تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

كىچىك ئىشلارغا مۇجەسسەملەنگەن ھەقىقىي ھېسسىيات

3-ئاينىڭ 10-كۈنى، لىن جىخۇي (ئوڭدا) سايىم ئەركىننىڭ نەۋرە قىزىغا ھەمراھ بولۇپ ئويۇن ئوينىماقتا. (سۈرەتنى لىن جىخۇي تەمىنلىگەن)

بىڭتۇەن گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شۈ تۇڭتۇڭ خەۋەر قىلىدۇ): «لىن جىخۇي خېلى بۇرۇنلا مەن بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ كەتكەن، ئۇ ماڭا كۆپ ياردەم قىلدى. ئىشىنىمەنكى، بالام تىرىشىپ ئىشلىسىلا، كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىدۇ» دېدى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى 5-تۇەن 11-ليەن 7-ئەترىتىنىڭ ئاھالىسى سايىم ئەركىن تەسىرلەنگەن ھالدا. ئۇنىڭ تۇغقىنى لىن جىخۇي 1-شى ئارال شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش-مەمۇرىي ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ئىدى.

سايىم ئەركىن ياشىنىپ قالغان بولۇپ، چوڭ ئوغلى مېيىپ بولغاچقا، سايىم ئەركىن بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرەتتى. خوتۇنى ئاباخان داۋۇت تېنى ئاجىز، كېسەلچان بولۇپ، ھەر يىلى كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىش ئۈچۈن نۇرغۇن پۇل كېتەتتى. كىچىك ئوغلى ئاپىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن، خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەنىدى. بىر ئائىلە كىشىلىرى 30 مو ياڭاقلىقتىن قىلغان كىرىمگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بولۇپ، كۈنلىرى بىر قەدەر غورىگىل ئۆتەتتى.

لىن جىخۇي سايىم ئەركىن بىلەن تۇغقانلاشقاندىن كېيىن، سايىم ئەركىن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، 5-تۇەن 11-ليەن «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ ماسلاشتۇرۇپ، سايىم ئەركىننىڭ كىچىك ئوغلىنىڭ خىزمەت تېپىشىغا ياردەم بەردى.

لىن جىخۇينىڭ تىرىشچانلىقىدا، سايىم ئەركىننىڭ كىچىك ئوغلى بىلەن كېلىنى 5-تۇەننىڭ تاختا زاۋۇتىغا كىرىپ ئىشلىدى، ئىككىيلەن ئايدا 7000 يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلىدىغان بولدى.

سايىم ئەركىن ئائىلىسى تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقانلىقىدىن لىن جىخۇي ئىنتايىن خۇرسەن بولدى. «جاپاغا چىدىسا، كۈنلەر ھامان بارغانسېرى ياخشىلىنىپ كېتىدۇ». لىن جىخۇي مۇنداق دېدى: «ئالدىنقى بىر مەزگىلدە مەن ئۇلارنى كۆرگىلى بارغانىدىم، ئاباخان داۋۇت ئانىنىڭ چىرايى خېلى ياخشى بولۇپ قاپتۇ، مەن ئۇلار بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۈچۈن خۇش بولدۇم.»

لىن جىخۇينىڭ قەلبىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقى ئاللىقاچان يىلتىز تارتىپ، چېچەكلەپ مېۋە بەرگەنىدى، ئىدارىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۆگىنىش، خىزمەت، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ئۇ دائىم ياردەم قولىنى سۇناتتى؛ بەزىلەر ئاغرىپ قېلىپ دوختۇرخانىدا ياتسا، ئۇ سوۋغات ئېلىپ يوقلاپ، ئەھۋال سورايتتى.

تۇردى تۇراق 1-شى ئارال شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش- مەمۇرىي ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلغۇچىسى بولۇپ، لىن جىخۇي ئۇنىڭغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلەتتى. ئادەتتە، لىن جىخۇي تۇردى تۇراق بىلەن پاراڭلىشىشنى ياخشى كۆرەتتى، ئۇنىڭ ئىدىيە، خىزمەت، تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئۇنىڭغا ھەر تەرەپتىن غەمخورلۇق قىلىپ، ئىللىقلىق ھېس قىلدۇراتتى.

«لىن ئىدارە باشلىقى ناھايىتى قىزغىن، ئاقكۆڭۈل ئادەم، ئۇ ئەزەلدىن بىزگە چوڭ گەپ قىلمايدۇ، پەقەت ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ماڭا ھەر مىللەتنىڭ بىر ئائىلە، ھەممىمىزنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى» دېدى تۇردى تۇراق كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ.

2019-يىلى 8-ئاينىڭ بىر ھەپتە ئاخىرىدا، تۇردى تۇراقنىڭ قىزى تۇيۇقسىز سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى بولۇپ قېلىپ، قاتتىق ئاغرىقتىن چىرايى تاتىرىپ كەتتى. تۇردى تۇراق ئالاقزادە بولۇپ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالدى، جىددىي پەيتتە ئۇ لىن جىخۇيغا تېلېفون بەردى. لىن جىخۇي ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، تۇردى تۇراققا ھەمراھ بولۇپ، بالىنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى. لىن جىخۇينىڭ بالىسى ئۈچۈن يۈگۈرۈپ يۈرگەن سىيماسىنى كۆرۈپ، تۇردى تۇراقنىڭ كۆز چاناقلىرى قىزىرىپ كەتتى. «ئەينى چاغدا بالامغا نېمە بولغانلىقىنى بىلمىگەچكە، ھودۇقۇپ نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي قالدىم. لىن ئىدارە باشلىقى قىزىمنى تەكشۈرتتى، دوختۇردىن ئۇنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى سورىدى، يەنە مەن ئۈچۈن داۋالىنىش پۇلىنى تۆلەپ بەردى، مەن لىن ئىدارە باشلىقىغا قانداق رەھمەت ئېيتىشنى بىلەلمەي قالغانىدىم» ئەينى چاغدىكى مەنزىرىنى ئەسلىگىنىدە، تۇردى تۇراق كۆزىگە ياش ئالدى.

لىن جىخۇينىڭ قىلغان ئىشلىرىنى تۇردى تۇراق ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى، قەلبىگە پۈكتى. «لىن ئىدارە باشلىقى مېنىڭ رەھبىرىم بولۇپلا قالماستىن، يەنە مېنىڭ ئۈلگەم، شۇنداقلا ئائىلەمنىڭ بىر ئەزاسى. مەن تېخىمۇ تىرىشىپ ئىشلەپ، ئارال شەھىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ياخشى تۆھپە قوشىمەن» دېدى تۇردى تۇراق.

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىر-بىرىنىڭ ھالىغا يېتىش، كۆڭۈل ئارقىلىق كۆڭۈلنى ئۇتۇش دېگەنلىك، پەقەت كىچىك ئىشلارنىمۇ كۆپچىلىكنىڭ كۆڭلىدىكىدەك قىلغاندىلا، ھەر مىللەت يولداشلار ئارىسىدىكى ئارىلىق بارغانسېرى يېقىنلىشىپ، ھېسسىيات بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىپ، ھەقىقىي بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئايلىنالايدۇ» دېدى لىن جىخۇي.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى