لازىم. بىر تۈركۈم ئاممىۋى پىراكتىكا بازىسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى يۇغۇرۇش بازىسى بەرپا قىلىپ، تەربىيەلەش بايلىقىنى ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەملىكەتلىك كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىلىرىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش كېرەك.

48 - باب كىرىم تەقسىمات قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش

ئاھالە كىرىمىنى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى بىلەن ئاساسەن تەڭ قەدەمدە ئاشۇرۇش، ئەمگەك ھەققىنى ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنىڭ ئېشىشى بىلەن ئاساسەن تەڭ قەدەمدە ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ كىرىمىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، ئوتتۇراھال كىرىملىكلەرنى داۋاملىق كۆپەيتىپ، ئورتاق بېيىشنى تېخىمۇ پائال، كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

1 - پاراگراف ئاھالە كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش

ئەمگەككە قاراپ تەقسىم قىلىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلىش، كۆپ خىل تەقسىمات ئۇسۇلى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمگەك ھەققىنىڭ دەسلەپكى تەقسىماتتىكى سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. مائاشنى بېكىتىش، مۇۋاپىق ئۆستۈرۈش ۋە مائاش چىقىمىغا كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ۋە مائاش يېتەكچى سىزىقىنى شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمىنى ياخشىلاپ، مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىش تۈزۈمىنى پائال يولغا قويۇش كېرەك. ئامىلغا قاراپ تەقسىم قىلىشقا دائىر سىياسەت - تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنىڭ ھەققىنى بازار بەلگىلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يەر، كاپىتال قاتارلىق ئامىللارنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتلىنىش ھوقۇقى ئارقىلىق ئوتتۇرا، تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ ئامىل كىرىمىنى كۆپەيتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش لازىم. دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىش ھەققىنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بارلىق خادىملارنى ئۈنۈم بويىچە باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش كېرەك. ئىش ئورنى ئۈنۈمى ۋە دەرىجە، تۈر بويىچە باشقۇرۇلىدىغان كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىش ھەققى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش - ئىشلىتىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئوخشاش ئىشىغا ئوخشاش ھەق بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ مال - مۈلۈك خاراكتېرلىك كىرىمىنى كۆپ يوللار ئارقىلىق كۆپەيتىپ، دېھقانلارنىڭ يەر قوشۇلما قىممەت پايدىسىدىن بەھرىلىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ پايدا تەقسىمات تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئائىلىلەرنىڭ بايلىق باشقۇرۇش ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ماس كېلىدىغان پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىدا يېڭىلىق يارىتىش لازىم. دۆلەت كاپىتالى پايدىسىنى ئاممىۋى مالىيەگە تاپشۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىۋى مالىيە چىقىمىنى خەلق تۇرمۇشى كاپالىتىگە ئىشلىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

2 - پاراگراف ئوتتۇراھال كىرىملىكلەرنى كۆپەيتىش

ئوتتۇراھال كىرىملىكلەرنى كۆپەيتىش ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئالىي مەكتەپ ۋە كەسپىي ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار، ماھارەتلىك ئەمگەكچىلەر، دېھقان ئىشلەمچىلەر قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئوتتۇراھال كىرىملىكلەرنىڭ نىسبىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك، ئالىي مەكتەپ ۋە كەسپىي ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ماسلىشىشچانلىقى ۋە ئەمگەككە قاتنىشىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تېخنىك ئىشچىلارنىڭ يۈكسىلىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىقتىسادىي تەشكىلات، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە ئەركىن كەسىپلەردىكى كەسپىي تېخنىك خادىملارنىڭ ئۇنۋان ئىلتىماس قىلىش ۋە ماھارەت دەرىجىسىنى بېكىتىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنىڭ تەمىنات سەۋىيەسى ۋە ئىجتىمائىي ئورنىنى ئۆستۈرۈش لازىم. يۇقىرى ساپالىق دېھقانلارنى يېتىشتۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكى - يېزا بايلىقى ۋە زامانىۋى تىجارەت ئۇسۇلى ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. كىچىك، مىكرو ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى يۆلەش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەككە تىجارەتچىلەر، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلارنىڭ تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ بېيىشىنى قوللاش كېرەك.

3 - پاراگراف قايتا تەقسىملەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش

باج، ئىجتىمائىي كاپالەت، يۆتكىمە چىقىم قاتارلىقلارنىڭ تەڭشەش سالمىقى ۋە توغرىلىقىنى ئاشۇرۇپ، خەيرىيەت قاتارلىق 3 - قېتىملىق تەقسىماتنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كىرىم ۋە بايلىق تەقسىماتى ئەندىزىسىنى ياخشىلاش كېرەك. بىۋاسىتە باج سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال بولۇش بىلەن تۈرگە ئايرىش بىرلەشتۈرۈلگەن شەخسلەر تاپاۋەت بېجى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى كىرىملىكلەرگە قارىتىلغان باج تەڭشەش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش لازىم. ئىجتىمائىي كاپالەت تەمىناتى ۋە مۇلازىمىتىنىڭ ئادىللىقى ۋە تولۇقلۇقىنى كۈچەيتىپ، تۈگەل كاپالەت ئۆلچىمىنى ھەرىكەتچان تەڭشەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. كىرىم تەقسىماتى تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، قانۇنلۇق كىرىمنى قوغداپ، زىيادە يۇقىرى كىرىمنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، قانۇنسىز كىرىمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، مونوپوللۇق ۋە ناتوغرا رىقابەت قىلمىشى ئارقىلىق ئېرىشكەن كىرىمنى چەكلەش كېرەك. شەخسىي كىرىم ۋە مال - مۈلۈك ئۇچۇرى سىستېمىسىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. زامانىۋى چىقىم ۋە كىرىم كۆزىتىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.

49 - باب كۆپ قاتلاملىق ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش

كاپالەتلەندۈرۈلىدىغانلارنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، تۆۋەن چەكنى ساقلاش، تورنى پۇختا توقۇش، مېخانىزم ئورنىتىش تەلىپى بويىچە، ئومۇمىي خەلقنى قاپلىغان، شەھەر - يېزا بىرتۇتاش پىلانلانغان، ئادىل، بىرلىككە كەلگەن، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان كۆپ قاتلاملىق ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى تېزدىن تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.

1 - پاراگراف ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش

كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ تۈزۈم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ ئۇزاققىچە تەڭپۇڭ بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش غەملەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش شەرتىنى بوشىتىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن كىشىلەرنى تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم. دۆلەت كاپىتالىنى ئاجرىتىپ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى تولۇقلاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي كاپالەت ئىستراتېگىيەلىك زاپاس فوندىنى ياخشىلاش ۋە كۈچەيتىش كېرەك. شەھەر - بازارلاردىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى مۇۋاپىق تەڭشەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئۆلچىمىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈش لازىم. كۆپ قاتلام، كۆپ تۈۋرۈكلۈك كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى سىستېمىسنى راۋاجلاندۇرۇپ، كارخانا يىللىق پۇلىنىڭ قاپلىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، 3 - تۈۋرۈك كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى قېلىپلىق راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. كەسپىي ئەمگەكچىلەرنى ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى بىلەن كەڭ دائىرىدە قاپلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆلكە دەرىجىلىك بىرتۇتاش غەملەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم. ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

2 - پاراگراف ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش تۈزۈمى ۋە خەيرىيەت تۈزۈمىنى ياخشىلاش

شەھەر - يېزا تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتلىرى، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلار، تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، قاتلام ۋە تۈرگە ئايرىلغان ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال پاناھلاندۇرۇش ئەندىزىسى بەرپا قىلىش كېرەك. ئاساسىي تۇرمۇشنى پاناھلاندۇرۇش تۈزۈمى ۋە داۋالاش، مائارىپ، تۇرالغۇ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئاپەتكە ئۇچرىغانلار قاتارلىق مەخسۇس پاناھلاندۇرۇش تۈزۈملىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پاناھلاندۇرۇش ئۆلچىمى ۋە پاناھلاندۇرۇش ئوبيېكتىنى ھەرىكەتچان تەڭشەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ۋاقىتلىق پاناھلاندۇرۇشقا دائىر سىياسەت، تەدبىرلەرنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۈشكۈل ئەھۋالدا قالغانلارنى ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك. شەھەر - يېزا پاناھلاندۇرۇش سىستېمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، دائىم تۇرۇشلۇق جايىدا پاناھلاندۇرۇشقا ئېرىشىشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم. مۇلازىمەتلىك ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇشنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش مۇلازىمىتى سېتىۋېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. خەيرىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مالىيە - باج قاتارلىق رىغبەت سىياسەتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. تور خەيرىيەت سۇپىسىنى قېلىپلىق راۋاجلاندۇرۇپ، لاتارىيە ۋە پاراۋانلىق فوندىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك.

3 - پاراگراف سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمەت سىستېمىسى ۋە كاپالەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش

سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرىنىڭ تەشكىللەش - باشقۇرۇش سىستېمىسى، خىزمەت يۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسى ۋە سىياسەت - تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرگە مۇلازىمەت قىلىش - كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا يار - يۆلەك بولۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ساھەسىنى كېڭەيتىپ، ئورۇنلاشتۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش لازىم. يېڭىچە تەمىنات كاپالىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، نەپىقە سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە پەرزەنتلىرىنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش، نوپۇسقا ئېلىش ۋە ئوقۇشقا كىرگۈزۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان ھەربىيلەر ۋە يارىلىنىش، كېسەل بولۇش، مېيىپ بولۇش سەۋەبىدىن سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى ئۆتكۈزۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش، قوبۇللاپ داۋالاش، بېقىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر مۇلازىمەت مەركىزى (پونكىتى) قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، نەپىقە دوختۇرخانىسى، ھەربىيلەر ساناتورىيەسى، ھەربىي تەمىنات پونكىتلىرىنىڭ قۇرۇلۇش سەۋىيەسى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنىڭ جىپسىلىشىشىنى كۈچەيتىش لازىم. قەھرىمانلار - قۇربانلار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە ئەسلىھەلىرى قۇرۇش ۋە ئاسراشنى كۈچەيتىپ، ھەربىيلەر قەبرىستانلىقى قۇرۇش كېرەك. ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى نەمۇنىلىك شەھەر (ناھىيە) بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك.

50 - باب ئاياللار، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ۋە مېيىپلەرنىڭ ئاساسىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش

ئەر - ئاياللار باراۋەر بولۇشتىن ئىبارەت ئاساسىي دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، بالىلار ئىشلىرىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مېيىپلەرگە غەمخورلۇق قىلىش مۇلازىمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاياللار، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر، مېيىپلەر تەرەققىيات ھوقۇقى ۋە پۇرسىتىنى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

1 - پاراگراف ئەر - ئاياللار باراۋەرلىكى ۋە ئاياللارنىڭ ئەتراپلىق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش

ئاياللار تەرەققىيات پىروگراممىسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئاياللار تەرەققىيات مۇھىتىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، ئاياللارنىڭ قانۇن بويىچە باراۋەر ھوقۇق يۈرگۈزۈشى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا قاتنىشىشى، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئاياللارنىڭ سەھىيە - ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، بالىياتقۇ بوينى راكى، ئەمچەك راكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش سىستېمىسى ۋە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. ئاياللارنىڭ تەربىيەلىنىش ھوقۇقىدىن باراۋەر بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، تەربىيە مۇددىتى ۋە ئۇنىۋېرسال ئىقتىدار ساپاسىنى داۋاملىق ئاشۇرۇش كېرەك. ئاياللارنىڭ ئىقتىسادىي ھوقۇق - مەنپەئەتتىن باراۋەر بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى جىنسىي كەمسىتىشنى تۈگىتىپ، تۇغۇت دەم ئېلىشى ۋە تۇغۇت ياردەم پۇلىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن قىلىپ، يېزا ئاياللىرىنىڭ يەر ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش لازىم. ئاياللارنىڭ سىياسىي ھوقۇقتىن باراۋەر بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاياللارنىڭ جەمئىيەت ئىشلىرى ۋە دېموكراتىك باشقۇرۇشقا كەڭ دائىرىدە قاتنىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. قانۇن - نىزام، سىياسەتلەرنى جىنسىي باراۋەرلىك جەھەتتىن باھالاش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جىنس بويىچە ئىستاتىستىكىلاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئۆيدە قالغان ئاياللارغا غەمخورلۇق قىلىش مۇلازىمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش لازىم. ئاياللار ۋە قىز بالىلارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقىغا چېقىلىشتەك قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك.

2 - پاراگراف قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە غەمخورلۇق قىلىش مۇلازىمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش

بالىلار تەرەققىيات پىروگراممىسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، بالىلارنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى ياخشىلاپ، بالىلارنىڭ ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىي قىلىش ھوقۇقى، قوغدىلىش ھوقۇقى ۋە قاتنىشىش ھوقۇقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بالىلار ساغلاملىق مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بالىلار كېسەللىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تىزگىنلەپ، بالىلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى ۋە ئېغىر ئەيىبناق تۇغۇلۇشىنى ئازايتىپ، بالىلاردىكى سېمىزلىك ۋە يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانىنى يولغا قويۇش كېرەك. بالىلارنىڭ باراۋەر تەربىيەلىنىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، بالىلارنىڭ پىسخىكا ساغلاملىق تەربىيەسى ۋە مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش لازىم. قىيىنچىلىقتا قالغان بالىلارنى تۈر بويىچە كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يېزىلاردىكى ئۆيدە قالغان بالىلارغا غەمخورلۇق قىلىش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېتىم بالىلار ۋە ھەقىقەتەن باققۇچىسىز قالغان بالىلارنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ۋەسىيلىك تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە چېقىلىشتەك قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئۇنىۋېرسال قوغداش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ياشلار تەرەققىياتى يىرىك پىلانىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ياشلارنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىپ ئىختىساس ئىگىسىگە ئايلىنىش ۋە نەتىجە يارىتىپ تۆھپە قوشۇش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ياشلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.

3 - پاراگراف ئائىلە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش

مەدەنىي ئائىلە بەرپا قىلىش، ئىلمىي ئائىلە تەربىيەسىنى يولغا قويۇش، ئېسىل ئائىلە ئىستىلىغا ۋارىسلىق قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، بەختىيار ئائىلە قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش كېرەك. ئائىلە تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىدىغان قانۇن، سىياسەت سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئائىلە تەربىيەسىگە دائىر قانۇننى چىقىرىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئائىلە زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى يولغا قويۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۆيلىنىش - ئائىلە تۇرمۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، ئۆيلىنىش - ئائىلە زىددىيەت، ماجىرالىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى پەسەيتىش كېرەك. شەھەر - يېزىلارنى قاپلىغان ئائىلە تەربىيەسى يېتەكچىلىك مۇلازىمىتى سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، مەكتەپ، ئائىلە، جەمئىيەت ھەمكارلىشىپ تەربىيەلەش مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. ئائىلە مۇلازىمىتىنىڭ كۆپ مەنبەلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئائىلە، ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلىنىڭ ئاساسىي قاتلام جەمئىيىتىنى ئىدارە قىلىشتىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش لازىم.

4 - پاراگراف مېيىپلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش

مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مېيىپلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش ۋە ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا ئومۇميۈزلۈك قاتنىشىشىغا ياردەم بېرىپ، قىيىنچىلىقى بار مېيىپلەرگە تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىش ئۆلچىمى ۋە ئېغىر مېيىپلەرگە قاراش ياردەم پۇلى بېرىش ئۆلچىمىنى ھەرىكەتچان تەڭشەش كېرەك. مېيىپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى قوللاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مېيىپلەرنىڭ ئەمگەك ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مېيىپلەرنى كەسپىي ماھارەت تەربىيەسىدىن ئالدىن بەھرىلەندۈرۈپ، مېيىپلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىشىگە يار - يۆلەك بولۇش لازىم. ئوقۇش يېشىدىكى مېيىپ بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تەربىيەلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاھىدە مائارىپنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش داشۆسى قۇرۇپ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمىتىنىڭ بازارلىشىش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قوشۇمچە سايمانلىرىنى سەپلەش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش لازىم. ئېغىر مېيىپلەرنى ھاۋالىلىك بېقىش - قاراش مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇش كېرەك. مېيىپلەر مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى ۋە ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشى ۋە ئاسراش سىياسىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قىيىنچىلىقى بار مېيىپلەر ئائىلىلىرىنى توسالغۇسىز ئەسلىھەلىك قىلىپ ئۆزگەرتىشنى قوللاش كېرەك.

51 - باب ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىش يېڭى ئەندىزىسى بەرپا قىلىش

پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى ئۆزىنى ئىدارە قىلىش، قانۇن ئىدارە قىلىش، ئەخلاق ئىدارە قىلىش ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن شەھەر - يېزا ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ دېموكراتىك كېڭىشىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەممە ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى بولغان، ھەممە ئادەم مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان، ھەممە ئادەم بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش كېرەك.

