تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

«ئاپا» دېگەن بىر ئېغىز سۆز بىلەن بىر ئۆمۈر باغلانغان رىشتە

قارلىغاچ مۇقاي (سولدا) ئاپىسى جۇلدۇز مۇقايغا جياۋزى يېگۈزمەكتە (ماتېرىيال سۈرەت). جاڭ لى فوتوسى

بىڭتۇەن گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جياڭ شياۋۋېي خەۋەر قىلىدۇ): 3-ئاينىڭ مەلۇم بىر ھەپتە ئاخىرىسىدىكى كەچتە، 8-شى شىخەنزە شەھىرىنىڭ شياڭياڭ كوچا باشقارمىسى 22-مەھەللىسىدىكى بىر ئۆينىڭ چىرىغى يېنىپ تۇراتتى. ئۆيدە، بىر جۈپ ئانا-بالا كەچلىك تاماق يېگەچ پاراڭلىشىۋاتاتتى، پات-پات كۈلكە ئاۋازى ئاڭلىناتتى.

بۇ جۇلدۇز مۇقاي بىلەن قىزى قارلىغاچ مۇقاي 24 يىل ياشىغان ئۆي. ئۆيدىكى ئۈستەلگە ئانا-بالىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى خاتىرىلەنگەن نۇرغۇن خاتىرە سۈرەت تىزىلغان ئىدى.

كىملا قارىسا، جۇلدۇز مۇقاي بىلەن قارلىغاچ مۇقاي ئىنتايىن ئاددىي بىر جۈپ ئانا-بالا ئىدى. ئەمما، ئۇلارنىڭ ئاجايىپ ھېكايىلىرى بار.

1997-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى، جۇلدۇز مۇقاينىڭ ھاياتىدىكى ئۇنتۇلماس بىر كۈن ئىدى. شۇ كۈنى كەچقۇرۇن، قازاق قىزى جۇلدۇز مۇقاي ئادەتتىكىگە ئوخشاش ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىغا كېلىپ، دوختۇرخانىدا يېتىۋاتقان ئاچىسىنى يوقلىدى. تۇيۇقسىز، ئۇ بىر بوۋاقنىڭ ئاجىز يىغا ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالدى. جۇلدۇز مۇقاي ئاۋاز چىققان يەرنى ئىزدەپ، بىر قىز بوۋاقنى بايقىدى.

قىز بوۋاقنىڭ يىغلاۋېرىپ قىزىرىپ كەتكەن يۈزىگە قاراپ، جۇلدۇز مۇقاينىڭ ئىچى سىيرىلىپ كەتتى. ئۇ دەرھال قىز بوۋاقنى قۇچىقىغا ئېلىپ، بالىنىڭ كىيىمىدە «خەنزۇ، بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان» دېگەن خەتلەر يېزىلغان بىر پارچە باغاقچىنى كۆردى. جۇلدۇز مۇقاي بالىنى كۆتۈرۈپ، تەرەپ-تەرەپتىن سۈرۈشتۈرگەن بولسىمۇ، بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ئائىت ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىدى.

بالا تېخى كىچىك، ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا توغرا كەلگەچكە، جۇلدۇز مۇقاي ئاۋۋال قىز بوۋاقنى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىشنى قارار قىلدى ھەم ئۆزىنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى دوختۇرخانىغا قالدۇردى. «مەن شۇ چاغدا، بۇ بالىنىڭ ھالىدىن ئاۋۋال ئۆزۈم خەۋەر ئېلىپ تۇراي، دەپ ئويلىغان، ئەگەر ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىزدەپ كەلسە، ئاندىن بالىنى ئۇلارغا قايتۇرۇپ بەرمەكچى ئىدىم» دېدى جۇلدۇز مۇقاي.

