3-ئاينىڭ 28-كۈنى، كىشىلەر چەرچەن ناھىيە بازىرىدىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى تەكلىماكان قۇملۇقىدا كۆچەت تىكمەكتە (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).
شىنخۇا تورى خەۋىرى: ھاۋانىڭ تەدرىجىي ئىللىشىغا ئەگىشىپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىگە جايلاشقان شىنجاڭ چەرچەن ناھىيەسىدە، كىشىلەر بەس-بەستە ھەرىكەتكە كېلىپ، كۆچەت تىكىپ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىپ، قۇملۇققا يېشىللىق قوشتى.
چەرچەن ناھىيەسىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسىم يەر كۆلىمى قۇملاشقان يەر بولۇپ، ناھىيە بازىرى بىلەن قۇملۇق پەقەت بىر دەريا ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ. 1998-يىلىدىن باشلاپ، بۇ ناھىيە بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تىزگىنلەش «يۇرتنى قوغداش جېڭى»نى باشلاپ، ئۇدا 20 نەچچە يىل كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، چەرچەن دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى قۇملۇقتا ئۇزۇنلۇقى 20 نەچچە كىلومېتىر، كەڭلىكى 7.5 كىلومېتىر كېلىدىغان ئىھاتە ئورمان بەلبېغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بەرپا قىلدى. چەرچەن ناھىيەسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ۋە ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى گاۋ خەن فوتوسى
3-ئاينىڭ 28-كۈنى، كىشىلەر چەرچەن ناھىيە بازىرىدىن ئانچە يىراق بولمىغان تەكلىماكان قۇملۇقىدا كۆچەت تىكمەكتە (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).
3-ئاينىڭ 28-كۈنى، كىشىلەر چەرچەن ناھىيە بازىرىدىن ئانچە يىراق بولمىغان تەكلىماكان قۇملۇقىدا كۆچەت تىكمەكتە.
3-ئاينىڭ 28-كۈنى، يەرلىك ئامما چەرچەن ناھىيەسىدىكى قۇملۇقتا سۆكسۆك كۆچىتى تىكمەكتە.