تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

جىڭ ناھىيەسى: ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يولىنى كېڭەيتتى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (جىڭ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن چىن يىڭ، چېن يۇڭلياڭ خەۋەر قىلىدۇ): «مۇئەللىم ئاممىباب، چۈشىنىشلىك سۆزلىدى، يەنە ئەمەلىي مەشىقتە ئۈلگە كۆرسىتىپ بەردى، مەن تىرىشىپ ماھارىتىمنى ئۆستۈرۈپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۈچۈن ياخشى ئاساس سالىمەن.» دېدى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى، كۇرۇسقا قاتناشقان جىڭ ناھىيەسى جىڭ بازىرىنىڭ ئاھالىسى جىن لېي جىڭ ناھىيەسىنىڭ ئېلېكتىر تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىدا.

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، جىڭ ناھىيەسى يېزا-بازار (مەيدان)، كەنت (مەھەللە)لەردە ياشانغانلارنى كۈتۈش، پەرۋىش قىلىش، توكچىلىق قاتارلىق ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئاچتى. تەربىيەلەشتە، كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىي مەشىقنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، سەۋرچانلىق، ئىنچىكىلىك بىلەن كۇرسانتلارغا مۇناسىۋەتلىك ماھارەت بىلىملىرىنى چۈشەندۈردى، كۇرسانتلار ئەستايىدىل ئاڭلاپ، تەپسىلىي خاتىرىلەپ، كۆڭۈل قويۇپ ئۆگەندى، يەنە ئارىلاپ-ئارىلاپ مۇئەللىمدىن ئالاقىدار مەسىلىلەرنى سوراپ ئۆگەندى.

  «ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن، بىز تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىشتىن بۇرۇن، زىيارەت قىلىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ ئىشچى قوبۇل قىلىش ئېھتىياجىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، كۇرسانتلارنىڭ تەربىيەلىنىشنى تاماملىغاندىن كېيىن ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق.» دېدى جىڭ ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى سۈي جيەنلىڭ.

  ئىگىلىنىشىچە، 2020-يىلى 12-ئايدىن بۇيان، جىڭ ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، ھەرقايسى يېزا-بازار (مەيدان)لاردا ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىدىن 35 قارار ئورۇنلاشتۇرغان، بوۋاقلارنى بېقىش خادىمى، ياشانغانلارنى كۈتۈش پەرۋىشچىسى، توكچى، ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش ئۇستىسى قاتارلىق 12 ئىش تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، تەربىيەلەشكە قاتناشقان ئامما 1300 ئادەم قېتىمدىن ئاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى