تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جۇڭگونىڭ خەلق رايىنى ئالداشقا ۋە ئۇنىڭغا چېقىلىشقا بولمايدۇ

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى H&Mنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار باياناتىغا ئىنكاس قايتۇردى:

جۇڭگونىڭ خەلق رايىنى ئالداشقا ۋە ئۇنىڭغا چېقىلىشقا بولمايدۇ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار دۇڭ شۆ، سۈن نەن) شىۋېتسىيە كىيىم - كېچەك شىركىتى ھېننېسسي - ماۋرىتىز شىركىتى (H&M)نىڭ شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىشنى رەت قىلىش توغرىسىدا سۆز ئېلان قىلىشى جۇڭگودا كەڭ كۆلەملىك ئەيىبلەش ۋە توسۇش دولقۇنىنى قوزغىدى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو خەلقى دوستانە، ئوچۇق - يورۇق خەلق، ئەمما جۇڭگونىڭ خەلق رايىنى ئالداشقا ۋە ئۇنىڭغا چېقىلىشقا بولمايدۇ.

«شىنجاڭ رايونىنىڭ پاختىسى دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى پاختىلارنىڭ بىرى، ئۇنى ئىشلەتمەسلىك ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ زىيىنى.» خۇا چۇنيىڭ شۇ كۈنىدىكى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: شىنجاڭ رايونىدىكى «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش»قا ئالاقىدار ئەيىبلەشلەر پۈتۈنلەي ئايرىم ساندىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر ئويدۇرۇپ چىقارغان يامان غەرەزلىك يالغان - ياۋىداق سۆزلەر، ئۇلارنىڭ مەقسىتى جۇڭگونىڭ ئوبرازىغا قارا چاپلاش، شىنجاڭنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىشتىن ئىبارەت.

«ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۇقرالارنى تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەشنى ئادەتتىكى نورمال ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ياخشى ئىش دەپ بىلىدۇ، چۈنكى، خەلقنى بارغانسېرى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىدۇ، ئەمما بەزىلەر ئۇنى چوقۇم مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ياكى زۇلمەتلىك ئېزىش دەپ بېكىتىۋاتىدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تارىخىدا نەچچە يۈز يىل ھەقىقەتەن شۇنداق قىلغان، شۇڭا ھازىر باشقىلارنى ئۆز تارازىسى بىلەن ئۆلچەۋاتىدۇ» دېدى خۇا چۇنيىڭ.

«جۇڭگو ئوچۇق - ئاشكارا ئىش قىلىدۇ، جۇڭگو خەلقى دوستانە، ئوچۇق - يورۇق خەلق، ئەمما جۇڭگو خەلقىنىڭ خەلق رايىنى ئالداشقا ۋە ئۇنىڭغا چېقىلىشقا بولمايدۇ» دېدى ئۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.