ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭ خەۋىرى: 3-ئاينىڭ 23-كۈنى، جۇڭگو بىناكارلىق قۇرۇلۇشى شىنجاڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇش گۇرۇھى ھۆددىگە ئالغان ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى قاتناش مەركىزى تۈرىدە قۇرۇلۇش ئومۇميۈزلۈك باشلاندى.
ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى تۈرىدە قۇرۇلۇش قىلىش جەريانىدا تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تۇتقا قىلىنىپ، ئاقىل قۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۆت تىپلىق ئايروپورت (تىنچ-ئامان، يېشىل، ئاقىل، ئادىمىيەت) قۇرۇلۇشىنى نىشان قىلىپ، قۇرۇلۇش جەريانىدا BIM+GIS تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، بىر سۇپا، بىر يۈرۈش ئۆلچەم، بىر مودېل، بىر پارچە خەرىتە، بىر يۈرۈش مۈلۈكتىن ئىبارەت يولغا قويۇش پىكىر يولىدا چىڭ تۇرۇپ، فىزىكىلىق ئايروپورتنىڭ رەقەملىك قوشكېزەك گەۋدىسىنى بەرپا قىلىپ، تۆت تىپلىق ئايروپورتنى تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلەپ، BIM+GISنىڭ پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى ساھەسىدىكى بەلگە خادىسىنى بەرپا قىلدى.
جۇڭگو بىناكارلىق قۇرۇلۇشى شىنجاڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇش گۇرۇھى ھۆددىگە ئالغان ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى قاتناش مەركىزى تۈرىدە قۇرۇلۇش ئومۇميۈزلۈك باشلاندى. (سۈرەتنى جۇڭگو بىناكارلىق قۇرۇلۇشى شىنجاڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇش گۇرۇھى تەمىنلىگەن)