تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

شىنجاڭ چەرچەن: يۈچۈەن دەرياسىدا چايكىلار پەرۋاز قىلدى

   3-ئاينىڭ ئاخىرىدا، مىڭغا يېقىن چايكا شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چەرچەن ناھىيەسىنىڭ يۈچۈەن دەرياسىغا يېتىپ كەلدى، قار ـ مۇزلار ئەمدىلا ئېرىشكە باشلىغان سۇ يۈزىدە، چايكىلار توپ ـ توپ بولۇپ ئوزۇقلۇق ئىزدەپ، ئويناشتى، بۇ يەرنىڭ مول ئېكولوگىيەلىك بايلىقى چايكىلارنى يېتەرلىك يېمەكلىك بىلەن تەمىنلىدى. چايكىلار بەزىدە سۇ يۈزىدە لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشسە، بەزىدە ئاسماندا ئۇياقتىن-بۇياققا ئۇچۇپ يۈرۈپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان، ئىناق، گۈزەل ئېكولوگىيە كارتىنىسىنى سىزىپ چىقتى.

  چايكا دۇنيادىكى نەسلى قۇرۇپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان قۇشلارنىڭ بىرى بولۇپ، دۆلەت 1- دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چەرچەن ناھىيەسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ تەدرىجىي ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ياۋايى ھايۋانات، ئۆسۈملۈك تۈر توپىنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى.

(ئاپتور: رىشىت ئىمىن، تاھىر قۇربان، چەرچەن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن)
«学习强国» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى