3-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى چىداۋان بېكىتىدە، 4201-يول ئاپتوبۇسى قۇرۇق كىرىش شەكلىدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 53-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى توشۇدى. (مۇخبىر لياڭ لې، ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ باۋجۈن فوتوسى)
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتىدە، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاممىۋى قاتناش كارخانىلىرى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇردى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 53-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىن قايتقاندا ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى تىجارەت 4-بۆلۈمى «ئوقۇغۇچىلارنى توشۇش مەخسۇس لىنىيەسى» ئېچىپ، قۇرۇق ئاپتوبۇس كىرىش ئۇسۇلى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى توشۇپ، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋە ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ بىردەك مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى.
3-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 53-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھىغا بىر پارچە لەۋھە تەقدىم قىلىپ، ئۇلارنىڭ «ئوقۇغۇچىلارنى توشۇش مەخسۇس لىنىيەسى»نى ئېچىپ، ئوقۇغۇچىلارغا قولايلىق يارىتىپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى.
ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 53-ئوتتۇرا مەكتەپ چىداۋانغا جايلاشقان بولۇپ، نۇرغۇن ئوقۇغۇچى باداۋان ئەتراپىدا ئولتۇرىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلار ھەر كۈنى 4201-يول ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ مەكتەپكە بېرىپ كېلىدىكەن. 4201-يول ئاپتوبۇسىدا يولۇچىلار ئېقىمى بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا، مەكتەپتىن قايتقاندا بۇ ئاپتوبۇس ئاسانلا توشۇپ كېتىپ، بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار بېكەتتە تۇرۇپ قالىدىغان بولغاچقا، بەلگىلىك بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى مەۋجۇت ئىكەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى تىجارەت 4-بۆلۈمى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، قۇرۇق ئاپتوبۇس كىرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، مەخسۇس ئوقۇغۇچى يولۇچىلار ئېقىمىنى توشۇشنى قارار قىلىپ، مەكتەپ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندىن كېيىن ئاپتوبۇسنىڭ قوزغىلىش ۋاقتى ۋە قېتىم سانىنى بېكىتتى. نۆۋەتتە، بۇ «ئوقۇغۇچىلارنى توشۇش مەخسۇس لىنىيەسى» 53-ئوتتۇرا مەكتەپ ئەتراپىدىكى چىداۋان بېكىتىدىن باداۋانغا قاراپ يولغا چىقىدىغان بولۇپ، ھەر كۈنى سائەت 18:00، 18:30دا ئىككى قېتىم ئاپتوبۇس قاتناپ، يول بويىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆيىگە قايتىشىغا كاپالەتلىك قىلدى ھەمدە ئاپتوموبىل ئىچىدىكى قىستاڭچىلىق ئەھۋالىدىن ئۈنۈملۈك ساقلاندى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى تىجارەت 4-بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى خۇي چۈەنليەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل مەركىزىي شەھەر ئاممىۋى قاتناش راۋان بولۇش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويغان بولۇپ، ئاممىۋى قاتناش كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇلار شەھەر ئاھالىلىرىنى تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك، قولايلىق ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئاممىۋى قاتناش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، بۇ بۆلۈم يولۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، 3201-يول، T005-يولنىڭ نۇرغۇن لىنىيەسىدە «ئوقۇغۇچىلارنى توشۇش مەخسۇس لىنىيەسى» ئېچىپ، ئاپتوبۇس ئاجرىتىپ، قۇرۇق ئاپتوبۇس كىرىش شەكلىدە بەلگىلەنگەن ۋاقىت ۋە بەلگىلەنگەن جايدا ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپكە ئاپىرىپ-ئەكىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ بىردەك قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن. نۆۋەتتە، ئۇلار پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بىلەن خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەنسىرەۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» ئاممىۋى قاتناش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىدىكەن. (مۇخبىر لياڭ لې، ئىختىيارىي مۇخبىر فېڭ شىنيى، ما چيەن)