شىنخۇا تورى خەۋىرى: قىش ۋە ئەتىيازدىكى سۇ تارتىلىش مەزگىلىدە، سىچۇەن ئۆلكىسى فۇجياڭ دەرياسىنىڭ جياڭيوۋ شەھىرى چىڭليەن بازىرىنىڭ جۇڭخې كەنتى بۆلىكىدە، تەخمىنەن 5000 كىۋادرات مېتىردىن ئارتۇق سايلىق سۇ يۈزىگە چىقتى. سايلىق ئويمان-دۆڭ بولۇپ، ئېگىز-پەس تاغ تىزمىلىرىغا ئوخشىغانلىقتىن، ھەر كۈنى نۇرغۇن ساياھەتچىنى بۇ يەرگە كېلىپ تاماشا قىلىشقا جەلپ قىلدى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بۇ خىل خۇشۆ يەر شەكلى مەنزىرىسى سۇدا ئېقىپ يۈرگەن شېغىللارنىڭ فۇجياڭ دەرياسى قىنىدىكى ئۇل جىنسلارنى ئۇزاق ۋاقىت يالىشى ۋە ئۇپرىتىشىدىن شەكىللىنىدىكەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جياڭ خۇڭجىڭ فوتوسى
3-ئاينىڭ 21-كۈنى، بالىلار سايلىقتا ئوينىماقتا.