تىيانشان تورى خەۋىرى: بۇ ئىككى كۈندە ھاۋانىڭ ئىللىشى، تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ جەنۇب-شىمالىدا ئەتىيازلىق كېۋەز تېرىلغۇسى باشلاندى.
ئاقسۇدا 7 مىليون 100 مىڭ مو يەرگە كېۋەز تېرىلىشقا باشلانغان بولۇپ، 4- ئاينىڭ ئاخىرىلىرى تاماملىنىدىكەن. نۆۋەتتە، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ پاختىنى ماشىنىلاشتۇرۇپ يىغىۋېلىش كۆلىمى 5 مىليون 300 مىڭ مودىن ئاشىدىغان بولۇپ، كېۋەز تېرىش، يىغىۋېلىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ماشىنىلىشىش نىسبىتى %89تىن ئاشقان.
3- ئاينىڭ 25- كۈنى، بېيدوۋ سۈنئىي ھەمراھ ئورۇن بەلگىلەپ، يول باشلايدىغان سېيالكىدا شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 3-شىسى 49-تۈەنىدە كېۋەز تېرىلماقتا. بۇ شى بۇ يىل بىر مىليون مودىن ئارتۇق يەرگە كېۋەز تېرىشنى پىلانلىغان بولۇپ، 4- ئاينىڭ ئوتتۇرىدا تېرىش ۋەزىپىسىنى تاماملايدىكەن.
كۈزلۈك يىغىم مەزگىلىدە بېيدوۋ سۈنئىي ھەمراھ ئورۇن بەلگىلەپ، يول باشلايدىغان پاختا تېرىش ماشىنىسى قۇرمۇقۇر، دەل جايىدا تېرىپ، يىغىۋېلىش سۈپىتىنى ئۆستۈرىدۇ، شۇنداقلا مەشغۇلات ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، پاختىكارلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ.
3- ئاينىڭ 26- كۈنى، شىنجاڭ يەكەن ناھىيەسىدە كېۋەز تېرىلغۇسىنى ماشىنلاشتۇرۇش بويىچە ئەتىيازلىق تېرىلغۇنى بىۋاسىتە كۆرسىتىش نەق مەيدانىدا، كەنت ئاھالىسى ئابدۇسالى ئاۋۇتنىڭ بىر ئېغىز سۆزى نۇرغۇن تورداشنى كۈلدۈرۈۋەتتى، ئۇ مۇنداق دېدى: كېۋەز تېرىش ئاپتوماتلىشىپ، كېۋەزنى ماشىنا تېرىسا، مەندەك شوپۇر ئۇستام ئەكسىچە «سەل زېرىكىشلىك» ھېس قىلىپ قالىدىكەن.