تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تىزىملىكى ئېلان قىلىندى

جەمئىي 28 ئورۇندىكى يۆتكەشكە بولمايدىغان ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقى ۋە 83 پارچە (يۈرۈش) يۆتكىگىلى بولىدىغان ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقى تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ مېڭمېڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ مۇزېي ۋە ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمىتى باشقارمىسىدىن ئىگىلىشىچە، 3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، شىنجاڭنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تىزىملىكى رەسمىي ئېلان قىلىنغان، جەمئىي 28 ئورۇندىكى يۆتكەشكە بولمايدىغان ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقى ۋە 83 پارچە(يۈرۈش)يۆتكىگىلى بولىدىغان ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى جانلىق «ئەمەلىي دەرسلىك» بىلەن تەمىنلىگەن.

تىزىملىكتىكى يۆتكەشكە بولمايدىغان ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ماۋ زېمىننىڭ ئىشخانىسى ھەم ياتىقىنىڭ ئەسلىي ئورنى، جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى باش تارماق ئەترىتى خاتىرە سارىيى، 8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ ئەسلىي ئورنى، قاراماي 1 - نومۇرلۇق نېفىت قۇدۇقى، سەيدۇللا قاراۋۇلخانىسى خارابىسى قاتارلىقلار، بۇنىڭ ئىچىدە مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورنىدىن ئالتىسى، ئاپتونوم رايون بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورنىدىن 16سى، شەھەر (ناھىيە) دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورنىدىن ئالتىسى بار. يۆتكەشكە بولىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا ساقلىنىۋاتقان 1 - دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى شىنجاڭ ئاياللار جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار ئەسكەرتمىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇزېيدا ساقلىنىۋاتقان 1 - دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى لىن جىلۇنىڭ دادىسىغا يازغان سالام خېتى، ئىنقىلابىي قۇربان دېڭ فانىڭ قۇلاقچىسى، ھەجۋىي رەسىم ياغاچ ئويما تاللانما ئەسەرلىرى قاتارلىقلار.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.