تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئادۋوكاتلار قوشۇنى ئۈزلۈكسىز زورىيىپ، كەسپىي ئادۋوكات 1880گە يەتتى

  ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋېي خۇڭپىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر بەي شۆچىڭ خەۋىرى): 3-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 9- قېتىملىق ئادۋوكاتلار قۇرۇلتىيى شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئېچىلدى. بەش يىلدىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئادۋوكاتلار قوشۇنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورايدى، ئادۋوكاتلىق ئىش بېجىرىش ئورنى 143كە، كەسپىي ئادۋوكات 1880 كىشىگە يەتتى، ئادۋوكاتلار قوشۇنى ئەدلىيە ئادىللىقىنى قوغداش، مەركىزىي شەھەرنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى مۇھىم كۈچكە ئايلاندى.

  بەش يىلدىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئادۋوكاتلار تۈرلۈك دەۋا دېلوسىدىن 77مىڭ 667نى، دەۋاغا كىرمەيدىغان قانۇن ئىشلىرىدىن 6071نى، قانۇن ياردىمى دېلوسىدىن 9828نى بېجىردى. مۇنەۋۋەر ئادۋوكات گۈلشەن ئابلىمىت مۇنداق دېدى: «مەن بىر ئادۋوكات ھەم بىر پارتىيە ئەزاسى، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق قانۇن مۇلازىمىتى قىلىش، قانۇن ئىدارە قىلىش تەشۋىقات لېكسىيەسى ئېلىپ بېرىش مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم. بۇنىڭدىن كېيىن مەن داۋاملىق تىرىشىپ، قانۇن ئېھتىياجى بار ئاممىنى مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىملىقىنى قوغدايمەن» دېدى.

  يېڭى بىر نۆۋەتلىك مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقلىقىغا سايلانغان شىنجاڭ جۈگۇاڭ ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ مۇدىرى چېن پىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كەلگۈسى بەش يىلدا، چوقۇم پارتىيەلىك ئادۋوكاتلارنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەھەللە، كارخانا، قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، پارتىيەلىك ئادۋوكاتلارنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتى بىلەن بىللە، پارتىيە تارىخى تەشۋىقاتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمىز.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ليۇ يەندۇڭ يىغىنغا قاتنىشىپ تەبرىكلىدى ھەم سۆز قىلدى ۋە پۈتۈن شەھەردىكى ئادۋوكاتلار ۋە كەسىپكارلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى. ليۇ يەندۇڭ مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، مەركىزىي شەھەردىكى ئادۋوكاتلار قانۇن ئىدارە قىلىدىغان مەركىزىي شەھەر، تىنچ-ئامان مەركىزىي شەھەر قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم كۈچ، سىياسىي جەھەتتە مۇستەھكەم، كەسىپتە كامالەتكە يەتكەن، ھەققانىيەتنى قوغدايدىغان، سەمىمىيلىككە ئەمەل قىلىدىغان، ئىشىنىشكە بولىدىغان يۇقىرى ساپالىق ئادۋوكاتلار قوشۇنى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى