تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى يازلىق، كۈزلۈك يېڭى ئاۋىياتسىيە پەسلىنى ئاچتى

  تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ) 2021-يىل 3-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتى 2021-يىللىق يازلىق، كۈزلۈك ئاۋىياتسىيە پەسلى نۆۋەتچى ئايروپىلان پىلانىنى ئىجرا قىلىشقا باشلايدۇ، جەمئىي 217 كۈن بولىدۇ.

  بۇ يىللىق يازلىق، كۈزلۈك ئاۋىياتسىيە پەسلى پىلانىغا ئاساسەن، دۆلەت ئىچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى جەھەتتە، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدا دۆلەت ئىچى ئاۋىياتسىيە شىركىتىدىن جەمئىي 27سىگە يولۇچى-يۈك توشۇش نۆۋەتچى ئايروپىلانى پىلانى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ھەر ھەپتىدە 3831 نۆۋەت قېتىم ئىجرا قىلىش پىلانلانغان. بۇنىڭ ئىچىدە يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن تىرانسىپورت ئاۋىياتسىيە شىركىتىدىن خۇنەن ئاۋىياتسىيەسىدە، ئۈرۈمچىدىن ۋۇشىغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان، ھەر سەيشەنبە كۈنىدىن يەكشەنبە كۈنىگىچە ئالتە نۆۋەت، ھەر كۈنى بىر نۆۋەت قاتنايدۇ؛ يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى ئۈرۈمچى-لىنفېن، ئۈرۈمچى-چىچىخار، ئۈرۈمچى-لۇڭنەن قاتارلىقلار. خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى جەھەتتە، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە داۋاملىق ئومۇميۈزلۈك ماسلىشىپ، خەلقئارا يولۇچى توشۇش نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەييارلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، خەلقئارا يۈك توشۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى داۋاملىق زور كۈچ بىلەن قوللاپ، «يولۇچى ئورنىغا يۈك توشۇش» نۆۋەتچى ئايروپىلان يۈرۈشۈشىنى قوللايدۇ.

  ئۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭدىكى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورىنى پائال ئورۇنلاشتۇرۇپ، شىنجاڭدىكى توشۇش كۈچى سېلىنمىسىنى ئاشۇردى. يېڭى ئاۋىياتسىيە پەسلىدە جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭدا ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان 85 ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى پىلانلىغان بولۇپ، ئۈرۈمچى تۈگۈنىگە چېتىلىدىغان قاتناش نۇقتىسى 57گە يېتىدۇ، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى كۈندىلىك ئوتتۇرىچە نۆۋەتچى ئايروپىلان مىقدارى 200 نۆۋەت قېتىمدىن ئېشىپ، يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلۈشتىن بۇرۇنقى نورمال سەۋىيەسى ئاساسەن ئەسلىگە كېلىدىكەن.

  تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى ئالتاي-شىئەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچىدۇ. بۇ، تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىنجاڭدا قومۇل-شىئەن، خوتەن-شىئەندىن كېيىن ئۈرۈمچىدە توختىماي ئۇچىدىغان، ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىن بىۋاسىتە ئۇچىدىغان شىنجاڭدىن چىقىدىغان 3-ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ھېسابلىنىدۇ. كېيىنكى مەزگىلدە تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسى يېڭىدىن ئۈرۈمچى-كورلا-شىئەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچىدۇ ھەم ئۈرۈمچى-گۈيياڭ-سەنيا، ئۈرۈمچى-ۋۇخەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىچكىرى رايونلار بىلەن بولغان ئىقتىساد-سودا ئالاقىسىگە زور قولايلىق يارىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى