تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى ئايروپورتى ئاۋىياتسىيە بىناسىنىڭ توك قاچىلاش تۈۋرۈكى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى

   ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر چېن چياڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ): مۇخبىرنىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 3-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتى T1 ئاۋىياتسىيە بىناسىنىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل توك قاچىلاش تۈۋرۈكى قۇرۇلۇشىدا رەسمىي ئىش باشلانغان.

  بۇ يىل 2-ئايدا، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتى بىلەن شىنجاڭ ئايرودۇرۇم (گۇرۇھى) تيەنيۈەن يېشىل كەسىپلەر چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى تۈرلەرنى ئورتاق ئېچىش، قۇرۇش توغرىسىدا بىردەك پىكىر ھاسىل قىلدى. ئىككى تەرەپ ئۆز رايونى، بايلىقى، تېخنىكا ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى كېڭەيتىش ۋە توك قاچىلاش، توك ئالماشتۇرۇش ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تىجارىتىنى ھەمكارلىقنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، «توك قاچىلاش، توك ئالماشتۇرۇش ئەسلىھەسى + تەقسىملەنمە شەكلىدىكى ئېنېرگىيە + ئېنېرگىيە ساقلاش + سودا» ئۇنىۋېرسال كەسىپ ھالىتى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى قوللىنىش بىلەن چەكلىنىپ قالماي، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، ئورتاق ھەمكارلىشىپ، ئېچىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 21 ئايرودۇرۇمنىڭ ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە مۇلازىمىتى ساھەسىدىكى تۈر قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  ئىككى تەرەپ ئالدى بىلەن ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتى T1 ئاۋىياتسىيە بىناسىدا «توكلۇق ئاپتوموبىل + توك قاچىلاش پونكىتى» قۇرۇلۇش تۈرىنى يولغا قويۇشنى قارار قىلدى.

  بۇ يىل، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتى پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە يىللىق يولۇچى توشۇش مىقدارى 1 مىليونغا يېتىدىغان بەش ئايرودۇرۇمنى ئالدىن تاللاپ نۇقتىدا سىناق قىلىپ، يېڭى ئېنېرگىيەگە ئالاقىدار تۈر قۇرۇلۇشى ۋە تىجارىتىنى قانات يايدۇرۇشنى پىلانلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • باھار كۈنلىرىدىكى خۇش پۇراق چېچەكلەر
  • كۇچادا مىليون مو يەرگە كېۋەز تېرىش باشلاندى
  • ماشىنىدا كېۋەز تېرىش