تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز پەن - تېخنىكا تۈرلىرىدە «ئېلان چىقىرىپ باشلامچى تاللاش» تۈزۈمىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويدى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ جو خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نۇقتىلىق ساھەلىرىدىكى ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ۋە كەسىپ تەرەققىياتى جىددىي ئېھتىياجلىق مۇھىم، زور پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش - ئوقۇتۇش - تەتقىقاتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇش، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز پەن - تېخنىكا تۈرلىرىدە «ئېلان چىقىرىپ باشلامچى تاللاش» تۈزۈمىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويدى.

نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز پۈتۈن ئاپتونوم رايونغا يۈزلىنىپ باشلامچى، تايانچ كارخانىلار ئوتتۇرىغا قويغان تېخنىكا قىيىن مەسىلىلىرى ياكى مۇھىم، زور تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئېھتىياجىنى توپلاۋاتىدۇ، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، داشۆلەر، كارخانىلار قاتارلىقلار ئىگە بولغان، شىنجاڭدا ئايلاندۇرۇشقا جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان مۇھىم، زور پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى توپلاۋاتىدۇ.

توپلانغان «ئېلان چىقىرىپ باشلامچى تاللاش» پەن - تېخنىكا تۈرلىرى ئېھتىياجىنى ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى تەشكىللەپ دەلىللىگەندىن كېيىن، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان تېخنىكا ئېھتىياجى ۋە ئايلاندۇرۇلىدىغان نەتىجىلەرنى پۈتۈن جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ، ئومۇمەن سالاھىيەت ھازىرلىغان رايون ئىچى - سىرتىدىكى كارخانىلار، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر ياكى باشقا تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش سۇپىلىرى ھەمدە ئۇلارنىڭ بىرلەشمە گەۋدىسى قاتارلىقلار بىردەك تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېلان قىلسا بولىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى بايلىق تەقسىملەش ۋە باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى جېڭ شياۋچىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: پەن - تېخنىكا نازارىتى ئېلان تارقاتقان ئورۇن بىلەن ئېلان قىلىنغان ئورۇننى ئۇدۇللاشتۇرۇشقا تەشكىللەيدۇ ھەم ئېلان قىلىنغان ئورۇننىڭ لايىھەسىنى مۇتەخەسسىسلەر دەلىللەيدۇ. لايىھەسى دەلىللەشتىن ئۆتكەن ئېلان قىلغۇچى ئورۇن بىلەن ئېلان تارقاتقان ئورۇن تېخنىكا توختامى ئىمزالاپ، يېڭىلىق يارىتىش بىرلەشمە گەۋدىسى قۇرۇپ، تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىشتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ياكى نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇش خىزمىتىنى ئورتاق قانات يايدۇرىدۇ.

«ئېلان چىقىرىپ باشلامچى تاللاش» تۈزۈمى تۈرى ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق ساھەلىرىدىكى ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا مەسىلىلىرى، كەسىپلەر تەرەققىياتىدىكى جىددىي ئېھتىياجلىق مۇھىم، زور پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ھەل قىلىدىغان پەن - تېخنىكا تۈرىگە تەۋە بولۇپ، تۈر يولغا قويۇلغاندىن كېيىن تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقىرىلغان تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى كەسىپلەشتۈرۈشنى بىۋاسىتە ئىشقا ئاشۇرغىلى ياكى ئېلان تارقاتقۇچى، ئېلان قىلىنغۇچى كارخانىلارنىڭ كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈم شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ.

تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىش تۈرلىرىدە دىققەتنى كارخانا، كەسىپ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكا، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا، ئاچقۇچلۇق زاپچاس، مۇھىم ماتېرىيال ھەم ھۈنەر - سەنئەت قاتارلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈرلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون، ھەتتا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار كەسىپلىرىنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

نەتىجىلەر ئايلاندۇرۇلىدىغان تۈرلەردە كەسىپ ئورتاق تېخنىكىسى ۋە تۇنجى يۈرۈشلۈك مۇھىم، زور جابدۇق ھەمدە تەسىر كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش ئېففېكتى كۆرۈنەرلىك بولغان مۇھىم، زور نەتىجىلەرگە ئالدىن مەدەت بېرىلىدۇ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم، زور پەن - تېخنىكا تۈرلىرىدە بارلىققا كەلگەن پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىگە نۇقتىلىق مەدەت بېرىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.