تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونىدىكى ئۈچ تارماق بىرلىكتە «قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تاماكا چېكىشىنى چەكلەش»نى ئىلگىرى سۈردى

   ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ چېن، ئىختىيارىي مۇخبىر يې تىڭ): بۇلتۇر 12-ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تاماكا چېكىشىنى چەكلەش مەسىلىسىگە قارىتا، مەمۇرىي ئورۇنلارغا تەپتىش قىلىش تەكلىپى بەردى. ئارىدىن ئۈچ ئاي ئۆتتى، بۇ مەسىلىنى تۈزىتىش ئەھۋالى قانداق بولدى؟ يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى بۇنىڭغا قارىتا «قايتا قاراپ چىقىش» ئېلىپ باردى ھەمدە ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن بىرلىشىپ قانۇن ئىجرا قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تاماكا چېكىشىنى چەكلەيدىغان «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» بولدى.

   بۇلتۇر 12-ئايدا، مىدۇڭ رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش ئاممىۋى پاراۋانلىق دەۋاسى مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تەۋەلىكىدىكى تاماكا پارچە سېتىش تىجارەت سورۇنلىرىنى تەكشۈرۈپ، بىر قىسىم تاماكا پارچە سېتىش تىجارەت سورۇنلىرىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە تاماكا سېتىش چەكلىنىدىغانلىق ھەققىدىكى ئېنىق بەلگىنى ئورناتمىغانلىقىنى بايقىدى. ئارقىدىن، مىدۇڭ رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك تاماكا مەخسۇس سېتىش تىجارىتى ئىدارىسى شەھەر رايونى 5-ئىدارىسىگە تەپتىش قىلىش تەكلىپى بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئالاقىدار سورۇنلارنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، تەۋەلىكىدىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تاماكا چېكىشىنى چەكلەشكە بولغان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلدى.

   ئۈرۈمچى شەھەرلىك تاماكا مەخسۇس سېتىش تىجارىتى ئىدارىسى شەھەر رايونى 5-ئىدارىسى تەپتىش قىلىش تەكلىپىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، دەرھال تۈزىتىش لايىھەسى تۈزۈپ، مەكتەپ ئەتراپىدىكى تىجارەت دۇكانلىرىغا قارىتا مەخسۇس تۈزەش، ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

   3-ئاينىڭ 11-كۈنى، مىدۇڭ رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تاماكا مەخسۇس سېتىش ئىدارىسى شەھەر رايونى 5-ئىدارىسى بىلەن بىرلەشمە خىزمەت يىغىنى ئېچىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئېلېكتىرونلۇق تاماكا زىيىنىدىن يىراق تۇرۇشىنى قانداق قوغداش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

   ئارقىدىن، ئۈچ تارماقنىڭ خىزمەتچىلىرى بىرلىكتە تەۋەلىكىدىكى ئېلېكتىرونلۇق تاماكا سېتىش نۇقتىلىرىنى تەكشۈرۈپ، تىجارەتچىلەرگە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى»دىكى «قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئېلېكتىرونلۇق تاماكا سېتىشنى چەكلەش»كە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى چۈشەندۈرۈپ، تىجارەتچىلەرنى قانۇن بويىچە تىجارەت قىلىشقا يېتەكلىدى.

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلېكتىرونلۇق تاماكا ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى روھسىزلاندۇرۇپ، يەنە ئۇلارنىڭ بەدەن سىستېمىسىغىمۇ تەسىر يەتكۈزدى، بولۇپمۇ نەپەس سىستېمىسى ۋە يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسىغا ئېغىر خەۋپ ئېلىپ كەلدى. يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى»غا «قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تاماكا چېكىشىنى چەكلەش» تۇنجى قېتىم كىرگۈزۈلدى ھەمدە ئېلېكتىرونلۇق تاماكا ئۆز ئىچىگە ئېلىندى، بۇ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى قوغداشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى