4-ئاينىڭ 1-كۈنى، جاڭجياكوۋ شەھىرى ۋەنچۈەن رايونى شۈيجۇاڭتۇن كەنتىدىكى دېھقانلار توغاچ شاپتۇل پارنىكىدا كۈندىلىك پەرۋىش قىلماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خېبېي ئۆلكىسى جاڭجياكوۋ شەھىرى ۋەنچۈەن رايونى يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، باشلامچى شىركەتلەرنىڭ تۈرتكە بولۇشى ئارقىلىق، دېھقانلارنى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، مېۋە-چېۋە، كۆكتات قاتارلىق پەسىللىك خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تېرىقچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكلىدى، تېرىقچىلىق كۆلىمى 45 مىڭ مودىن ئېشىپ، 15 مىڭ دېھقان ئائىلىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (ۋۇ ديەنسېن فوتوسى)
4-ئاينىڭ 1-كۈنى، جاڭجياكوۋ شەھىرى ۋەنچۈەن رايونى فېڭشېڭجۇاڭ كەنتىدىكى دېھقان پارنىكتا شوخلا ئۈزمەكتە.
4-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئىشچىلار جاڭجياكوۋ شەھىرى ۋەنچۈەن رايونىدىكى بىر يېزا ئىگىلىك شىركىتىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق مايسا يېتىشتۈرۈش پارنىكىدا كۆكتات مايسىلىرىنى پەرۋىش قىلماقتا.