تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تېز بولدى

  ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ): مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى-يېزا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە: نۆۋەتتە، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا كۈزگى بۇغداي قايتا كۆكلەش مەزگىلىگە كىرگەن بولۇپ، 1-، 2-تۈردىكى مايسىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %80 تىن ئاشقان، يازغى بۇغداي تېرىش خىزمىتى ئارقا-ئارقىدىن قوزغىتىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا ياخشى باشلىنىش بولغان، ئومۇمىي سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تېز بولغان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئالدىن پىلانلىغان، مەھەللىۋى ئوغۇت، ئۇرۇق، سولياۋ يوپۇق قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنىڭ زاپىسى يېتەرلىك بولۇپ، ھەر تۈردىكى ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا كېرەكلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنا-سايمانلىرى تەييارلاپ قويۇلغان. ھەر قايسى جايلار كۈزگى بۇغداينى ئەتىيازلىق پەرۋىش قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بەش ۋىلايەت، ئوبلاستتا جەمئىي 7 مىليون 700 مىڭ مودىن ئارتۇق يەرگە باش ئوغۇت بېرىلگەن، 3 مىليون 600 مىڭ مودىن ئارتۇق يەر كۆكلەم سۈيى بىلەن سۇغىرىلغان، كۈزگى بۇغداي قىشتىن نورمال ئۆتۈپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرىلىگەن.

شۇ جاينىڭ خاس تېرىقچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، كۇچا شەھىرى ئاقئۆستەڭ يېزىسىدا مايسا يېتىشتۈرۈش بازىسى قۇرۇلدى ھەمدە بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، ھازىر شوخلا، پىگمېنتلىق لازا، تاۋۇز، قوغۇن، قىزىلگۈل قاتارلىق قوغۇن-تاۋۇز، كۆكتات مايسىسى ۋە گۈل-گىياھدىن جەمئىي 1 مىليون 800 مىڭ تۈپتىن ئارتۇق يېتىشتۈرۈلدى. 3-ئاينىڭ 11-كۈنى، خىزمەتچىلەر لازا مايسىلىرىنى پەرۋىش قىلماقتا.

(ئىختىيارىي مۇخبىر يۈەن خۈەنخۈەن فوتوسى)

  بۇ يىل، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئەسلىھەلىك كۆكتات كەسپى تەرەققىياتىدا يېڭى بۆسۈش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى كۆرۈنەرلىك كېڭەيتىلدى. جەنۇبىي شىنجاڭدا ئەسلىھەلىك كۆكتات كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتى قوزغىتىلغاندىن بۇيان، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بەش ۋىلايەت، ئوبلاستتا جەمئىي 69 مىڭ پارنىك تەرەققىي قىلدۇرۇلدى، 5124 پارنىك رېمونت قىلىنىپ ئۆزگەرتىلدى، قىشلىق كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. بۇلتۇر قىش، بۇ يىل ئەتىيازدا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بەش ۋىلايەت، ئوبلاستتا 533 مىڭ توننا قىشلىق كۆكتات زاپاس ساقلاندى، پارنىكتا كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش ئالدىنقى يىلدىكىدىن %14.2 ئېشىپ، يەرلىكنىڭ پەسىلسىز كۆكتات بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بەش ۋىلايەت، ئوبلاستنىڭ مايسا كۆپەيتىش-يېتىشتۈرۈش سىستېمىسى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، جەمئىي 30 مايسا يېتىشتۈرۈش مەركىزى قۇرۇلۇپ، ئەتىيازدا 1 مىليارد 769 مىليون تۈپ ئەسلىھەلىك كۆكتات مايسىسى كۆپەيتىپ يېتىشتۈرۈلدى، بۇ، شوخلا، لازا، چەيزە قاتارلىقلارغا چېتىلىدىغان بولۇپ، مايسا يېتىشتۈرۈش ئىقتىدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.6 ئاشتى.

3-ئاينىڭ 11-كۈنى، كۇچا شەھىرى ئاقئۆستەڭ يېزىسىنىڭ مايسا يېتىشتۈرۈش بازىسىدا، خىزمەتچى گۈل-گىياھلارنى پەرۋىش قىلماقتا.

(ئىختىيارىي مۇخبىر يۈەن خۈەنخۈەن فوتوسى)

  يەنە ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلىدە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار يەرلەر تارقاق بولۇشى قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، يېتەكلەش ۋە تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق، كۆپ تەرەپنىڭ بايلىقىنى توپلاپ، دېھقان ئائىلىلىرىنى يېتەكلەپ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز-ئېرىق قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىك باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنى ئىشلەشنى خالايدىغان قىلىپ، ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرگەن. ھەر قايسى جايلار يەنە ئەتىيازلىق قۇرغاقچىلىق، ئۈششۈك ئاپىتى كۆپ يۈز بېرىش ئەھۋالىغا قارىتا، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنى ئازايتىش تەدبىرلىرىنى ئالدىن ياخشى ئىشلەپ، ئاپەتتىن كېيىنكى قۇتقۇزۇشنى ئاپەتتىن بۇرۇنقى ئالدىنى ئېلىشقا ئۆزگەرتىپ، ئاپەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان زىياننى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى