تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

يېڭى بىر ھەپتىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھۆل-يېغىنلىق ھاۋا رايى كۆپ كۆرۈلىدۇ، بۈگۈن شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا قار-يامغۇرلۇق ھاۋا رايى كۆرۈلىدۇ

3-ئاينىڭ 29-كۈنى سەھەردە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يامغۇر ياغدى، شىسەن يولىدىكى بىر ئولتۇراق رايونىدىكى يەر يۈزىدە يىغىلىپ قالغان سۇدا سەھەر تۇرۇپ مەكتەپكە ماڭغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سايىسى ئەكس ئەتكەنىدى. مۇخبىر جاڭ ۋەندې فوتوسى

  ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ مېڭفەن خەۋىرى): بۈگۈن شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى ۋە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياكى يامغۇر ئارىلاش قار ياغىدۇ (تاغلىق رايونلاردا قار ياغىدۇ).

  ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى، شىخەنزە شەھىرىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، خوتەن ۋىلايىتى قاتارلىق جايلارنىڭ تاغلىق رايونلىرىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال، قاتتىق يامغۇر ياكى قار ياغىدۇ، ئىلى ئوبلاستىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قېلىن قار ياغىدۇ؛ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان قىسمەن رايونلاردا بەش بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ، شامال ئېغىزلىرىدا شامال كۈچى ئون بال ئەتراپىدا بولۇپ، تېمپېراتۇرا ℃3 ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈن ئازراق يامغۇر يېغىپ كېيىن قاتتىق يامغۇرغا ئۆزگىرىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃11، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃4 بولۇپ،  3~4 بال غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ. سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، يېڭى بىر ھەپتىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھۆل-يېغىن كۆپىيىپ، تېمپېراتۇرا ئالدىنقى ھەپتىدىكىدىن كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • باھار كۈنلىرىدىكى خۇش پۇراق چېچەكلەر
  • كۇچادا مىليون مو يەرگە كېۋەز تېرىش باشلاندى
  • ماشىنىدا كېۋەز تېرىش