تىيانشان تورى   ›   گۈزەل جۇڭگو   ›   تەبىئەت

«دېڭىز ئاستى ئورمىنى»نى قوغداپ، دېڭىز ئاستىدا مارجان يېتىشتۈرۈش

3-ئاينىڭ 21-كۈنى، پىدائىيلار شېنجېن داپېڭ جىنشاۋەن دېڭىز تەۋەسىدە مارجان يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن سۇغا شۇڭغۇشقا تەييارلانماقتا.

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: 3-ئاينىڭ 21-كۈنى دۇنيا ئورمان كۈنى، شېنجېندىن كەلگەن پىدائىيلار شېنجېن داپېڭ جىنشاۋەن دېڭىز تەۋەسىدە «مارجان يېتىشتۈرۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىن كەلگەن 10 پىدائىي دېڭىزغا چۈشۈپ، ئەخلەتلەرنى تازىلاپ، تولۇق يېتىلمىگەن مارجانلارنى يىغدى ھەم ئالاھىدە بەلگىلەنگەن رايوندا يېتىشتۈرۈشكە مۇقىملاشتۇردى. كەلگۈسىدە، بۇ مارجانلار مۇقىم ئۆسۈپ ھاياتىي كۈچى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، يەنە دېڭىز ئاستىدىكى خادا تاشقا قايتۇرۇلىدۇ، بۇ پائالىيەتنىڭ مەقسىتى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ «دېڭىز ئاستى ئورمىنى» ــــ مارجان خادا تاشلىرىغا دىققەت قىلىپ، ئومۇمنىڭ دېڭىز-ئوكيان ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ئېڭىنى كۈچەيتىشىنى مۇراجىئەت قىلىشتىن ئىبارەت.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ماۋ سىچيەن فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى