تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ شىيا، پەرىزات ئابدۇل خەۋەر قىلىدۇ): مۇخبىرلارنىڭ خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل بېيجىڭ 1 مىليارد يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىپ، 60تىن ئارتۇق تۈرنى يولغا قويۇپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ مائارىپ مۇھىتى ۋە سۈپىتىنى كۈچەپ ياخشىلاش ۋە ئۆستۈرۈشنى پىلانلىغان.
يولغا قويۇلغان 60تىن ئارتۇق تۈر مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ئۆستۈرۈش، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش تەجرىبىلىرىنى چىقىرىش ۋە ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ھەمتۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە %80تىن ئارتۇق مەبلەغ ياردەم بېرىلىدىغان جايلاردىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ياتاق قۇرۇلۇشى ۋە ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىنىڭ مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ۋە ئاساسىي يۈرۈشلەشتۈرۈش، كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتۇش بىناسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۈرلەرگە ئىشلىتىش پىلانلىنىپ، خوتەن ۋىلايىتىدىكى تولۇق كۇرس مەكتەپلىرى ۋە خوتەن شۆيۈەنىنى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتى نۇقتىلىق ئالغا سىلجىتىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، 58 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مائارىپقا ياردەم بېرىش تۈرىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوخشاش بولمىغان پەن، ئوخشاش بولمىغان ئىش ئورنىدىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئالاقە تورى تېخنىكا ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئىككى جاي مائارىپىنىڭ توردىكى ئالاقە-ھەمكارلىق سالمىقىنى زورايتىپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ مائارىپ، ئوقۇتۇش سەۋىيەسى ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بېرىش پىلانلاندى.
ئىگىلىنىشىچە، «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، بېيجىڭ مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە جەمئىي 2 مىليارد 98 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 200دىن ئارتۇق تۈرنى يولغا قويۇپ، خوتەننىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى ۋە مائارىپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى كۈچەپ ياخشىلاپ ۋە ئۆستۈرۈپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىغا ياردەم بېرىشكە پائال تۆھپە قوشقان.