بىر كۈن، ئىككى كۈن... ناھايىتى تېزلا بىر ئاي ئۆتۈپ كەتتى، ھېچكىم ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلاشمىدى. «مەن سىزگە ئاپا بولاي». جۇلدۇز مۇقاينىڭ قىز بوۋاققا بولغان مۇھەببىتى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ بالىنى بېقىۋېلىشنى قارار قىلدى. ئارقىدىن، ئۇ ئالاقىدار تارماقلارغا بېرىپ بېقىۋېلىش رەسمىيىتىنى بېجىردى ھەم ئۈرۈمچىدىكى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، شىخەنزىدىكى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەلدى.

جۇلدۇز مۇقاينىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ ئاق كۆڭۈل كىشىلەر ئىدى، ئۇلار قىزى ئېلىپ كەلگەن قىز بوۋاقنى ئۆز نەۋرە قىزىدەك ئىنتايىن ياخشى كۆردى. مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق، بىر ئائىلە كىشىلىرى بالىغا قارلىغاچ مۇقاي دەپ ئىسىم قويۇشنى قارار قىلدى.

قازاق خەلقى قارلىغاچنى قۇتلۇق قۇش دەپ قارايدۇ، قارلىغاچ بار يەردە تىنچلىق، بەخت بولىدۇ. قارلىغاچ مۇقاينىڭ ئىسمىغا جۇلدۇز مۇقاي بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتى مۇجەسسەملەنگەنىدى.

قارلىغاچ مۇقاي سەككىز ياشقا كىرگەن يىلى، بىر قېتىملىق تاسادىپىي پۇرسەتتە ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشىنى بىلىپ قالدى. ئەينى ۋاقىتتا، جۇلدۇز مۇقاي ئانا-بالا ئىككىيلەن قۇچاقلاشقىنىچە ئۇزاق يىغلاشتى. قارلىغاچ مۇقاي جۇلدۇز مۇقايغا مۇنداق دېدى:«سىز ماڭا بىر ئىللىق ئائىلە بەردىڭىز، مېنىڭ پەقەت بىرلا ئاپام بار، ئۇ بولسىمۇ سىز».

قارلىغاچ مۇقاينىڭ كۈندىن-كۈنگە چوڭ بولۇشىغا ئەگىشىپ، ئائىلىسىنىڭ چىقىمى بارغانسېرى ئېشىپ باردى. قىزى كىچىكىدىن تارتىپلا ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناشنى ياخشى كۆرەتتى، جۇلدۇز مۇقاي تېجەشلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپ، تېجەپ قالغان پۇللىرىنى قىزىغا ئاككوردىيون، پىيانىنو ۋە ئۇسسۇل ئۆگىتىشكە ئىشلەتتى.

ئاپىسىنىڭ ئۆزىنى تەربىيەلىشى، يېتىشتۈرۈشىنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى بىلىدىغان زېرەك، ئەقىللىق قارلىغاچ مۇقاي ئىزچىل قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن ئاپىسىغا جاۋاب قايتۇردى.

2015-يىلى، ئۇ ئارزۇسى بويىچە شىنجاڭ سىفەن داشۆگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتۈپ، مۇزىكا شىسى مۇزىكا كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولدى. داشۆدىكى مەزگىلىدە، ئۇ ھەر يىلى مەكتەپ دەرىجىلىك ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىپلا قالماي، يەنە كۆپ قېتىم مەملىكەتلىك مۇسابىقىدە مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا، مەكتەپ قارلىغاچ مۇقاينىڭ مەكتەپتە قېلىپ خىزمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا ئاپىسىنىڭ يېنىغا قايتىشنى تاللىدى.

بۈگۈنكى كۈندە قارلىغاچ مۇقاي 8-شى شىخەنزە شەھەرلىك سەنئەت ئۆمىكىدە ئىشلەيدۇ. ئۇ:«ئاپام قەيەردە بولسا، ئۆيۈم شۇ يەردە، مەن شۇ يەردە. ئاپام مەن ئۈچۈن نەچچە ئون يىل جاپا چەكتى، مېنىڭ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ، ئۆز تىرىشچانلىقىم ئارقىلىق ئۇنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرگۈم بار. ئاپام بىلەن بىللە تۇرۇش مېنىڭ بەختىم» دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى