تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى «ئايرودۇرۇم تېز لىنىيەسى»دە قاتناش ئەسلىگە كەلدى

  ئانار بۇلۇت / شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما يىنىڭ خەۋىرى): ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ يولۇچىلار مۇلازىمەت دەرىجىسى يەنىمۇ ئۆستى، يېقىندا، «ئايرودۇرۇم تېز لىنىيەسى»نىڭ ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول ۋوگزالىغىچە بولغان لىنىيەدە قوش يۆنىلىشىدە قاتناش رەسمىي ئەسلىگە كەلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، 2020-يىلى بۇ يولۇچى توشۇش مەخسۇس لىنىيەسىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى سەۋەبلىك قاتناش توختىتىلغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى قاتناشنىڭ ئەسلىگە كېلىشى كەڭ يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى زور دەرىجىدە قاندۇرۇپ، ئايرودۇرۇم بىلەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولنىڭ ئۆزئارا باغلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىككى جاي ئارىسىدىكى «يوچۇقسىز تۇتاشتۇرۇش»نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، «ئاۋىياتسىيە بىلەن تۆمۈريول بىرلىشىپ توشۇش» مۇلازىمىتىنىڭ «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»ىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى. نۆۋەتچى ئايروپىلان مىقدارى ۋە يولۇچىلار مىقدارىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ،  ئايروپورت گورۇھىنىڭ تيەنيۈن خەلقئارا ساياھەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بازار ئېھتىياجىنى يۆنىلىش قىلىپ، يۇمشاق، قاتتىق دېتال جەھەتتىكى سېلىنمىنى زورايتىپ، كەڭ يولۇچىلارنى تېخىمۇ قولاي، ئازادە، ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى.

  ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى يەنە جېڭجوۋ، يىنچۈەن، بېيجىڭ، چېڭدۇ ئايرودۇرۇملىرى بىلەن ئايروپىلان ئالمىشىش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، ئايروپىلان ئالمىشىش مۇلازىمىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ مەنبەلىك، كەسىپلەشكەن يۇقىرى سۈپەتلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى پىلانلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى