تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھەرقانداق كۈچنىڭ شىنجاڭنىڭ ئاپئاق پاختىسىغا داغ تەگكۈزۈشىگە يول قويمايمىز

ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى، شىنجاڭ پاختىچىلىق جەمئىيىتى بايانات ئېلان قىلدى

ھەرقانداق كۈچنىڭ شىنجاڭنىڭ ئاپئاق پاختىسىغا داغ تەگكۈزۈشىگە يول قويمايمىز

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى:

شىنجاڭ پاختىسىغا داغ تەگكۈزۈشكە بىز قەتئىي قوشۇلمايمىز

يېقىنقى بىر مەزگىلدە، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر تىلىنى بىرىكتۈرۈۋېلىپ، شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا خالىغانچە قارا چاپلاپ، ئاتالمىش «جۇڭگو مەجبۇرلاش خاراكتېرىدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش ۋە نامراتلارنى يۆلەش پىلانى ئارقىلىق، شىنجاڭدىكى نەچچە يۈز مىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئەمگەكچىنى قولدا پاختا تېرىشكە مەجبۇرلىدى» قاتارلىق ئۇچىغا چىققان يالغانچىلىقنى ئويدۇرۇپ چىقاردى، بۇ، «غالجىرلاشقان چۈپرەندە»لەرنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭ مەسىلىسى پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنۇپ، كىشىلىك ھوقۇقنى دەستەك قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىپ، شىنجاڭنىڭ خەۋپسىزلىكىگە، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتەك رەزىل غەرىزىنى تولۇق ئاشكارىلاپ بەردى.

دۆلىتىمىزدىكى پاختا ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ پاختىچىلىقىدا ماشىنىلاشقان، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان، كۆلەملەشكەن تېرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. نەچچە كۈن ئالدىدا، ئانار بۇلۇت تېرمىنالى ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركەزلىرى بىلەن بىرلىشىپ يولغا قويغان «تۆت جاي بىرلىشىپ خەۋەر قىلىپ، سىزگە شىنجاڭدىكى مىليون مو كېۋەزلىكنىڭ <ئادەمسىز> ماشىنىدا تېرىلىشىنى كۆرسىتىدۇ» بىۋاسىتە تارقىتىلىپ، پەن - تېخنىكىنىڭ تۈرتكىسىدە شىنجاڭنىڭ پاختا كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلغانلىقى، ھەمدە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلغانلىقى، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تېزلىتىلگەنلىكىدەك تەسىرلىك مەنزىرىنى ئومۇميۈزلۈك جانلىق نامايان قىلدى. ھازىر شىنجاڭدا پاختىنى ماشىنىدا يىغىۋېلىش نىسبىتى %75.5كە، شىمالىي شىنجاڭدا %95كە يەتتى. پاختا تەرگۈچىلەر ئۆز ئىختىيارلىقى بويىچە كېۋەز تېرىقچىلىقى ئائىلىلىرىنى تاللاپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كارخانا مائاشىنى كوللېكتىپ كېڭىشىش نىزامى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش نىزامى» قاتارلىق يەرلىك نىزاملارغا ئاساسەن، باراۋەر، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كېڭىشىپ بىرلىككە كېلىش ئاساسىدا ئەمگەك توختامى ئىمزالاپ، تېگىشلىك ئىش ھەققىگە ئېرىشىدۇ، پاختا تېرىيدىغان جاينى تاللاشتىمۇ تولۇق ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولىدۇ.

بىز ئاز سانلىق مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ تىل - يېزىقىنى ئىشلىتىش ھوقۇق - مەنپەئىتىگە تولۇق ھۆرمەت قىلدۇق ۋە كاپالەتلىك قىلدۇق، ئىشچى - خىزمەتچىلەر قايسى خىل تىل - يېزىقنى ئىشلىتىپ پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ئۆز ئالدىغا تاللىسا بولىدۇ. كارخانا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى مۇسۇلمانچە يېمەك - ئىچمەك بىلەن تەمىنلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن، ۋاسكېتبول، تىكتاك توپ، پۇتبول قاتارلىق مەدەنىيەت - تەنتەربىيە، كۆڭۈل ئېچىش بۇيۇملىرىنى سېتىۋالدى، ئەدەبىيات - سەنئەت كېچىلىكى، بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ۋە بايرامنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن زىياپەت، سۆھبەت قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى.

بىز «فېڭچياۋ تەجرىبىسى» ئىشچى - خىزمەتچىلەر قانۇن مۇلازىمىتى پونكىتىنى كەڭ كۆلەمدە تەسىس قىلىپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدايدىغان ئادۋوكات پىدائىيلار ئۆمىكى قۇرۇپ، ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش ياردىمى، پىسخىكىلىق يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن ھەقسىز تەمىنلەپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى تىرىشىپ قوغدىدۇق. «قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش - قول تۇتۇشۇپ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش» دېھقان ئىشلەمچىلەر ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق قانۇن مۇلازىمىتى ھەرىكىتى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئەمگەكچىلەرنى ئەمگەك ھەققىگە ئېرىشىش ھوقۇقى، ئارام ئېلىش - دەم ئېلىش ھوقۇقى، ئەمگەك بىخەتەرلىكى - ساقلىق ساقلاشنى قوغداش ھوقۇقى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پاراۋانلىقىدىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقى قاتارلىق جەھەتلەردە ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق قانۇن مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدۇق.

ئەمگەك ياشاشنىڭ ئاساسى، تەرەققىياتنىڭ نېگىزى، بەختنىڭ مەنبەسى، شۇنداقلا گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشنىڭ زۆرۈر شەرتى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما «ئەمگەكچىلەرنىڭ نېنى مەززىلىك» ئىكەنلىكىنى، بەختنىڭ ئاسماندىن چۈشمەيدىغانلىقىنى، ياخشى كۈنلەرنى ئۆزىنىڭ ئىككى قولىغا تايىنىپ يارىتىش كېرەكلىكىنى بىلىدۇ، ھەممەيلەن مۇقىم خىزمەت تېپىپ، تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. مەسىلەن، قەشقەر ۋىلايىتىدە مۇۋاپىق ياشتىكى ئەمگەك كۈچلىرى ئائىلىسىدە دېھقانچىلىق قىلسا، كىشى بېشى يىللىق كىرىمى تەخمىنەن 4000 يۈەن ئەتراپىدا بولاتتى، كارخانىلارغا بېرىپ ئىشلىگەندىن كېيىن، كىشى بېشى يىللىق كىرىمى 20 مىڭ يۈەندىن ئاشتى؛ ئەر - خوتۇن بىللە كارخانىدا ئىشلىگەنلەرنىڭ يىللىق كىرىمى 60 مىڭ يۈەندىن كۆپرەككە يەتتى. ئۇلار تىرىشىپ خىزمەت قىلىش ئارقىلىق، ئائىلە تۇرمۇشىنى ياخشىلىدى، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى.

ھەممىگە ئايانكى، ئامېرىكىنىڭ ئۆزى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ھەقىقىي مەۋجۇت دۆلەت. ئامېرىكا ئېلان قىلغان يىللىق «ئادەم ئېلىپ سېتىش مەسىلىسى توغرىسىدىكى دوكلات»تا ئېتىراپ قىلىنىشىچە، ئامېرىكىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، نومۇسىنى سېتىشقا مەجبۇرلاش، قەرز قۇلچىلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر كەسكىن بولۇپ، ئۇ ئادەم ئېلىپ سېتىشتىكى مەنبە دۆلەت، نىشان دۆلەت، ئۆتەڭ دۆلەت، ھەتتا ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىمۇ ئادەم ئېلىپ سېتىش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشقا قاتناشقان. 2015 - يىلى 6 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، خەلقئارا ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ئىتتىپاقى دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، ئامېرىكىنى ئىشچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە سىستېمىلىق دەخلى - تەرۇز قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى قاتارىغا كىرگۈزگەن.

يالغان - ياۋىداق سۆز مىڭ قېتىم تەكرارلانسىمۇ پاكىتقا ئايلىنالمايدۇ. غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ مەيلى قانداق قارا چاپلىشى ۋە بوھتان چاپلىشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسى شىنجاڭنىڭ گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش قەدىمىنى توسۇيالمايدۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاق، دوستانە ئۆتىدىغان، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئورتاق ئىلگىرىلەيدىغان ئىنتايىن ياخشى ۋەزىيەتنىمۇ ئۆزگەرتەلمەيدۇ. جۇڭگو بازىرى يېتەرلىك چوڭ، دۇنيا بازىرى يېتەرلىك چوڭ، شىنجاڭ پاختىسىنىڭ تېرىلىش ۋە سېتىلىش يوللىرى ئاتالمىش «جازا» قوللىنىشنىڭ تەسىرىگە ئەسلا ئۇچرىمايدۇ. ھەربىر غوزەك پاختىغا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تىرىشىپ ئىشلەپ بېيىش ئۈمىدى يۈكلەنگەن بولۇپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئەمگەك ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرگەنلىكى توغرىسىدىكى جانلىق ھېكايىنى نامايان قىلىپ تۇرماقتا، غەرب سىياسەتۋازلىرىنىڭ قارا نىيىتى ئاپئاق شىنجاڭ پاختىسىغا داغ تەگكۈزەلمەيدۇ. ئەگەر ئۇلار يەنىلا ئۆزىنى تارتمىسا، بىز شىنجاڭ ئىشچىلار سىنىپى بۇنىڭغا قەتئىي قوشۇلمايمىز!

شىنجاڭ پاختىچىلىق جەمئىيىتى:

شىنجاڭ پاختىسىنى قەتئىي قوغدايمىز

يېقىندا H&M شىركىتى ئېلان قىلغان «شىنجاڭ پاختىسىنى ئىشلىتىشنى توختىتىش» باياناتى ۋە بىر قانچە چەت ئەل توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك شىركىتى ئوتتۇرىغا قويغان شىنجاڭ پاختىسىنى توسۇش توغرىسىدىكى سۆزلەر جۇڭگو خەلقىنى قاتتىق غەزەپلەندۈردى. شىنجاڭ پاختىچىلىق جەمئىيىتى ئۇلارنىڭ قىلچە سودا ئەخلاق تۆۋەن چېكى بولمىغان، شىنجاڭ پاختىسىغا خالىغانچە قارا چاپلايدىغان رەزىل قىلمىشىغا قارىتا، كۈچلۈك نارازىلىقىنى ۋە قاتتىق غەزەپلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىز بۇ يەردە كەسكىن بايانات ئېلان قىلىمىز: شىنجاڭ پاختىسىنىڭ نامىغا داغ تەگكۈزىدىغان ھەرقانداق قىلمىشلارغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز، مەلۇم بەزى خەلقئارا ماركىلار، ئاپپاراتلارنىڭ يالغان - ياۋىداق سۆز ۋە ساختا ئۇچۇرلارنى ئاساس قىلىپ، ئۆزىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدە ۋە كۈندىلىك كەسىپلىرىدە شىنجاڭ پاختىسى ھەم ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى چىقىرىۋېتىش قىلمىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز. جۇڭگو شىنجاڭ رايونىدا ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەۋجۇت دېيىش پۈتۈنلەي يوق يەردىن پۇتاق چىقارغانلىق، سېپى ئۆزىدىن يالغان - ياۋىداق سۆز ۋە سىياسىي نەيرەڭۋازلىق.

شىنجاڭ ئۆزگىچە تەبىئىي شارائىتقا ئىگە، قۇياش نۇرى يېتەرلىك بولۇپ، كېۋەزنىڭ ئۆسۈش ۋاقتى ئۇزاق، ھەم مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ ئەلا سۈپەتلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، ھەم دۆلىتىمىزدىكى بىردىنبىر ئۇزۇن تالالىق پاختا ئىشلەپچىقىرىش رايونى، شۇنداقلا يەرشارى بويىچە ئەڭ مۇھىم ئەلا سۈپەتلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، جۇڭگودا ھەتتا دۇنيادا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. شىنجاڭ پاختىسىنىڭ يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 5 مىليون توننا ئەتراپىدا بولۇپ، دۆلەت ئىچى پاختا مەھسۇلات مىقدارىنىڭ %80تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. شىنجاڭدا پاختا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ قاپلاش دائىرىسى كەڭ، %50تىن ئارتۇق دېھقان كېۋەز تېرىيدۇ، پاختا شىنجاڭدىكى يەرلىك دېھقانلارنىڭ، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى خوتەن ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى دېھقانلارنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسىگە ئايلانغان، كېۋەز تېرىش كىرىمى يېزا ئىگىلىك ئومۇمىي كىرىمىنىڭ %80تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. شىنجاڭ پاختىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى ۋە تەرەققىياتى شىنجاڭدىكى كېۋەز تېرىيدىغان ئائىلىلەر ۋە پاختا توقۇمىچىلىق ئىشچىلىرى ھەم ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تىرىكچىلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىدى. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ماشىنىدا پاختا يىغىشنىڭ كېڭەيتىلىشى ۋە ئومۇملىشىشى شىنجاڭنىڭ كېۋەز تېرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تېرىش تەننەرخى، بولۇپمۇ ئادەم كۈچى تەننەرخى چىقىمىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتتى.

شىنجاڭنىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئۆسۈشى شىنجاڭنىڭ پاختا توقۇمىچىلىق سانائىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى. نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ پاختا توقۇمىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 17 مىليون ئۇرچۇق ئەتراپىدا بولۇپ، يەرلىكتىكى 600 مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇشتىكى مۇھىم يوللارنىڭ بىرىگە ئايلاندى. شىنجاڭ پاختا توقۇمىچىلىق سانائىتى يەرلىكتىكى توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك ساھەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شۇ جاينىڭ نامراتلىقنى تۈگىتىشىگە غايەت زور تۆھپە قوشتى.

ئۇزاقتىن بۇيان، شىنجاڭ پاختىچىلىق جەمئىيىتى شىنجاڭ پاختىچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا كۈچ چىقىرىپ، «مۇھىت سۆيەر بولۇش، قەدىر - قىممىتى بىلەن ئەمگەك قىلىدىغان بولۇش، سۈپىتى ئەلا بولۇش، پۈتۈن مۇساپىلىك سۈرۈشتۈرگىلى بولىدىغان» بولۇشنى پاختا ھەم ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش ئۆلچىمى قىلىپ، پاختا ۋە پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتىنىڭ تەشكىللىنىش، كەسىپلىشىش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ پاختىدىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەلا سۈپەت ئوبرازىنى ئومۇميۈزلۈك ياراتتى. بىز داۋاملىق شىنجاڭ پاختىسى پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتى ۋە تۈپ مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداپ، داۋاملىق جەمئىيەت ئەزالىرى ۋە ساھە ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانا، پاختىچىلىق ئارىسىدا «كۆۋرۈكلۈك» ۋە «تۈگۈنلۈك» رولىمىزنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ پاختىچىلىق كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

شىنجاڭ پاختىچىلىق جەمئىيىتى بۇ يەردە ئالاقىدار ماركىلار، ئاپپاراتلارنىڭ ئۆزىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدە شىنجاڭ پاختىسى ھەم ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى چىقىرىۋېتىشتەك خاتا قىلمىشىنى توختىتىشىنى مۇراجىئەت قىلىمىز. بۇ خىل خاتا قىلمىشلار شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىش، ئىلگىرىلەش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى نەزەرگە ئالماي، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كېۋەز تېرىغۇچىلار ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپى ئىشچىلىرىنىڭ خىزمەت ئارقىلىق ھەققە ئېرىشىش، تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتەك ھەققانىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى، بۇ، تىپىك «ئەسىر يالغان - ياۋىداق سۆز»دۇر. ئۇلارنىڭ يالغان كۆڭۈل بۆلۈش، راست ئارىلىشىش، بۇزغۇنچىلىق قىلىشتەك ساختا قىلمىشىغا كىشىلەر لەنەت ئوقۇيدۇ.

شىنجاڭ پاختىچىلىق جەمئىيىتى توقۇمىچىلىق تەمىنلەش زەنجىرى سىستېمىسىدىكى چەت ئەللەردىكى ماركىلىق كارخانىلار، دۆلەت ھالقىغان كارخانىلارنىڭ بىزنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولۇشىنى، بىزنىڭ شىنجاڭنىڭ پاختىچىلىق كەسپىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقانلىقىنى، 10 مىڭ مو كېۋەزلىكتىكى مول ھوسۇل مەنزىرىسىنى كۆرۈپ بېقىشىنى، بىزنىڭ شىنجاڭنىڭ كېۋەز تېرىقچىلىقى، پاختا توقۇمىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلىشىنى، بىزنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ بېقىشىنى، ئوبيېكتىپ پاكىت ئاساسىدا سودا تەدبىرلىرىنى قانات يايدۇرۇشىنى قارشى ئالىمىز. بىز كەڭ پاختا توقۇمىچىلىق كارخانىلىرى، ئاپپاراتلىرى بىلەن ئوبيېكتىپ، دوستانە بولغان توقۇمىچىلىق كەسپى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى:

شىنجاڭدىكى ئاياللار، ئاچا - سىڭىللارنىڭ پارلاق يولىغا توسقۇنلۇق قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ

يېقىندا، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش»نى باھانە قىلىپ، ئۇچىغا چىققان يالغانچىلىقنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، شىنجاڭ پاختىسىنى توستى. ئۇلارنىڭ شىنجاڭنىڭ تىنچ، ئىناق، مۇقىم ۋەزىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، قارا چاپلاش، داغ تەگكۈزۈشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇشى بەكلا ئەخمىقانە خام خىيال، ئۇخلىماي چۈش كۆرگەنلىك! بۇنىڭغا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاياللار، ئاچا - سىڭىللار كۈچلۈك غەزەپلىنىدۇ ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ!

شىنجاڭنىڭ پاختىچىلىق كەسپى شىنجاڭدىكى ئاچا - سىڭىللارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى مۇھىم يول. شىنجاڭ ئۆزگىچە كېۋەز تېرىش شارائىتىغا ئىگە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقارغان ئۇزۇن تالالىق پاختىنىڭ سۈپىتى ئەلا، مەھسۇلات مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، ئىزچىل تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ. شىنجاڭنىڭ ئەۋزەل كەسپى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پاختىچىلىق كەسپى شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرەك بولماقتا ھەم ۋە ئاممىنىڭ خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال - خۇرام ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەتنىڭ پاختىچىلىق كەسپى ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلانى ۋە تۈرلۈك سىياسىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، شىنجاڭ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىگە مەبلەغ سېلىنىش ئەڭ قىزغىن بولغان، تەننەرخى ئەڭ تۆۋەن، تەرەققىياتى ئەڭ تېز رايونغا ئايلاندى. پاختىچىلىق كەسپىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشى، تەرەققىي قىلىشى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىمۇ پاختىچىلىق كەسپىدىن ئەڭ زور نەپكە ئېرىشكۈچىلەردۇر. ئادەتتىكى پاختىكارلار تىرىشىپ ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق، ئىلمىي ئۇسۇلدا تېرىقچىلىق قىلىشقا تايىنىپ قىسقىغىنا بىرنەچچە يىلدا بىر سەكرەپلا بېيىش ماھىرىغا ئايلانغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىلەر دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ. شىنجاڭ يېزىلىرىدا، نۇرغۇن ئاچا - سىڭىل دەل تىرىشىپ ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق ئۈمىدكە ئېرىشىپ، كېۋەزلىككە تايىنىپ ئالتۇندەك كەلگۈسىنى ياراتتى. ھەر يىلى ئالتۇن كۈزدىكى 9 - ئايدا، ئاچا - سىڭىللار پاختا تېرىش ئەمگىكىگە قاتنىشىپ، ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت پاختا تېرىپلا، 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىدۇ.

شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش جەريانىدا، نۇرغۇن يېزا ئاياللىرى دېھقاندىن سانائەت ئىشچىسىغا ئايلىنىپ، توقۇمىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە گۈزەل تۇرمۇش ياراتماقتا. قەشقەر شەھىرى نەزەرباغ بازىرى چۇمبۇس كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى رابىگۈل تۇردىنىڭ ئۆيىگە يېقىن جايدىكى كەسىپلەر باغچىسىدا ئىشقا ئورۇنلاشقىنىغا ئۈچ يىل بولدى، ئۇ كامالەتكە يەتكەن تىككۈچىلىك تېخنىكىسىغا تايىنىپ، مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولدى. قەشقەر شەھىرى بەشكېرەم يېزىسى بويلا كەنتىدە ئايال بېيىش باشلامچىلىرى قۇرغان ئۈچ كىيىم -كېچەك پىششىقلاش ھەمكارلىق كوپىراتىپى بار بولۇپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپى+دېھقان ئائىلىسى شەكلى ئارقىلىق 40 نەچچە ئايالنىڭ ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇردى. ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى بۇزورە روزى شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم -كېچەك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش شەرق شامىلىدىن پايدىلىنىپ، ئالتۇن يىڭنە قولدا كەشتە تىكىش كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، 100دىن ئارتۇق ئاچا - سىڭىلنى ئورتاق بېيىش يولىغا يېتەكلىدى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، كېۋەز تېرىشتىن پاختا يىغىشقىچە، ئاندىن پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش قاتارلىقلارغىچە بولغان بىر قاتار كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىدا، ئاياللارنىڭ ھەممىسى نەپكە ئېرىشكۈچىلەردۇر.

شىنجاڭنىڭ پاختىچىلىق كەسپى شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرى رايونلاردىكى ئاياللار ئاممىسى ئارىسىدا ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش سۇپىسى بەرپا قىلدى. شىنجاڭ پاختىچىلىق كەسپىنىڭ تېز سۈرئەتتە قەد كۆتۈرۈشى ھەر يىلى گەنسۇ، شەنشى، سىچۇەن، چۇڭچىڭ، خېنەن، شەندۇڭ، جياڭسۇ قاتارلىق جايلاردىكى پاختا تەرگۈچىلەرنى شىنجاڭغا كېلىشكە جەلپ قىلدى، ئۇلار شىنجاڭغا كېلىپ پاختا تەرگەن مەزگىلدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاياللار، ئاچا - سىڭىللار بىلەن تاماقتا، يېتىپ - قوپۇشتا، ئەمگەكتە بىللە بولۇپ، قويۇق ئۇچرىشىپ، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئورتاق ئىلگىرىلەپ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتقۇزدى. شىنجاڭنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە كىيىم - كېچەك، زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە، شىنجاڭ ئىچكىرى رايونلاردىكى قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى، كەشتىچىلىك كەسپى قاتارلىق جەھەتلەردىكى قابىل ئاياللار بىلەن ماھارەت، تېخنىكا ئالماشتۇردى، شىنجاڭنىڭ كىگىز ئېتىش، قىرغىز كەشتىسى قاتارلىق ئېلېمېنتلىرى پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلەندى، سىچۇەن كەشتىسى، خۇنەن كەشتىسى قاتارلىق ئېلېمېنتلار يەنە شىنجاڭنىڭ كىيىم - كېچەك، زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرىدا قوبۇل قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ كىيىم - كېچەك، زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرى، قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى تېخىمۇ رەڭدار، كۆپ مەنبەلىك بولدى. مەدەنىيەت بىلەن سەنئەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرى رايونلاردىكى ئاياللار، ئاچا - سىڭىللار ئارىسىدىكى ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى.

شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاياللارنىڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلىشىشقا قاتنىشىشى پۈتۈنلەي ئۆز ئالدىغا، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بولدى. «بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ.» شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاچا - سىڭىللار تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىدۇ، گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىش قەدىمى ئەزەلدىن توختاپ قالغىنى يوق، بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئەمگەكچان ئىككى قولىمىزغا تايانساقلا گۈزەل تۇرمۇش يارىتالايدىغانلىقىمىزغا قەتئىي ئىشىنىمىز. ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتتە، ھەر مىللەت ئاچا - سىڭىللار پۈتۈنلەي ئۆز ئارزۇسى بويىچە ئىشقا ئورۇنلىشىشنى تاللىدى، قانۇن بويىچە ئەمگەك توختامى ئىمزالاپ، ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى بېكىتتى، ئەمگەك ھەققىگە ئېرىشىش ھوقۇقى، ئارام ئېلىش - دەم ئېلىش ھوقۇقى قاتارلىقلاردىن بەھرىمەن بولدى، ئاياللارنىڭ ھامىلىدارلىق مەزگىلى، تۇغۇت مەزگىلى، بالا ئېمىتىش مەزگىلىدىكى قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىمۇ قانۇن تەرىپىدىن قوغدالدى. ھەر مىللەت ئاياللار ئۆزئالدىغا، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن، كۆڭۈل ئازادە ھالدا ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ چېھرىدە پارلاپ تۇرغان ئىشەنچكە تولغان تەبەسسۇمدىن ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى شۇغۇللىنىۋاتقان كەسىپكە بولغان قىزغىنلىقى ۋە قەيسەرلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر، ئەمدى شىنجاڭغا بوھتان چاپلىماڭلار، قارا چاپلىماڭلار. بىزنىڭ قۇدرەتلىك ۋەتىنىمىز بار، ھەممە بىر نىيەتتە بولغان قېرىنداشلىرىمىز بار، سىلەرنىڭ رەزىل غەرىزىڭلار مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشمايدۇ! شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاچا - سىڭىللارنىڭ پارلاق يولى جەزمەن ماڭغانسېرى كېڭىيىدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.