شىنخۇا تورى خەۋىرى: 3-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ خۇاڭشەن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2021-يىللىق مەملىكەتلىك يورغىلاپ مېڭىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ھەم دۇڭجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تاللاش مۇسابىقىسى ئاياللار 20 كىلومېتىرغا يورغىلاپ مېڭىش مۇسابىقىسىدە، ئىچكى موڭغۇل كوماندىسى ماھىرى ياڭ جيايۈ، گۇاڭدۇڭ كوماندىسى ماھىرى ليۇ خۇڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىر سائەت 23 مىنۇت 49 سېكۇنت ۋە بىر سائەت 24 مىنۇت 27 سېكۇنت نەتىجە بىلەن چېمپىيونلۇقنى ۋە ئىككىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى ھەمدە ھەر ئىككىيلەن دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى. چىڭخەي كوماندىسى ماھىرى چيېياڭ شىجيې بىر سائەت 24 مىنۇت 45 سېكۇنت نەتىجە بىلەن ئۈچىنچى بولدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ بوخەن فوتوسى
3-ئاينىڭ 20-كۈنى، گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنىڭ ماھىرى ليۇ خۇڭ (ئوڭدىن 1-كىشى) ۋە چىڭخەي كوماندىسىنىڭ ماھىرى چيېياڭ شىجيې(ئوڭدىن 2-كىشى) مۇسابىقىدە.
3-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئىچكى موڭغۇل كوماندىسىنىڭ ماھىرى ياڭ جيايۈ مۇسابىقىدە.