تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

تىيانشان بۇغىلىرى شىنجاڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ئېگىز تاغ ئوتلىقىدا ئارقا-ئارقىدىن پەيدا بولدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى: 3-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا قاراشلىق تىيانشاننىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى جامبۇلات ئېگىز تاغ ئوتلىقىدا تىيانشان بۇغىلىرى ئارقا-ئارقىدىن پەيدا بولدى. بۇ تىيانشان بۇغىلىرى تىيانشان تاغ تىزمىسىغا تارقالغان بۇغا كەنجى تۈرى بولۇپ، دۆلەت 2-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان ھېسابلىنىدۇ. تىيانشان بۇغىلىرى جامبۇلاتنىڭ قارلىق دالىلىرى، ئورمانلىقلىرىدا بەخىرامان يايلاپ، ئوزۇق ئىزدەيدۇ، ھەتتا چارۋىچىلارنىڭ كىگىز ئۆيلىرىنىڭ ئەتراپىدا ۋە ئوتلاقلاردا كالا، قويلار بىلەن بىللە يايلاۋاتقان ئىناق مەنزىرىنىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ.

  «学习强国» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • باھار كۈنلىرىدىكى خۇش پۇراق چېچەكلەر
  • كۇچادا مىليون مو يەرگە كېۋەز تېرىش باشلاندى
  • ماشىنىدا كېۋەز تېرىش