تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

«يېقىشلىق شەكلىدىكى» ئالدىن كېلىشىش ۋە ۋاقىتنى ئۇزارتىپ مۇلازىمەت قىلىش ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى تېخىمۇ ئىللىقلاشتۇردى

    ئانار بۇلۇت خەۋىرى: «ئىلگىرى رۇخسەت سوراپ كېلىپ ئىش بېجىرەتتۇق. ھازىر ئۆزىمىزنىڭ ۋاقتىغا ئاساسەن ئالدىن كېلىشىپ كەسىپ بېجىرسەك بولىدىكەن، چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋە ھەپتە ئاخىرىدىمۇ بېجىرگىلى بولىدىكەن، بۇ ناھايىتى قولايلىق بوپتۇ.» 3-ئاينىڭ 23-كۈنى، ليۇ ئەپەندى ئالدىن كېلىشىپ، ئىشتىن چۈشكەن ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى باغراش ناھىيەلىك مەمۇرىي مۇلازىمەت مەركىزىگە كېلىپ، كۆچمەس مۈلۈكنى رەنىگە قويۇشنى تىزىملاش كەسپىنى بېجىردى.

  كارخانا ۋە ئاممىنىڭ كۆپ خىللاشقان ئىش بېجىرىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، باغراش ناھىيەلىك مەمۇرىي مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ كۆچمەس مۈلۈك، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى، بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش قاتارلىق يەتتە كۆزنەك ئالدىن كېلىشىش مۇلازىمىتى ۋە ۋاقىت ئۇزارتىپ مۇلازىمەت قىلىشنى يولغا قويۇپ، «يېقىشلىق شەكلىدىكى» ئالدىن كېلىشىش ۋە ۋاقىتنى ئۇزارتىپ مۇلازىمەت قىلىش ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى تېخىمۇ ئىللىقلاشتۇردى.

  نۆۋەتتە، پۈتۈن ناھىيەنىڭ ۋاقىتنى ئۇزارتىپ مۇلازىمەت قىلىش دائىرىسى، شەكلى، ۋاقتى بىردەك بولماسلىق ئەھۋالىغا قارىتا، بۇ ناھىيەنىڭ مەمۇرىي مۇلازىمەت مەركىزى تۈرلۈك ۋاقىتنى ئۇزارتىپ مۇلازىمەت قىلىشنىڭ پايدا-زىيىنىنى تولۇق ئويلىشىپ، پۈتۈن ناھىيە بويىچە ۋاقىتنى ئۇزارتىپ مۇلازىمەت قىلىش بىلەن ئالدىن كېلىشىپ مۇلازىمەت قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ تۈزۈپ، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشىگە ئەڭ زور دەرىجىدە قولايلىق يارىتىپ، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىش تەننەرخىنى تېجەپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىدە خەلققە قولايلىق يارىتىشچانلىق، ئادىمىيلىكنى ئىشقا ئاشۇردى.

  باغراش ناھىيەلىك مەمۇرىي مۇلازىمەت مەركىزى توردا بېجىرىش، ئاپتوماتىك بېجىرىش، يان تېلېفوندا بېجىرىش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى APPسىنى يولغا قويۇپ، پۇقرالارنى پۈتۈن كۈنلۈك، ئۈزۈلمەيدىغان ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى بىلەن ئىش بېجىرگۈچىنىڭ ئالدىن كېلىشىپ ۋاقىتنى ئۇزارتىپ مۇلازىمەتتتىن بەھرىمەن بولۇش ئېھتىياجىنى دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەم قوبۇل قىلىپ، ھەم بېجىرىپ، ئىش بېجىرىدىغان ئاممىغا ئەڭ زور دەرىجىدە قولايلىق يارىتىپ، ئەڭ زور دەرىجىدە ئاممىنى قۇرۇق يول ماڭدۇرماي، ئىش بېجىرىش ۋاقتىنى تېجىدى.

(باغراش ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى چېن يەنچۈن، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ لى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • باھار كۈنلىرىدىكى خۇش پۇراق چېچەكلەر
  • كۇچادا مىليون مو يەرگە كېۋەز تېرىش باشلاندى
  • ماشىنىدا كېۋەز تېرىش