ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما بېي خەۋىرى، فوتوسى): يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى بەلگىلىمە بويىچە، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت تۈرىدىكى 174 تۈرلۈك ئىسپات ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ ئەمەلدىن قالدۇردى.
بۇ قېتىم ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىسپات ماتېرىياللىرى ئاساسلىقى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كەسپىنى بېجىرىش، كەسپىي ئىقتىدار قۇرۇلۇشى، ئەمگەك مۇناسىۋىتى قاتارلىق تەرەپلەرگە چېتىلىدىكەن. بۇ ئاساسلىقى بەش تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن: بىرىنچى، توردا تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىرى؛ ئىككىنچى، تارماقلار ئارا تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىرى؛ ئۈچىنچى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئوخشاش بولمىغان ئاپپاراتلار ئۆزئارا تەمىنلەيدىغان ئىسپات ماتېرىياللىرى، ئىچكى ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۆزگەرتىلىدۇ؛ تۆتىنچى، ئۇقتۇرۇش، ۋەدە بېرىش تۈزۈمى ئارقىلىق ئىسپات چىقىرىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىلىدۇ؛ بەشىنچى، ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن قايتا تەمىنلەش ھاجەتسىز بولغانلىرى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھوقۇق-مەسئۇلىيەت تىزىملىكى، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت تىزىملىكى ۋە مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش تىزىملىكىنى جانلىق تەڭشەپ، ئىسپات ئىشلىرىدا ئۇقتۇرۇش، ۋەدە بېرىش تۈزۈمىنى كېڭەيتىپ، «كىنىشكىنى ئازايتىپ، خەلققە قولايلىق يارىتىش» ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، خەلققە، كارخانىلارغا قولايلىق يارىتىدىكەن.
ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان 174 تۈرلۈك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت تۈرىدىكى بىر قىسىم ئىسپات ماتېرىيالىنىڭ مۇندەرىجىسى