1 - پاراگراف ئاساسىي قاتلامنىڭ جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئۇلىنى پۇختىلاش

پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىك قىلىدىغان، كەنت (ئاھالە) كومىتېتى يېتەكچىلىك قىلىدىغان، خەلق ئاممىسى ئاساسىي سۇبيېكت قىلىنغان ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىش رامكىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلام ھۆكۈمىتى بىلەن ئاساسىي قاتلام ئامما ئاپتونومىيە تەشكىلاتىنىڭ ھوقۇق چېگراسىنى قانۇن بويىچە ئېنىق ئايرىپ، ناھىيە (رايون)نىڭ فۇنكسىيەلىك تارماقلىرى، يېزا - بازار (كوچا)لارنىڭ شەھەر - يېزا مەھەللىلىرىنى ئىدارە قىلىش ھوقۇق - مەسئۇلىيەت تىزىملىكى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، خىزمەت ئىشلىرىغا ئىجازەت بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ بولۇپمۇ كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلام ئامما ئاپتونومىيە تەشكىلاتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۇنىڭ فۇنكسىيەسى، كۆلىمى ۋە خىزمەت دائىرىسىنى مۇۋاپىق بېكىتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلام ئامما ئاپتونومىيە مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كەنت ئاھالىسى كېڭىشى، مەھەللە ئاھالىسى كېڭىشى، نازارەتچىلىك كومىتېتى قاتارلىق ئاپتونومىيە ئوبيېكتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەنت (مەھەللە) ئاھالىسىنى جەمئىيەت ئىدارە قىلىشقا قاتناشتۇرىدىغان تەشكىلىي شەكىل ۋە تۈزۈم يوللىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.

2 - پاراگراف مەھەللىلەرنىڭ باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش

جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ۋە مۇلازىمەت قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى تۆۋەنگە قارىتىش، بايلىقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، شەھەر - يېزا مەھەللىلىرىنىڭ دەل جايىدا ئىنچىكە مۇلازىمەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تەستىقلاش ھوقۇقى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت تۈرلىرىنى ئاساسىي قاتلامغا كېڭەيتىپ، دائىرىلىك باشقۇرۇش، ئىنچىكە مۇلازىمەت قىلىش، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تىرەك قىلىش، ئېچىۋېتىپ تەڭ بەھرىلىنىشتەك ئاساسىي قاتلام باشقۇرۇش - مۇلازىمەت سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، كۈتۈنۈش، ھاۋالىلىك بېقىش، مېيىپلەرگە يار - يۆلەك بولۇش، داۋالاش - ساقلىق ساقلاش، ئائىلە مۇلازىمىتى، ئەشيا ئوبوروتى، تاللا بازار، ماگىزىن، ئامانلىق ساقلاش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش، ماجىرانى مۇرەسسە قىلىش - بىر تەرەپ قىلىش، پىسخىكىلىق ياردەم قاتارلىق خەلققە قولاي مۇلازىمەت سورۇنلىرىنى ئورگانىك بىرىكتۈرۈش ۋە دەل جايىدا جىپسىلاشتۇرۇش لازىم. شەھەر مەھەللە ئاھالە كومىتېتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى ۋە خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، مەھەللە خوجىلىق مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇشنى ياخشىلاش كېرەك. مەخسۇسلاشقان، كەسىپلەشكەن شەھەر - يېزا مەھەللە خىزمەتچىلىرى قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك.

3 - پاراگراف ئىجتىمائىي كۈچلەرنى ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىشقا پائال يېتەكلەش

ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ جەمئىيەت ئىدارە قىلىشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بازار سۇبيېكتى، يېڭى ئىجتىمائىي تەبىقە، جەمئىيەت خىزمەتچىلىرى ۋە پىدائىيلارنىڭ جەمئىيەت ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك ئۇرغۇتۇش كېرەك. قېلىپلاشقان ساھە جەمئىيىتى، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى، پاراۋانلىق خەيرىيەت تەشكىلاتلىرى، شەھەر - يېزا مەھەللىسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، مالىيە تولۇقلىمىسى بېرىش، مۇلازىمەت سېتىۋېلىش، باجدا ئېتىبار بېرىش، ئىختىساسلىقلار جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق مەدەت بېرىش سىياسەتلىرىنى ۋە ئىش جەريانىدا، ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش لازىم. ئىجتىمائىي خىزمەت مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى ۋە پىدائىيلار مۇلازىمەت تەشكىلاتلىرىنى قوللاپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، پىدائىيلار قوشۇنىنى زورايتىپ، پىدائىيلار مۇلازىمەت سۇپىسىنى تېخىمۇ كۆپ قۇرۇپ، پىدائىيلار مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

15 - قىسىم تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ جۇڭگو قۇرۇش

ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداپ ۋە بەرپا قىلىپ، ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك بىلەن غەيرىي ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، بىخەتەر تەرەققىياتنى دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى ۋە پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك خەۋپ - خەتەرلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى توسۇقىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

52 - باب دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش

سىياسىي خەۋپسىزلىك، خەلق خەۋپسىزلىكى، دۆلەت مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق خەۋپسىزلىكىنى ئاساسىي مەقسەت، سىياسىي خەۋپسىزلىكنى ئاساس، ئىقتىسادىي خەۋپسىزلىكنى ئۇل، ھەربىي ئىشلار، پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت، جەمئىيەت خەۋپسىزلىكىنى كاپالەت قىلىپ، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىك ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. مەركەزلىك، بىرتۇتاش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، نوپۇزلۇق دۆلەت خەۋپسىزلىكى رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ قانۇنچىللىق سىستېمىسى، ئىستراتېگىيە سىستېمىسى، سىياسەت سىستېمىسى، ئىختىساسلىقلار سىستېمىسى ۋە ھەرىكەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇھىم ساھەلەردىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە دائىر قانۇن، تۈزۈم، سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. دۆلەت خەۋپسىزلىكى خەلق مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەشۋىق - تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى خەۋپ - خەتىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ باھالاش، ماس ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئالدىنى ئېلىش - تۈگىتىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىش لازىم. دۆلەتنىڭ ھاكىمىيەت بىخەتەرلىكى، تۈزۈم بىخەتەرلىكى، ئىدېئولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، تور بىخەتەرلىكى كاپالەت سىستېمىسى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، يېڭىچە ساھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغداپ، دۈشمەن كۈچلەرنىڭ سىڭدۈرمىچىلىك، بۇزغۇنچىلىق، ئاغدۇرمىچىلىق، بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىدىن قاتتىق مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك.

53 - باب دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي خەۋپسىزلىك كاپالىتىنى كۈچەيتىش

ئىقتىسادىي خەۋپسىزلىك خەۋپ - خەتىرىدىن سىگنال بېرىش، ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش مېخانىزمى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مۇھىم كەسىپ، ئۇل ئەسلىھە، ئىستراتېگىيەلىك بايلىق، زور پەن - تېخنىكا قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ساھەلەرنىڭ بىخەتەر، تىزگىنلىنىشچان بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. ئاشلىق، ئېنېرگىيە، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەرنىڭ بىخەتەر تەرەققىيات ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك.

1 - پاراگراف ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش

تۈرى بويىچە كاپالەتلەندۈرۈش تاكتىكىسىنى يولغا قويۇپ، مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەمىنات كاپالىتى سىستېمىسى ۋە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش، سېتىۋېلىش، ساقلاش، پىششىقلاش، سېتىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاشلىق مۇتلەق بىخەتەر بولۇش، ئاشلىق بىلەن ئاساسەن ئۆزىنى ئۆزى قامداش، مۇھىم يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى تەمىناتى يېتەرلىك بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى قىلچە بوشاشتۇرماي چىڭ تۇتۇپ، ئاشلىقنى يەر ۋە تېخنىكىغا تايىنىپ ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئۇرۇق مەنبەسىگە ئالاقىدار «گالدىن ئالىدىغان» تېخنىكا ئۆتكەللىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، سورتلارنى ئۆز ئالدىغا تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقى ۋە مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىز كونترول سىزىقىنى قاتتىق ساقلاپ، ئاشلىق تېرىش كۆلىمى ۋە مەھسۇلات مىقدارىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ۋە كۆپەيتىپ، رايون خاراكتېرلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى جىددىي تەمىنات بازىسىنى مۇۋاپىق جايلاشتۇرۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىپ ساقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆپ مەنبەلىك بازار سېتىۋېلىش - سېتىش سۇبيېكتلىرىنى تېز يېتىلدۈرۈپ، مەركەز زاپاس ئاشلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاشلىق زاپىسىنى تەڭشەش - تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش لازىم. ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ئۆلكە باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى ۋە كۆك - تاققا شەھەر باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇشنى يولغا قويۇش كېرەك. ئاشلىقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، ساقلاش، توشۇش، پىششىقلاش ھالقىلىرىدىكى خورىشىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىپ، ئاشلىق تېجەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى خەلقئارا ھەمكارلىقىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىمپورتىنى باشقۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىمپورتنىڭ كۆپ مەنبەلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارالىق چوڭ ئاشلىق سودىگەرلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك كارخانا گۇرۇھلىرىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنىنى تۈزۈپ چىقىش كېرەك.

2 - پاراگراف ئېنېرگىيە بايلىقى بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش

دۆلەت ئىچىنى ئاساس قىلىش، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش، كۆپ مەنبەلىك كاپالەتلەندۈرۈش، زاپاسنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش، ساقلاش، سېتىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېنېرگىيە بىلەن سىجىل مۇقىم تەمىنلەش ۋە خەۋپ - خەتەرنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، كۆمۈر تەمىنات بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، نېفىت - گاز يادرولۇق ئېھتىياجىنى ئۆزىگە تايىنىپ قامداش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن مۇقىم، ئىشەنچلىك تەمىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىچكى مەھسۇلات ئاساسىنى پۇختىلاپ، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىشىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ۋە ئاشۇرۇپ، كۆمۈردىن ماي - گاز ئېلىش ئىستراتېگىيەلىك بازىلىرىنى پىلانلاپ جايلاشتۇرۇش ۋە باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. نېفىت - گاز زاپىسىنىڭ كۆلىمىنى ئاشۇرۇپ، ھۆكۈمەت زاپاس ساقلاش بىلەن كارخانا ۋە جەمئىيەت مەسئۇل بولۇپ زاپاس ساقلاش ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلگەن ۋە ئۆزئارا تولۇقلايدىغان نېفىت - گاز زاپاس ساقلاش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. كۆمۈر زاپاس ساقلاش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئېنېرگىيە خەۋپ - خەتىرىنى جىددىي باشقۇرۇش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق شەھەرلەر ۋە ئابۇنىچىلارنىڭ توك تەمىناتى كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، مۇھىم ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرى، ئېنېرگىيە تورىنىڭ بىخەتەرلىك مۇھاپىزىتىنى كۈچەيتىش لازىم. نېفىت - گاز ئىمپورتىنى كۆپ مەنبەلىك كېڭەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆتەڭ ۋە ھالقىلىق تۈگۈنلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش كېرەك. ئۆزىمىزنى ئاساس قىلغان سودا مەركىزى ۋە باھا بېكىتىش مېخانىزمىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۆز پۇل راسچوتىنى پائال ئالغا سىلجىتىش لازىم. ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىق يىرىك پىلانىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، زاپاس ساقلاش بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك كان ئىزدەشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش كېرەك.

3 - پاراگراف پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش

پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، سىگنال بېرىش، بىر تەرەپ قىلىش، جاۋابكارلىق سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ۋە تەۋەلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇن - بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارغا قەتئىي يۈز - خاتىر قىلماي، سىستېمىلىق خەۋپ - خەتەر يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلاش كېرەك. ماكرولۇق ئېھتىياتچان باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ماكرولۇق پىشاڭ نىسبىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى ئاساس قىلىش ۋە مۇقىملىق ئاساسىدا تۆۋەنلىتىش كېرەك. پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىدىكى نېگىزلىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە پۇل مۇئامىلە پاي كونترول شىركەتلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ناچار مۈلۈكنى بېكىتىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، كۆلەڭگە بانكا خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ - تۈگىتىپ، خەۋپ - خەتىرى يۇقىرى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى تەرتىپلىك بىر تەرەپ قىلىپ، قانۇنسىز پۇل مۇئامىلە ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. قەرز خەۋپ - خەتىرىنى پەرقلەندۈرۈش، باھالاش، سىگنال بېرىش ۋە ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زايوم بازىرىدا پۈتۈمگە خىلاپلىق قىلغانلارنى بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، زايوم بازىرىدا قانۇننى بىرتۇتاش ئىجرا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ يوشۇرۇن قەرزىنى پۇختا قەدەم بىلەن تۈگىتىپ، قەرز قايتۇرۇشتىن باش تارتىش - قەرزنى يوققا چىقىرىش قىلمىشىنى قاتتىق جازالاش كېرەك. كاپىتالنىڭ چېگرا ھالقىپ يۆتكىلىشىنى باشقۇرۇش رامكىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئېچىۋېتىش شارائىتىدا خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش لازىم. خەلق پۇلى چېگرا ھالقىغان چىقىم سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە كەسپىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش يادرولۇق تېخنىكىلىرىنىڭ بىخەتەر، تىزگىنلىنىشچان بولۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پۇل مۇئامىلە ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش كېرەك.

54 - باب ئاممىۋى خەۋپسىزلىك كاپالىتى ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش

خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى خەۋپسىزلىك تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاممىۋى خەۋپسىزلىك مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە باشقۇرۇش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ ھايات بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

1 - پاراگراف بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش

بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىۋى خەۋپسىزلىك يوشۇرۇن ئاپىتىنى تەكشۈرۈش سىستېمىسى ۋە بىخەتەرلىك مۇداپىئە - كونترول سىستېمىسى ئورنىتىش كېرەك. كارخانىلارنىڭ بارلىق خادىملار بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، كارخانىلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە تەكشۈرۈش، سىگنال بېرىش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، مەمۇرىي تەپتىش قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىپ، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇم، كان، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى، قاتناش، ئوت مۇداپىئە، پۇقراۋى پارتلىتىش، ئالاھىدە ئۈسكۈنە قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى تۈزەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، زور يوشۇرۇن خەۋپنى تۈزەشكە دەرىجىمۇدەرىجە ۋىۋىسكا ئېسىپ ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە تۈزەش ئۈنۈمىنى باھالاشنى يولغا قويۇش كېرەك. كارخانىلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، سانائەت باغچە رايونى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. كانلارنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىنى قېزىش ۋە زور ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىلغار تېخنىكا - جابدۇقلاردا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى قوللىنىشنى كۈچەيتىپ، خەتەرلىك ئىش ئورۇنلىرىدا ماشىنا ئادەم ئىشلىتىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. نۇقتىلىق ساھەلەردە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت سۇغۇرتىسىنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

2 - پاراگراف يېمەكلىك - دورا بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى چىڭىتىش

يېمەكلىك - دورا بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، يېمەكلىك - دورا بىخەتەرلىكى قانۇن - نىزاملىرى ۋە ئۆلچەم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ھەق تەلەپ پاراۋانلىق دەۋاسىدا جازالاش خاراكتېرلىك تۆلەم تۈزۈمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېمەكلىك سۈپەت بىخەتەرلىكىنى تولۇق زەنجىرىلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خاتىرجەملىك قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىلىرىنى بىرلىشىپ تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. دورا بىخەتەرلىكى خەۋپ - خەتىرىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ - قاتتىق كونترول قىلىپ، دورا ۋە ۋاكسىنىنى پۈتۈن ئىشلىتىش دەۋرىلىك باشقۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، دورىنى ئېلېكتىرونلۇق سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق تۈردىكى دورىلارنىڭ مەنبەسى ۋە مەنزىلىنى پۈتۈن جەريانلىق سۈرۈشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ يېگانە بەلگە تۈزۈمىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېمەكلىك - دورا بىخەتەرلىكى خەۋپ - خەتىرىنى كۆزىتىش، ئارىلاپ تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، قانۇن ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىپ، تېز مەلۇم قىلىش ۋە تېز ئىنكاس قايتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك.

3 - پاراگراف بىيو بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش

بىيو بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئۇنى تۈزەش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ بىيو بىخەتەرلىكىنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. دۆلەتنىڭ بىيو بىخەتەرلىك خەپ - خەتىرىنى تەكشۈرۈش، سىگنال بېرىش سىستېمىسى ۋە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زور بىيو بىخەتەرلىك ۋەقەلىرى ئۇچۇرىنى بىرتۇتاش ئېلان قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ھايۋانات، ئۆسۈملۈك يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە چېگرادا سىرتتىن تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن تۈرلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. بىيو بىخەتەرلىك ئۇل ئەسلىھەلىرىنى بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، دۆلەت بىيو سانلىق مەلۇمات مەركىزى سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئالىي بىيو بىخەتەرلىك تەجرىبىخانا سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە يۈرۈشۈشىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. بىيو بىخەتەرلىك بايلىقىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىنسانىيەت ئىرسىيەت بايلىقى ۋە بىيو بايلىق مۇندەرىجىسىنى تۈزۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىيو تېخنىكا تەتقىق قىلىپ يارىتىش خەۋپ - خەتىرىنى باھالاش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. بىيو بىخەتەرلىك قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. بىيو بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىيو بىخەتەرلىك خەلقئارا قائىدىسى تۈزۈشكە پائال قاتنىشىش كېرەك.

4 - پاراگراف دۆلەتنىڭ جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش

بىرتۇتاش قوماندانلىق قىلىدىغان، مەخسۇس خىزمەت ۋە دائىملىق خىزمەت تەڭ تۇتۇلىدىغان، ئىنكاسى تېز، يۇقىرى - تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولىدىغان جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىپ، دۆلەتنىڭ جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش ئىقتىدار سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ياخشىلاپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. دەرىجە بويىچە مەسئۇل بولۇش، تەۋەلىكىنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەركەز بىلەن جايلارنىڭ دەرىجە بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، رايون ھالقىغان، ۋادى ھالقىغان ئاپەت - ھادىسىلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇشتا ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاپەت - ھادىسە خەۋپ - خەتىرىنى تەكشۈرۈش ۋە تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىۋى ئۇل ئەسلىھە بىخەتەرلىكىنى مۇستەھكەملەش ۋە تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، كەلكۈن، قۇرغاقچىلىق، ئورمان - ئوتلاق ئوت ئاپىتى، گېئو ئاپەت، ھاۋارايى ئاپىتى، يەر تەۋرەش قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەردىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئوت مۇداپىئە - قۇتقۇزۇش قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ئاپەتلەردىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئاۋىياتسىيە جىددىي قۇتقۇزۇش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. جىددىيەت ماددىي ئەشيا زاپىسىنىڭ تۈرى، كۆلىمى ۋە قۇرۇلمىسىنى ئىلمىي تەڭشەپ، تېز تەقسىملەش ۋە جىددىي توشۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ئۇچۇرى ۋە ئۇنىۋېرسال كۆزىتىش، سىگنال بېرىش تورى سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ناچار شارائىتتا جىددىي قۇتقۇزۇشنىڭ خەۋەرلىشىش كاپالەت ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. زور ئاپەت سۇغۇرتىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش لازىم.

55 - باب ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىكنى قوغداش

يېڭى ۋەزىيەتتىكى خەلق ئىچىدىكى زىددىيەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، جەمئىيەت ئامانلىقى مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىپ، ھەر تەرەپلىمە، ئىستېرېئولۇق، ئاقىل ئىجتىمائىي بىخەتەرلىك تورى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

1 - پاراگراف ئىجتىمائىي زىددىيەتنى ھەر تەرەپلىمە ھەل قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش

يېڭى دەۋر «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، تەرتىپكە سېلىش، ماجىرا ھەل قىلىش، جىددىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتىن ئىبارەت ئىجتىمائىي زىددىيەتنى ھەر تەرەپلىمە ھەل قىلىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئاممىنىڭ تەلىپىنى ئىپادىلەش، مەنپەئىتىنى ماسلاشتۇرۇش، ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، خەلق مۇرەسسەسى، مەمۇرىي مۇرەسسە، ئەدلىيەلىك مۇرەسسە ھەمتۈرتكە قىلىنغان خىزمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. زىددىيەت - ماجىرانى كۆپ مەنبەلىك ھەل قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇرەسسە قىلىش، كېسىم قىلىش، مەمۇرىي كېسىم قىلىش، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش، دەۋا قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ئىجتىمائىي زىددىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش - پەسەيتىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئەرزىيەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ مۇۋاپىق تەلىپىنى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا ئۆز جايىدا ھەل قىلىش كېرەك. ئىجتىمائىي زىددىيەت، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ھەمكارلىق مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش لازىم. ئىجتىمائىي پىسخىكىلىق مۇلازىمەت سىستېمىسى ۋە پىسخىكا كىرىزىسىگە تەسىر كۆرسىتىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش لازىم.

2 - پاراگراف جەمئىيەت ئامانلىقى مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش

مەخسۇس تۈزەش بىلەن ئامما تۈزەشنى بىرلەشتۈرۈش، ئامما ئالدىنى ئېلىش - تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنىڭ ئىستېرېئولىشىش، قانۇنچىللىشىش، كەسىپلىشىش، ئاقىللىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مەسىلىلەرنى بىرلىكتە ھەل قىلىدىغان، خىزمەتتە ھەمتۈرتكە بولىدىغان، بىرلىكتە ئەمىنلىك بەرپا قىلىدىغان خىزمەت مېخانىزمى شەكىللەندۈرۈپ، جەمئىيەت ئامانلىقى مۇداپىئە سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. زەھەر چەكلەش خەلق ئۇرۇشى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى داۋاملىق ياخشى قانات يايدۇرۇپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىشنىڭ دائىملىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىپ، يېڭىچە تور جىنايىتى ۋە دۆلەت ھالقىغان، رايون ھالقىغان جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. زەربە بېرىش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش، ئومۇمىي جەھەتتىن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت ئامانلىقىدىكى نۇقتىلىق رايونلارنى تەكشۈرۈش - تۈزەشنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ماسلاشتۇرۇش ھەمتۈرتكە مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. جامائەت خەۋپسىزلىكى چوڭ سانلىق مەلۇماتلىق ئاقىل سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشنى نازارەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا چەك قويۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش خادىملىرىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. دۆلەت دەرۋازىسى بىخەتەرلىكى مۇداپىئە سىستېمىسى بەرپا قىلىش لازىم. خەلقئارا قانۇن ئىجرا قىلىش بىخەتەرلىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

16 - قىسىم دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، دۆلەتنى بېيىتىش بىلەن ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش

شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېننى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيەنى سىياسىي ئارقىلىق قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ماشىنىلاشقان، ئۇچۇرلاشقان، ئاقىللاشقان يۇغۇرما تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداش ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، 2027 - يىلى ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

56 - باب دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش

ھەربىي ئىشلار نەزەرىيەسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ ئۇرۇش ۋە ئىستراتېگىيە يېتەكچىلىكىدە يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى دەۋر ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيە سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىلغار ئۇرۇش نەزەرىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. ئارمىيە تەشكىلىي قۇرۇلمىسىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تېزلىتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەربىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ئىنقىلابىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئارمىيە - قىسىم تۈرلىرى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك كۈچ ۋە يېڭى رايون، يېڭى ۋاسىتىلىك ئۇرۇش كۈچلىرىنى زورايتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەيۋە كۆرسىتىش ۋە بىرلەشمە جەڭ قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ھەربىي كۈچلەرنى بىرلىكتە مەشىق قىلدۇرۇش، بىرلىكتە كاپالەتلەندۈرۈش، بىرلىكتە ئىشلىتىشنى كۈچەيتىش لازىم. ھەربىي خادىملارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېڭى دەۋر ھەربىي تەلىم - تەربىيە فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۈچ بىر گەۋدە قىلىنغان يېڭىچە ھەربىي ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن يېڭىچە ھەربىي ئىختىساسلىقلار قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك. قورال - جابدۇقلارنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تېزلىتىپ، كۈچنى دۆلەت مۇداپىئە پەن - تېخنىكىسىدا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش، ئىپتىدائىي يېڭىلىق يارىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك، ئالدىنقى قاتاردىكى، ئاغدۇرۇش خاراكتېرلىك تېخنىكىلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، قورال - جابدۇقلارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ دەۋر ئالمىشىشى ۋە ئاقىل قورال - جابدۇقلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش كېرەك.

57 - باب دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلىي كۈچى بىلەن ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىنىڭ ماس قەدەمدە ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش

دۆلەتنىڭ زامانىۋىلىشىش تەرەققىياتىغا ماسلىشىپ، ئىستراتېگىيە قاتلىمىدىن ياخشى پىلانلاپ، بايلىق ئامىلىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسەت - تۈزۈملەرنىڭ ماسلىقىنى كۈچەيتىپ، تەشكىلىي باشقۇرۇش، خىزمەتلەرنى يۈرۈشتۈرۈش، سىياسەت - تۈزۈم، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت ئىستراتېگىيە سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى بەرپا قىلىش كېرەك. نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق ساھە، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ساھەلەرنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت مۇداپىئە ساھەسىدىكى مۇھىم قۇرۇلۇشلارنى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ يولغا قويۇش لازىم. ھەربىي قۇرۇلۇش ئورۇنلاشتۇرمىسى بىلەن رايون ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ پەن - تېخنىكىدا ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دېڭىز - ئوكيان، ئالەم بوشلۇقى، تور بوشلۇقى، بىيولوگىيە، يېڭى ئېنېرگىيە، سۈنئىي ئەقىل، كىۋانت پەن - تېخنىكىسى قاتارلىق ساھەلەرنى ئارمىيە - خەلق بىرتۇتاش پىلانلاپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ پەن تەتقىقات ئەسلىھەلىرى بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى قوش يۆنىلىشلىك ئايلاندۇرۇپ ئىشلىتىش ۋە نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئورتاق قۇرۇش ۋە ئورتاق ئىشلىتىشنى كۈچەيتىپ، يېڭىچە ئۇل ئەسلىھەلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ قۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە دۆلەت مۇداپىئە تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. زامانىۋى ھەربىي ئەشيا ئوبوروت سىستېمىسى ۋە مۈلۈك باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش كېرەك. ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ ئىختىساسلىقلارنى بىرلىكتە يېتىشتۈرۈشىنى كۈچەيتىپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ ئىختىساسلىقلىرىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىش، سالاھىيىتىنى ئېتىراپ قىلىش قاتارلىق تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. دۆلەت مۇداپىئە پەن - تېخنىكا سانائىتىنىڭ جايلىشىشىنى ياخشىلاپ، ئۆلچەملىشىش ۋە ھەممىبابلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك. قورال - جابدۇق بازار ئىجازىتى، ھاۋا قاتنىشىنى باشقۇرۇش قاتارلىق ئىسلاھاتلارنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جىددىي ئۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ۋە مۇستەھكەملەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي خەلق دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. ھەربىيلەر ۋە ھەربىيلەر ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداپ، ھەربىيلىكنى پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر كەسىپكە ئايلاندۇرۇش لازىم.

17 - قىسىم سوتسىيالىستىك دېموكراتىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تۈزۈمنىڭ ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى ۋە راۋاجلاندۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

58 - باب سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەنى راۋاجلاندۇرۇش

پارتىيە ئومۇمىيەتنى ئىگىلەيدىغان ۋە ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرىدىغان رەھبەرلىك تۈزۈمى سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى تەرەپ، ھەرقايسى ھالقىلىرىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ «بىر ھۆكۈمەت، بىر كومىتېت، ئىككى مەھكىمە»گە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ قانۇن بويىچە تۈرلۈك يول ۋە شەكىللەر ئارقىلىق دۆلەت ئىشلىرىنى، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئىشلىرىنى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنى باشقۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي كېڭىشىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتناشقۇچى پارتىيە قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەقىل - تەدبىر كۆرسىتىش ۋە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش لازىم. پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەش كېرەك. ئاساسىي قاتلام ئامما ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئۆزىنى باشقۇرۇش، ئۆزىگە مۇلازىمەت قىلىش، ئۆزىنى تەربىيەلەش، ئۆزىنى نازارەت قىلىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇلار ئالاقە باغلىغان ئاممىنى پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك. بۈيۈك بىرلىك سەپ خىزمىتى ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەلەر مۇناسىۋىتى، مىللەتلەر مۇناسىۋىتى، دىنلار مۇناسىۋىتى، تەبىقىلەر مۇناسىۋىتى، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى قېرىنداشلار مۇناسىۋىتىنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، بۈيۈك بىرلىك ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ چياۋمىنلار سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، چياۋمىنلار رايىنى مۇجەسسەملەپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش لازىم.

59 - باب دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش

جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىل دۆلەت، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ بەرپا قىلىپ، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇش يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇش كېرەك. ئاساسىي قانۇننىڭ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزملارنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قانۇن ئىزاھاتى تەرتىپ مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇنغا ئۇيغۇن بولۇشنى تەكشۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. قانۇن چىقىرىش تۈزۈلمە - مېخانىزملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھە، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ساھە، چەتكە چېتىشلىق ساھەلەرگە دائىر قانۇن چىقىرىشنى كۈچەيتىپ، چىقىرىش، تۈزىتىش، بىكار قىلىش، ئىزاھلاش، تۈزۈشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، ئاساسىي قانۇن يادرو قىلىنغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش پىروگراممىسىنى يولغا قويۇپ، مۇھىم مەمۇرىي تەدبىر بەلگىلەش تەرتىپى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇننى قاتتىق، قېلىپلىق، ئادىل ۋە مەدەنىي ئىجرا قىلىپ، قانۇن ئىجرا قىلىشتىكى ئەركىن ئۆلچەش ھوقۇقىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئۇنىۋېرسال يانداش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سوت تۈزۈمى، تەپتىش تۈزۈمى، جىنايى جازانى ئىجرا قىلىش تۈزۈمى، ئادۋوكاتلىق تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇن يۈرگۈزۈش ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىجرا تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇننىڭ ئادىل يۈرگۈزۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش پىروگراممىسىنى يولغا قويۇپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قانۇنچىللىق تەشۋىق - تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، «8 - بەش يىل»لىق قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى سىستېمىسى، قانۇن ياردىمى ۋە دۆلەت ئەدلىيەلىك پاناھلاندۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. كىشىلىك ھوقۇقنى قانۇن يۈرگۈزۈش ئارقىلىق قوغداشنى كۈچەيتىپ، كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. چەتكە چېتىشلىق قانۇنچىللىق سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، چەتكە چېتىشلىق قانۇن ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش كېرەك.

60 - باب پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش

پارتىيە بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان، نوپۇزلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تەدبىرى ئىلمىي، ئىجراسى قەتئىي، نازارەتچىلىكى كۈچلۈك بولغان ھوقۇق يۈرگۈزۈش مېخانىزمى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى ۋە نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، سىياسىي كۆزىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىنتىزام نازارەتچىلىكى، رېۋىزىيە نازارەتچىلىكى، ۋاكالەت ئاپپاراتى نازارەتچىلىكى، كۆزىتىش نازارەتچىلىكىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى يېتەكچى قىلىپ، تۈرلۈك نازارەتچىلىكنىڭ راۋان ماسلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دائىملاشقان ئۇزاق ئۈنۈملۈك نازارەتچىلىك بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈپ، نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىغا تېخىمۇ ياخشى سىڭدۈرۈش كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش - رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە رېۋىزىيە كومىتېتىغا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش - رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ قېلىپلىشىشى، قانۇنچىللىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نازارەت قىلىش، كاپالەتلەندۈرۈش، ئىجرا قىلىش، ئىلگىرى سۈرۈش، مۇكەممەللەشتۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ھوقۇق تەقسىماتى ۋە ھوقۇق يۈرگۈزۈشكە چەك قويۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىش تەقسىماتى بويىچە ھوقۇق يۈرگۈزۈش، ئىش ئورنى بويىچە ھوقۇق تەسىس قىلىش، دەرىجە بويىچە ھوقۇق بېرىش، خىزمەت ئورنىنى قەرەللىك ئالماشتۇرۇش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇش، ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇش، ئەدلىيە ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇش ۋە ساھە ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەسىلىنى بايقاش، خاتالىقنى تۈزىتىش، جاۋابكارلىقنى دەل جايىدا سۈرۈشتۈرۈش ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە نازارەتچىلىك تۈزۈمى بەرپا قىلىش كېرەك. چەكلەنگەن رايون قالدۇرماسلىق، تولۇق قاپلاش، قىلچە يول قويماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە ۋە تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىش كېرەك. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لازىم. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى سىجىل تۈزەپ، راھەتپەرەسلىك ۋە ھەشەمەتچىلىكنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىنى ھەقىقىي توسۇپ، ئامما ئەتراپىدا كۆرۈلگەن چىرىكلىك ۋە ناتوغرا ئىستىللارنى قەتئىي تۈزەش كېرەك.

18 - قىسىم «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش

شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئاۋاتلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشى ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت گۈزەل كېلەچەكنى بىرلىكتە يارىتىش كېرەك.

61 - باب شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئاۋاتلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاش

«بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»، «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش»، «ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش»، يۈكسەك ئاپتونومىيەنى يولغا قويۇش فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇندا بەلگىلەنگەن ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم تەرتىپىنى قوغداپ، مەركەزنىڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننى ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدىغان قانۇن - تۈزۈمى ۋە ئىجرا مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتى ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، تاشقى كۈچلەرنىڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىنىڭ ئالدىنى قەتئىي ئېلىپ ۋە توسۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ رىقابەت ئەۋزەللىكىنى مۇستەھكەملىشى ۋە ئاشۇرۇشىنى، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىشىنى قوللاش كېرەك.

1 - پاراگراف شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ رىقابەت ئەۋزەللىكىنى مۇستەھكەملىشى ۋە ئاشۇرۇشىنى قوللاش

شياڭگاڭنىڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزى، سۇ تىرانسپورت مەركىزى، سودا مەركىزى ۋە خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنىلىك ئورنىنى ئۆستۈرۈشىنى قوللاپ، دۇنياۋى قىرغاق سىرتى خەلق پۇلى كەسپى تۈگۈنى، خەلقئارالىق مۈلۈك باشقۇرۇش مەركىزى ۋە خەۋپ - خەتەر باشقۇرۇش مەركىزىلىك فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك. شياڭگاڭنىڭ خەلقئارا پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى خەلقئارا قانۇن ۋە ماجىرا ھەل قىلىش مۇلازىمەت مەركىزى، رايون بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سودا مەركىزى بەرپا قىلىشىنى قوللاپ، شياڭگاڭ مۇلازىمەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى سەۋىيە، يۇقىرى قوشۇلما قىممەت يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا يار - يۆلەك بولۇپ، شياڭگاڭنىڭ جۇڭگو - چەت ئەل مەدەنىيەت - سەنئەت ئالاقىسى مەركىزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى قوللاش كېرەك. ئاۋمېننىڭ دۇنياۋى ساياھەت - ئىستىراھەت مەركىزىنى تېخىمۇ مول مەزمۇنغا ئىگە قىلىشىغا يار - يۆلەك بولۇپ، گۇاڭدۇڭ بىلەن ئاۋمېننىڭ خېڭچىن ئارىلىنى ھەمكارلىشىپ ئورتاق قۇرۇشىنى قوللاپ، جۇڭگو - پورتۇگال تىللىق دۆلەتلەر سودا ھەمكارلىقى مۇلازىمەت سۇپىسىنىڭ فۇنكسىيەسىنى كېڭەيتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئاساسىي ئېقىم قىلىنغان، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ئالاقە - ھەمكارلىق بازىسى بەرپا قىلىپ، ئاۋمېننىڭ جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساش، ئۆزگىچە پۇل مۇئامىلە، يۇقىرى يېڭى تېخنىكا ۋە كۆرگەزمە سودىسى قاتارلىق كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇشىنى قوللاپ، ئىقتىسادىنىڭ مۇۋاپىق كۆپ مەنبەلىك راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

2 - پاراگراف شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىنى قوللاش

شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى سىڭىش، ئىچكى جايلار بىلەن ئەۋزەللىكلەردە ئۆزئارا تولۇقلاش، ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىشىگە ۋە زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشى ۋە كۈچ قوشۇشىنى قوللاپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش فۇنكسىيەلىك سۇپىسى بەرپا قىلىش لازىم. ئىچكى جايلار بىلەن شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئىقتىساد - سودا ۋە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىچكى جايلار بىلەن شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ پۇل مۇئامىلە بازىرىنى تۇتاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىش كېرەك. گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنى يۇقىرى سۈپەتلىك قۇرۇپ، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن ھەمكارلىقى ۋە پان جۇجياڭ دېلتىسى رايونى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شېنجېن چيەنخەي، جۇخەي خېڭچىن، گۇاڭجوۋ نەنشا، شېنجېن - شياڭگاڭ خېتاۋ قاتارلىق گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن مۇھىم ھەمكارلىق سۇپىلىرى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىچكى جايلار بىلەن شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقە - ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئاھالىسىنىڭ ئىچكى جايلاردا تەرەققىي قىلىشى، ياشىشى ۋە ئولتۇراقلىشىشىغا قولايلىق يارىتىدىغان سىياسەت - تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇن تەربىيەسى، دۆلەت ئەھۋالى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارنىڭ دۆلەت ئېڭى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى كۈچەيتىش لازىم. شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايونلار بىلەن ئالاقە - ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاش كېرەك.

62 - باب ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشى ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش

بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە «92 - يىل ئورتاق تونۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ بەخت - سائادىتىنى مەقسەت ۋە نىشان قىلىپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتى ۋە يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىدىن يۈكسەك ھوشيار بولۇش ۋە ئۇنى قەتئىي توسۇش كېرەك.

1 - پاراگراف ئىككى قىرغاقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش

تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ بەخت - سائادىتى ۋە چوڭ قۇرۇقلۇقتا ئوخشاش مۇئامىلىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان تۈزۈم ۋە سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەيۋەنگە ۋە تەيۋەن ئاھالىسىگە نەپ يەتكۈزىدىغان سىياسەت - تەدبىرلەرنى داۋاملىق تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى تەرەققىيات پۇرسىتىدىن بەھرىمەن قىلىپ، چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ ئىقتىسادىي - ئىجتىمائىي تەرەققىيات جەريانىغا قاتناشتۇرۇش كېرەك. تەيۋەنلىك سودىگەرلەر ۋە تەيۋەن كارخانىلىرىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ۋە دۆلەتنىڭ رايونلار ماس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە قاتنىشىشىنى قوللاش كېرەك. ئىككى قىرغاقنىڭ پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان تەيۋەن مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتا پېيىنى بازارغا سېلىشىنى قوللاش كېرەك. دېڭىز بوغۇزى ئىككى قىرغىقىنىڭ كەسىپ ھەمكارلىقى رايونى، پىڭتەن ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى، كۈنشەن ئىككى قىرغاق كەسىپ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش سىناق رايونى قاتارلىق ئىككى قىرغاق ھەمكارلىق سۇپىسى قۇرۇلۇشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. فۇجيەننىڭ دېڭىز بوغۇزى ئىككى قىرغىقىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا يېڭى يول ئېچىش ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى قوللاپ، ئىككى قىرغاق يۇغۇرما تەرەققىيات ئۈلگە رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىش لازىم. ئىككى قىرغاقنىڭ كەسىپ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى قىرغاق ئورتاق بازىرى بەرپا قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئىقتىسادىنى زورايتىش كېرەك.

2 - پاراگراف ئىككى قىرغاقنىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىش

ئىككى قىرغاقنىڭ ئالاقە - ھەمكارلىقى ۋە خادىملارنىڭ بېرىش - كېلىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىشىنىش ۋە تونۇشنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئىككى قىرغاقنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ، داۋالاش، ساقلىق ساقلاش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقە - ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە ئاممىۋى بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىككى قىرغاقنىڭ قوشنا ياكى شارائىتى ئوخشاش رايونلىرىنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى باراۋەر، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، قولاي قىلىشىنى قوللاپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ئورتاق ۋارىسلىق قىلىشى ۋە ئۇنى ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىككى قىرغاقنىڭ ئاساسىي قاتلام ۋە ياش - ئۆسمۈرلەر ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، تەيۋەن ياش - ئۆسمۈرلىرىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا كېلىپ ئارزۇغا ئىنتىلىشى، ئارزۇ ئۈچۈن تىرىشىشى ۋە ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك. كەڭ تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە ئورتاق قارشى تۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى قوغداپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش كېرەك.

19 - قىسىم يىرىك پىلاننى يولغا قويۇش كاپالىتىنى كۈچەيتىش

پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، يىرىك پىلاننى يولغا قويۇش كاپالىتى مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىپ، تۈرلۈك سۇبيېكتلارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئىجادچانلىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوزغاپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

63 - باب پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش

پارتىيە يۆنىلىشنى ئىگىلەش، ئومۇمىيەتنى پىلانلاش، سىياسەت بەلگىلەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم چىقىرىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشنىڭ ھەر ساھەلىرى ۋە پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئىزچىللىشىشى ۋە ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېتەكچىلىك، كاپالەتلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى يىرىك پىلاننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا سىڭدۈرۈش كېرەك. يۇقىرى - تۆۋەن تۇتاشقان، كۈچلۈك ئىجرا قىلىدىغان تەشكىلىي سىستېمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە كادىرلارنىڭ يېڭى دەۋرنىڭ يېڭى تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشقان ئىسلاھاتنى چىڭ تۇتۇش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش سىياسىي ئىقتىدارى ۋە كەسپىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشقا قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىقلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشى ۋە كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە مۇجەسسەملەش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ تەلىپىگە لايىق ئىچكى رىغبەت مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، رىغبەت يۆنىلىش قىلىنغان نەتىجە - ئۈنۈم باھالاش مېخانىزمى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى كەچۈرۈم قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كەڭ كادىرلار، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى قوزغاش كېرەك.

64 - باب بىرلىككە كەلگەن يىرىك پىلان سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش

دۆلەت تەرەققىيات يىرىك پىلانى يېتەكچى، بوشلۇق يىرىك پىلانى ئاساس، مەخسۇس يىرىك پىلان ۋە رايون يىرىك پىلانى تىرەك قىلىنغان، دۆلەت، ئۆلكە، شەھەر - ناھىيە دەرىجىلىك يىرىك پىلانلاردىن ئورتاق تەشكىل تاپقان، ئورنى توغرا، چەك - چېگراسى ئېنىق، فۇنكسىيەسى بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان، بىرتۇتاش جىپسىلاشقان دۆلەت يىرىك پىلان سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.

1 - پاراگراف دۆلەت تەرەققىيات يىرىك پىلانىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى كۈچەيتىش

دۆلەت تەرەققىيات يىرىك پىلانىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، بوشلۇق يىرىك پىلانى، مەخسۇس يىرىك پىلان ۋە رايون يىرىك پىلانىنىڭ مەزكۇر يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشتىكى تىرەكلىك رولىنى كۈچەيتىش كېرەك. مەزكۇر يىرىك پىلاندا بېكىتىلگەن زېمىن بوشلۇقىنى ئېچىش - قوغداشنىڭ تەلىپى ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىسىگە ئاساسەن، دۆلەت دەرىجىلىك بوشلۇق يىرىك پىلانى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، زور ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى بوشلۇق كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. مەزكۇر يىرىك پىلاندا بېكىتىلگەن ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتا ۋە ئاساسلىق ۋەزىپىنى نىشانلاپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل ئېكولوگىيە، خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى قاتارلىق ساھەلەردە بىر تۈركۈم دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق مەخسۇس يىرىك پىلانلارنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، تەرەققىيات ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ۋاقىت جەدۋىلى ۋە يول خەرىتىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ۋە تەپسىلىيلەشتۈرۈش لازىم. مەزكۇر يىرىك پىلاندا بېكىتىلگەن رايون تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسىگە ئاساسەن، بىر تۈركۈم دۆلەت دەرىجىلىك رايون يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ يولغا قويۇش كېرەك. مەزكۇر يىرىك پىلاندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، ئاساسلىق نىشان، نۇقتىلىق ۋەزىپە، زور قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ يەرلىك يىرىك پىلانلاردا ئىزچىللىشىشى ۋە ئەمەلىيلىشىشىنى كۈچەيتىش كېرەك.

2 - پاراگراف يىرىك پىلانلارنى جىپسىلاشتۇرۇش - ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش

مۇندەرىجە، تىزىملىك، تۈزۈشنى رويخەتكە ئالدۇرۇش، جىپسىلاشتۇرۇش - ماسلاشتۇرۇش قاتارلىق يىرىك پىلان باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى دۆلەت دەرىجىلىك مەخسۇس يىرىك پىلانلار تىزىملىكى قاتارلىق مۇندەرىجە، تىزىملىكلەرنى تۈزۈپ، دۆلەت يىرىك پىلانىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش ئۇچۇر سۇپىسى ئارقىلىق يىرىك پىلانلارنى رويخەتكە ئېلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك يىرىك پىلانلارنى بىرتۇتاش باشقۇرۇش كېرەك. يىرىك پىلانلارنى جىپسىلاشتۇرۇش - ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقىغا سۇنۇلىدىغان يىرىك پىلانلارنى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تەسىتىقلاشقا سۇنۇشتىن ئىلگىرى مەزكۇر يىرىك پىلان بىلەن جىپسىلاشتۇرۇپ، دۆلەت دەرىجىلىك بوشلۇق يىرىك پىلانى، مەخسۇس يىرىك پىلان ۋە رايون يىرىك پىلانى قاتارلىق ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك يىرىك پىلانلارنىڭ ئاساسلىق نىشان، تەرەققىيات يۆنىلىشى، ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرما، زور سىياسەت، زور قۇرۇلۇش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قاتارلىق جەھەتلەردە مەزكۇر يىرىك پىلان بىلەن ماس ۋە بىردەك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

65 - باب يىرىك پىلاننى يولغا قويۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش

مەزكۇر يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشقا تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشنىڭ كۆزىتىش - باھالاش، سىياسەت كاپالىتى، باھالاش، نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.

1 - پاراگراف يىرىك پىلاننى يولغا قويۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش

جايلار ۋە تارماقلار مەسئۇلىيىتى بويىچە ئىش تەقسىملىۋېلىپ، مەزكۇر يىرىك پىلاندىكى ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقىغا دائىر ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىشى كېرەك. مەزكۇر يىرىك پىلاندا بېكىتىلگەن چەكلىمە كۆرسەتكۈچ، زور قۇرۇلۇش تۈرلىرى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، بىخەتەرلىك كاپالىتى قاتارلىق ساھەلەردىكى ۋەزىپىلەرنىڭ مەسئۇلىيەت سۇبيېكتى ۋە سۈرئەت تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئاممىۋى بايلىقنى مۇۋاپىق تەقسىملەپ، ئىجتىمائىي بايلىقنى تەڭشەش - تىزگىنلەشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۆز قەرەلىدە ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەزكۇر يىرىك پىلاندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان كۆزلىمە كۆرسەتكۈچ ۋە كەسىپ تەرەققىياتى، قۇرۇلما تەڭشەش قاتارلىق ساھەلەردىكى ۋەزىپىلەر ئاساسلىقى بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ، شۇڭا ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ياخشى سىياسەت مۇھىتى، تۈزۈلمە مۇھىتى ۋە قانۇنچىللىق مۇھىتىنى يارىتىشى كېرەك. يىللىق پىلاندا مەزكۇر يىرىك پىلاندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەرەققىيات نىشانى ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەزكۇر يىرىك پىلاندا بېكىتىلگەن ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەرنى پارچىلاپ، يىللىق پىلان كۆرسەتكۈچ سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، يىللىق نىشان بېكىتىپ ۋە يىللار ئارا ئۇنىۋېرسال ياخشى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، يىللىق خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى مۇۋاپىق بېكىتىش كېرەك.

2 - پاراگراف يىرىك پىلاننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى كۆزىتىش - باھالاشنى كۈچەيتىش

يىرىك پىلاننىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى ھەرىكەتچان كۆزىتىش، ئوتتۇرا مەزگىللىك باھالاش ۋە خۇلاسىلەپ باھالاشنى قانات يايدۇرۇپ، ئوتتۇرا مەزگىللىك باھالاش ۋە خۇلاسىلەپ باھالاش ئەھۋالىنى تەرتىپ بويىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش ھەمدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا يىرىك پىلاننىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى قانۇن بويىچە دوكلات قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىش كېرەك. دۆلەت رېۋىزىيە ئورگانلىرى ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ يىرىك پىلاننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى نازارەتچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش لازىم. يىرىك پىلاننىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى ئالاقىدار تارماقلار، جايلارنىڭ رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە كادىرلارنى باھالاش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشىلاشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىش كېرەك. مەزكۇر يىرىك پىلاننى تەڭشەشكە توغرا كەلسە، گوۋۇيۈەن تەڭشەش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەستىقلىتىدۇ.

3 - پاراگراف سىياسەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش كاپالىتىنى كۈچەيتىش

يىرىك پىلان يۆنىلىشنى بېكىتىش، مالىيە كاپالەتلىك قىلىش، پۇل مۇئامىلە تىرەك بولۇش، باشقا سىياسەتلەرنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يىرىك پىلان بىلەن ماكرولۇق سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇش - ھەمتۈرتكە قىلىش مېخانىزمىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك. مەزكۇر يىرىك پىلاندىكى نىشان - ۋەزىپىلەرگە ئاساسەن، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا، ماكرولۇق سىياسەتنىڭ يۆنىلىشىنى مۇۋاپىق بېكىتىش كېرەك. ئاممىۋى مالىيەنى ئاممىۋى سىياسەتكە بويسۇندۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ زور ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلىرىنىڭ مالىيە كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا مەزگىللىك مالىيە يىرىك پىلانى بىلەن يىللىق خامچوتنى، ھۆكۈمەت سېلىنما پىلانى بىلەن مەزكۇر يىرىك پىلاننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى جىپسىلاشتۇرۇش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەركەزنىڭ مالىيەلىك مەبلىغىنى مەزكۇر يىرىك پىلاندا بېكىتىلگەن زور ۋەزىپە ۋە قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە ئالدىن مايىللاشتۇرۇش كېرەك. تۈرلەرنى يىرىك پىلانغا، مەبلەغ ۋە ئامىللارنى تۈرلەرگە بويسۇندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەزكۇر يىرىك پىلاندا بېكىتىلگەن زور قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ تىزىملىكىگە ئاساسەن، تىزىملىكتىكى قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، يىرىك پىلاندىكى ئورۇن تاللاش، يەر بىلەن تەمىنلەش ۋە مەبلەغ ئېھتىياجىنى ئالدىن كاپالەتكە ئىگە قىلىش لازىم، يەككە زور قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ يەر ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى دۆلەت بىرتۇتاش كاپالەتلەندۈرىدۇ.

4 - پاراگراف تەرەققىيات يىرىك پىلانى قانۇنى چىقىرىشنى تېزلىتىش

يىرىك پىلاننى قانۇن بويىچە تۈزۈش، قانۇن بويىچە يولغا قويۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ بىرلىككە كەلگەن يىرىك پىلان سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ۋە دۆلەت تەرەققىيات يىرىك پىلانى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە، تەلەپ ۋە ئۈنۈملۈك تەجرىبە - ئۇسۇللىرىنى قانۇن شەكلىدە مۇقىملاشتۇرۇپ، تەرەققىيات يىرىك پىلانى قانۇنىنى تېزدىن چىقىرىپ، يىرىك پىلاننى تۈزۈپ يولغا قويۇشنىڭ قانۇنچىللىق كاپالىتىنى كۈچەيتىش كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى)

(تەرجىمىسىنى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى كاتىبات باشقارمىسى تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.