تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ساياھەتچىلىك باشلامچى قىلىنىپ، 3 - كەسىپكە ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشۇلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ

ئالتاي تېغى ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان بولۇپ، ھەرقايسى چوڭ قار تېيىلىش مەيدانلىرىدا، شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى ئۇچقاندەك قار تېيىلىۋاتاتتى، ھەرىكىتى ناھايىتى چەبدەس ئىدى؛ تۇرپاندا ئىللىق قۇياش نۇرى پارلاپ تۇراتتى، باھار شامىلىدا مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئۆرۈك دەرەخلىرى چېچەكلىگەن بولۇپ، ساياھەتچىلەر ئارقا - ئارقىدىن كېلىپ، ئىللىق باھار مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىۋاتاتتى؛ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ چېتىدىكى چاقىلىق ناھىيەسىدە، 2021 - يىللىق بايىنغولىن ئوبلاستى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ سىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش بويىچە °N40تىن تۇنجى قېتىم كېسىپ ئۆتۈش سەپىرى باشلاندى، ئاپتوموبىللار يول بويى توپا - چاڭ كۆتۈرۈپ، بىپايان قۇملۇقنى نىشانلاپ يۈرۈپ كەتتى... 3 - ئايدىكى شىنجاڭ تۇپرىقى ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى.

مەدەنىيەت ئارقىلىق ساياھەتنى يارىتىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش شانلىق سەھىپىسىنى پۈتۈش؛ ساياھەت ئارقىلىق مەدەنىيەتنى نامايان قىلىپ، ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈش. 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، قايتا سەپەرگە ئاتلاندى. ساياھەتچىلىكنىڭ ئاساسى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىنىپ، كەسىپنىڭ يېتەكلەشچانلىقى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشتىكى رولى يەنىمۇ نامايان بولدى.

ئاساسنى پۇختىلاپ، كەسىپ تەرەققىياتىدا تولۇق تەييارلىق كۆرۈپ ئىشنى ياخشى قىلىش

3 - ئاينىڭ ئاخىرى بولاي دەپ قالدى، چۆچەك - دۆربىلجىن ئويمانلىقىدىكى دالا يەنىلا ئاپئاق قارغا پۈركەنگەنىدى، ئىش باشلاپ قۇرۇلۇش قىلىش ئۈچۈن يەنە بىر مەزگىل كۈتۈشكە توغرا كەلسىمۇ، لېكىن تۈرلۈك ئالدىنقى مەزگىللىك تەييارلىق خىزمەتلىرى جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى.

«بۇ يىل، بىز نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ يادروسىنى چۆرىدەپ، <قاتناش + ساياھەت> سۈپەتلىك ماركا قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ پۈتۈن رايون ساياھىتىدىكى يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ ئۆلچەم خادىسىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن يارىتىپ، <ئۈچ ئوق، تۆت رايون> كۆپ مەنبەلەشكەن بازار ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز، قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى چاغانكۆل ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ داۋاملاشما قۇرۇلۇشى، G219 ھەممىباب كارتا ئاقىل ساياھەت سىستېمىسىنى ئېچىش تۈرى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئالاقىدار ساياھەت تۈرلىرىدە قۇرۇلۇش باشلاش ۋە ئۇنى يولغا قويۇشنى پىلانلىدۇق. نۆۋەتتە، ئىش باشلاش، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى جىددىي ئىشلىنىۋاتىدۇ» دەپ تونۇشتۇردى 3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى شىنجاڭ ساياھەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى پاي كونترول تارماق شىركىتى شىنجاڭ تارباغاتاي بيەنيۈن ساياھەت مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مەسئۇلى.

ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 501 كىلومېتىر كېلىدىغان G219 (تارباغاتاي بۆلىكى) شىمالدا قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسىدىن باشلىنىپ، جەنۇبتا ئالاتاۋ شەھىرىگە تۇتىشىدۇ، بۇ، شىنجاڭ بۇ يىل نۇقتىلىق بەرپا قىلىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدىغان ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش سەرخىل لىنىيەسى بولۇپ، غەربىي رايون مەنزىرە ساياھىتى، تەبىئىي ئېكولوگىيە ساياھىتى، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ھۇزۇرلىنىش ساياھىتىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ساياھەت باش تېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مەنزىرە رايونلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، شەھەر - بازارلارنى ساياھەت قىلىش، يېزا - كەنت ساياھىتى، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش لاگېرى قاتارلىق يەتتە چوڭ ساياھەت ئاساسىي مۇلازىمەت ئەسلىھەسى ۋە كەسىپ ھالىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭ ساياھەت سەرخىل لىنىيەسى قۇرۇلۇشىنى سىجىل زورايتىپ، ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلىماقتا. 2020 - يىلى پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت تۈرىگە جەمئىي 28 مىليارد 874 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، ساياھەت ئۇل مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپ خىللاشقان ئېھتىياجى قاندۇرۇلدى.

ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى پۇختا كاپالەت بىلەن تەمىنلەندى. ئۆتكەن بىر يىلدا، شىنجاڭ ساياھەت سۈپەتلىك ماركا قۇرۇلۇشىدا قالتىس نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى: دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىدىن بىرى، 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىدىن 19ى ۋە دۆلەت دەرىجىلىك ساياھەت ئىستىراھەت رايونىدىن بىرى يېڭىدىن كۆپەيدى، دۆلەت پۈتۈن رايون ساياھىتىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدىن ئۈچى، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يېزا - كەنت ساياھىتىدىكى نۇقتىلىق كەنتتىن 24ى، دۆلەتنىڭ قىزىل ساياھەت تەرەققىياتىدىكى تىپتىن ئىككىسى ۋە دۆلەت ئورمان ساغلاملىق - كۈتۈنۈش بازىسىدىن ئىككىسى بەرپا قىلىندى، «جۇڭگو قار - مۇز شەھىرى» «ئىنسانلارنىڭ قار - مۇز تەنھەرىكىتى باشلانغان جاي» ئالتاي، «جۇڭگو ھەسەن - ھۈسەن شەھىرى» موڭغۇلكۈرە، «جۇڭگو تەبىئىي ئوكسىگېنخانىسى» تېكەس قاتارلىق دۆلەتنىڭ كىلىمات بەلگە خاراكتېرلىك بىر تۈركۈم سۈپەتلىك ماركىلىرى بارغانسېرى تونۇلدى.

يۇغۇرما تەرەققىي قىلدۇرۇپ، 3 - كەسىپنىڭ باشلامچىلىق رولىنى نامايان قىلىش

«2 - ئايدىن باشلاپ، ساياھەتچىلەر <شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش> سۇپىسى ئارقىلىق ئالدىن كېلىشىپ ساياھەت قىلسا بولىدىغان بولدى. ھازىر، بىز ئالدىن كېلىشىش سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەلالاشتۇرۇپ، پات ئارىدا يېتىپ كېلىدىغان چىڭمىڭ، 1 - ماي بايرىمى قاتارلىق قىسقا دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ساياھەتچىلەر يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋېلىۋاتىمىز ھەم بۇ يىلقى ساياھەت ئاۋات پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ياخشى تەييارلىق قىلىۋاتىمىز» دەپ تونۇشتۇردى 3 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، شىنجاڭ تىيانشان ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسى ساياھەت پىلانلاش - تەرەققىيات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى پى لىننا.

مەنزىرە رايونىنى ئالدىن كېلىشىپ ساياھەت قىلغاندىن كېيىن، ۋاقىتقا بۆلۈپ ساياھەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئۆچرەت تۇرۇپ ساقلاش ۋاقتىنى قىسقارتىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ قىستاڭچىلىقتا توسۇلۇپ قېلىشىنى ئۈنۈملۈك تۈگىتىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ھۇزۇرلىنىش دەرىجىسى ۋە رازى بولۇش دەرىجىسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرگىلى بولىدۇ. بۇ، شىنجاڭنىڭ ئاقىل ساياھەت قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىسى.

نۆۋەتتە، شىنجاڭ ساياھەت چوڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزى، ئاقىل ساياھەت باشقۇرۇش سۇپىسى، ئاقىل ساياھەت ماركېتىڭى ۋە مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭ ئاقىل ساياھەت 1 - قارارلىق تۈر قۇرۇلۇشى خىزمىتى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى. ئاقىل ساياھەتتە مەنزىرە رايونىنى ئالدىن كېلىشىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپلا قالماي، يەنە يېمەك - ئىچمەك، تۇرالغۇ، ساياھەت، قاتناش، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق نۇرغۇن مەدەنىيەت، ساياھەت مۇھىم ئامىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ساياھەتچىلەرنى ساياھەتتىن بۇرۇن، ساياھەت داۋامىدا، ساياھەتتىن كېيىن توردا ئەتراپلىق تەسىرات بىلەن تەمىنلەيدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، 3 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدىكى A دەرىجىلىك بارلىق ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئالدىن كېلىشىپ ساياھەت قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.

«ئالاقە تورى + ساياھەت»نى ئالاھىدىلىك قىلغان ئاقىل ساياھەت يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تېخنىكا مەدىتى بىلەن تەمىنلىدى، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، يۇغۇرما تەرەققىياتى ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا كەڭ ئۆرلەش بوشلۇقى ئېچىپ بېرىپ، «ساياھەت +» ئېسىل سەھىپىلىرىنى پۈتمەكتە.

2020 - يىلى، «ساياھەت + قاتناش» «ساياھەت + تەنتەربىيە» «ساياھەت + ھاۋارايى» «ساياھەت + يېزا ئىگىلىكى» «ساياھەت + سانائەت» «ساياھەت + ئورمانچىلىق» قاتارلىق ساياھەت يۇغۇرما تەرەققىيات ئىشلىرى ئالاھىدە جانلاندى. غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەنزىرە رايونلىرى، ئۆزگىچە كوچا رايونلىرى، يېزا - كەنت ساياھىتىدىكى نۇقتىلىق كەنتلەرگە كىرگۈزۈلدى. تۇرپان بۇيلۇق مەنزىرە رايونىدا شىنجاڭدىكى تۇنجى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بازىرى بار بولدى، «شىنجاڭ قەشقەر مىللىي ئۆرپ - ئادەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى باش تېما ساياھىتى» پۈتۈن مەملىكەت بويىچە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى باش تېما ساياھەت لىنىيەسى قاتارىغا تاللاپ كىرگۈزۈلدى؛ توققۇز تۈر جۇڭگو تەنتەربىيە ساياھىتى ئېسىل تۈرى قاتارىغا تاللاپ كىرگۈزۈلدى، شىنجاڭدىكى مەنزىرە رايونلىرى، لىنىيەلەر، مۇسابىقىلەرنىڭ ھەممىسى جۇڭگو تەنتەربىيەسىدىكى ئون ياخشى ئېسىل مەنزىرە رايونى، ئون ياخشى ئېسىل لىنىيە، ئون ياخشى ئېسىل مۇسابىقە تۈرىگە تاللاپ كىرگۈزۈلدى؛ تەتقىقات - ئۆگىنىش ساياھىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانماقتا، كېچىلىك مەدەنىيەت ساياھەت ئىستېمالى كۈنسېرى جانلانماقتا، ئات مەدەنىيىتى كەسپى تېز يۈكسىلىۋاتىدۇ...

ساياھەتچىلىكنىڭ كۈچلۈك تۈرتكە بولۇش ئالاھىدىلىكى تولۇق قويۇپ بېرىلىپ، 3 - كەسىپنىڭ باشلامچىلىق رولى كۈنسېرى گەۋدىلەندۈرۈلدى.

كەسىپنى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىپ، خەلق تۇرمۇشى كەسپىنىڭ سۈپەت دەرىجىسىنى يېتەرلىك قىلىش

بۇلتۇر قىشتىن بۇ يىل ئەتىيازغىچە ئالتاي شەھىرى لاستى يېزىسى لاستى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى سىلامبېك ساقاش ناھايىتى ئالدىراش ئۆتتى.

ئۇ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولغان قەدىمقى تېرە چاڭغا ياساش ھۈنىرىنىڭ ۋارىسى بولۇپ، ئۆيىدە ياغاچ بۇيۇملار ھۈنەرخانىسى ئېچىپ، تېرە چاڭغا ۋە باشقا ياغاچ بۇيۇملارنى نەق مەيداندا ياساپ ساتتى.

قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن قار - مۇز ساياھىتى سىلامبېككە ئۈمىد ۋە ئارزۇ ئېلىپ كەلدى. ھازىر ئۇ ھەر يىلى 100دىن ئارتۇق تېرە چاڭغا ساتىدۇ. 66 ياشلىق ئۇ ياشلارغا ئوخشاش ھېرىش - چارچاشنى بىلمەيدۇ.

«ساياھەت تامىقى» يەپ، بەخت يولىغا مېڭىپ، بارغانسېرى كۆپ دېھقان - چارۋىچى ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنىڭ پايدىسىدىن بەھرىمەن بولدى. مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىلىرىغا بېرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىش، قىشتا قار تېيىلىش مەيدانلىرىغا بېرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىش، تىرېنېر بولۇش، ئۆزى دېھقانلار ئارامگاھى، چارۋىچىلار ئارامگاھى ئېچىش، پۇقراۋى قونالغۇ ئېچىش... ساياھەتچىلىك تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى ۋە كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش پۇرسىتى ياراتتى. يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تۈرتكىسىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى 50 مىڭدىن كۆپ بولدى.

تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىدىكى «بوغدا كۆلى خاۋلىخۈي» بايراقدار دۇكىنىغا كىرگىنىمىزدە، خۇددى شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى چوڭ باغچىسىغا كىرگەندەك بولىمىز: تۈرلۈك خاس قۇرۇق مېۋە، پەسىللىك مېۋە - چېۋە، سۈت مەھسۇلاتلىرى، كالا - قوي گۆشى يېمەكلىكلىرى، ئىستىراھەت يېمەكلىكلىرى، ساياھەت خاتىرە بۇيۇملىرى، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق 40 نەچچە يۈرۈش 400 خىلدىن ئارتۇق تاۋار كىشىنىڭ كۆزىنى قاماشتۇراتتى. 2018 - يىلى 5 - ئايدا «بوغدا كۆلى خاۋلىخۈي» بايراقدار دۇكىنى مەنزىرە رايونىدا ئېچىلغاندىن بۇيان، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى پۇختا قەدەم بىلەن ئاشتى.

ساياھەت كەسپى تەرەققىياتى تېز پويىزىغا چىقىپ، شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشتا يەنە بىر يېڭى يول ئېچىلدى. 2020 - يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت كەسپى تەرەققىياتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى «شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەنزىرە رايونلىرىغا كىرىشىگە تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ساياھەت ھەمراھ سوۋغاتلىرىغا ئايلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەلا سۈپەتلىشىش، خاسلىشىش، سۈپەتلىك ماركىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. پۈتۈن شىنجاڭدىكى 3A دەرىجىلىكتىن يۇقىرى 249 ساياھەت مەنزىرە رايونىدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تىجارەت مەركىزى قۇرۇلدى ھەم شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىدا شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى مەنزىرە رايونلىرىغا كىرگۈزۈش پائالىيىتىدىن 14 مەيدان قېتىم قانات يايدۇرۇلدى، ئىمزالانغان كېلىشىم ئومۇمىي سوممىسى 158 مىليون يۈەنگە يەتتى.

ساياھەتچىلىك ئاۋاتلىشىپ، ھەممە كەسىپ گۈللەندى، شەھەر - يېزىلار گۈزەللىشىپ، پۇقرالار بېيىدى. زور تەرەققىي قىلىۋاتقان، تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ خەلقنى بېيىتىش كەسپىگە خاس سۈپەت دەرىجىسى بارغانسېرى يېتەرلىك بولماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.