3- ئاينىڭ 17- كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خوشۇت ناھىيەسى سۇخاتۇ يېزىسى سۇخاتۇ كەنتىدە، ياڭيۇ تېرىقچىلىقى ئائىلىلىرى پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ياڭيۇ تېرىماقتا.
تىيانشان تورى خەۋىرى: ئىگىلىنىشىچە، سۇخاتۇ كەنتى بۇ يىل جەمئىي 800 مودىن ئارتۇق يەرگە ياڭيۇ تېرىغان. نۆۋەتتە، شۇ جايدىكى تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى زاكازلىق يېزا ئىگىلىكىنى پائال راۋاجلاندۇردى، ئالدى بىلەن زاكاز ئېلىپ ئاندىن زىرائەت تېرىش ئەندىزىسى تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنى خاتىرجەم قىلدى.
«学习强国» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى