تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

باھار كۈنلىرىدىكى خۇش پۇراق چېچەكلەر

  تىيانشاننىڭ باش باھارىدىكى ئاق زەپەر

چېچەكتىن ھۇزۇرلىنىش 

  ئۆرۈك چېچىكى

  تىيانشان تورى خەۋىرى: 3-ئايدا، تۇرپان ئاۋۋال ئۆرۈك دەرەخلىرى چېچەكلەش مەزگىلىنى كۈتۈۋالىدۇ. تۇرپاندا ساياھەتچىلەر چېچەك تاماشاسى قىلغاندىن باشقا، يەنە يالقۇنتاغ، يارغول قەدىمىي شەھىرى، ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرى، سەيلىگاھلارنى ساياھەت قىلالايدۇ.

  پامىر ئېگىزلىكىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى قارلىق تاغ ئېتىكىدىكى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ داتۇڭ يېزىسىدىكى 100 يىللىق ئۆرۈك دەرىخى باھار پەسلىنى كۈتۈۋېلىپ، چېچەكلەردىن خۇش ھىد تارالدى، ئۇنىڭغا كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت، قارلىق تاغ، كەنت، دەريا، ئاق كۆڭۈل، ساددا تاجىك خەلقى قوشۇلۇپ، غايىۋى دۇنيا شەكىللەندى.

  ئىلى كۈنەس ناھىيەسىنىڭ تۇرگۇن يېزىسىدىكى ئۆرۈك جىلغىسىدا، سۇس ھالرەڭ ئۆرۈك چېچەكلىرى ئېگىز-پەس ئېدىرلىقنى قاپلاپ، گۈزەل مەنزىرە شەكىللەندۈردى. كۈنەس ناھىيەسىدە، ساياھەتچىلەر يەنە نارات يايلىقى، شوربۇلاق غەربىي يۇرت ھاراق مەدەنىيىتى مۇزېيى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىنى ساياھەت قىلالايدۇ.

  دىڭبىڭخۇا گۈلى

  يەنە ياۋا بەيخې دەپمۇ ئاتىلىدۇ، قار-مۇز ئۈستىدە ئېچىلىدىغان بولغاچقا، كىشىلەر دىڭبىڭخۇا گۈلى دەپ ئاتايدۇ. ھەر يىلى 3-ئاينىڭ ئاخىرى 4-ئاينىڭ بېشىدا، سايرام كۆلى بويىدىكى قار-مۇزلار تېخى تولۇق ئېرىپ بولالمىغاچقا، دىڭبىڭخۇا گۈلى قار سۇلىرىنىڭ ئوزۇقلاندۇرۇشى بىلەن مۇزنى يېرىپ چىقىپ، بەس-بەستە ئېچىلىپ، پۈتكۈل ئوتلاقتىكى تاغ جىلغىسىدا ئېچىلىدۇ. سايرام كۆلىدە ساياھەتچىلەر سەيلە كېمىسى، تىك ئۇچار قاتارلىقلارغا ئولتۇرۇپ، ئوخشىمىغان نۇقتىدىن سايرام كۆلنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن، يەنە مەززىلىك بېلىق زىياپىتىدىن ھۇزۇرلىنالايدۇ.

  سايرام كۆلىدىن باشقا، كۈنەس ناھىيەسىنىڭ نارات، توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ كۆندەلەڭ، تېكەس ناھىيەسىنىڭ قاراجۇن ۋە موڭغۇلكۈرە ئوتلىقى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە دىڭبىڭخۇا گۈلى بار.

  شاپتۇل چېچىكى

  ھەر يىلى 4-ئايدا، فۇكاڭ شەھىرى ۋاڭمۇ شاپتۇلزارلىقىدىكى توقاچ شاپتۇل ئۆستۈرۈش رايونىدا شاپتۇللار چېچەكلەپ، گۈزەل مەنزىرە شەكىللىنىدۇ. ۋاڭمۇ شاپتۇلزارلىقىنىڭ ئەسلىھەلىك مېۋە-چېۋە، كۆكتات رايونىدا، ساياھەتچىلەر بەيشياڭگو، خولۇڭگو، سۇلۇق شاپتۇل، توغاچ شاپتۇل، بۆلجۈرگەن قاتارلىقلارنى ئۈزەلەيدۇ.

  شىخەنزىنىڭ شاپتۇل چېچىكى بايرىمى ئۇدا ئون نەچچە نۆۋەت ئۆتكۈزۈلدى، ساياھەتچىلەر شاپتۇل چېچىكى بايرىمىدىكى مول، رەڭدار مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشتىن سىرت، يەنە شىنجاڭ بىڭتۇەن ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيى، كولدۇرماما مېڭپو قۇملۇق باغچىسى قاتارلىق جايلارنى ساياھەت قىلالايدۇ.

  (تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى لى رەتلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى