تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يالغان - ياۋىداق سۆز ۋە زەھەر مۇقەررەر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ

قومۇل شەھەرلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ئالىم مامۇت

يېقىندا، پومپېئو، جېڭ گوئېن شىنجاڭغا ئالاقىدار بىمەنە سەپسەتىلەرنى ئېلان قىلىپ، پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، تۇتۇرۇقسىز گەپ قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە ئاساسسىز ھۇجۇم قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىنتايىن ياخشى ۋەزىيىتى ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا قەستەن قارا چاپلىدى، بۇ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق، مەن بۇنىڭغا كۈچلۈك غەزەپلىنىمەن ۋە قەتئىي قارشى تۇرىمەن!

پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان ياخشى سىياسىتىنىڭ پايدىسىدىن، مېنىڭ مۇقىم خىزمىتىم بار بولدى، ئائىلە قۇرۇپ، بەختلىك تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولۇۋاتىمەن. خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، مەن يەنە بەختكە يارىشا خىزمەت قىلغاچ ئوقۇپ، دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتىم.

مەن داۋالىنىش كاپالىتى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، پارتىيەنىڭ ھەر مىللەت ئاممىغا بولغان كۆيۈنۈشى، غەمخورلۇقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم. قومۇل شەھىرىنى ئېلىپ ئېيتساق، داۋالىنىش كاپالىتى جەھەتتە، ھەر مىللەت ئاممىغا قارىتا ئومۇمىي خەلقنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش پىلانىنى يولغا قويۇش، داۋالىنىش كاپالىتى تەمىنات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، جۇڭيى تېبابىتىنىڭ داۋالاش ئۈستۈنلۈكى بار كېسەل تۈرلىرى بويىچە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەق تۆلەش شەكلى ئىسلاھاتىنى قانات يايدۇرۇش ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىنىدىغان دورىلار، تېببىي خورىما ماتېرىياللار ھەم تەكشۈرۈش تەجرىبە دورىلىرى ھەققىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەر ئارقىلىق، داۋالىنىش كاپالىتى تورىنى تېخىمۇ زىچ، تېخىمۇ پۇختا توقۇدۇق. ھازىر، شىنجاڭدا ھەممىلا جايدا ئۇچراتقىلى بولىدىغان كەنت داۋالاش ئۆيى، مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى، يېزا - بازارلىق دوختۇرخانا ھەمدە ھەرقايسى دوختۇرخانىلار ھەر مىللەت ئاممىنى ئىشىكى ئالدىدىلا ئەلا سۈپەتلىك داۋالىنىش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىپ، ساغلاملىق سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى، تۈرلۈك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى ھەر مىللەت ئاممىغا ئۈزلۈكسىز تۈردە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسى ئېلىپ كەلدى.

بۇ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ مۇنبەت تۇپراقتا ياشاۋاتقان بىز ھەممەيلەنگە ئايان. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقى باشقا ھەر مىللەت ئاممىغا ئوخشاش ئادىل، تولۇق قوغدالدى، پومپېئو، جېڭ گوئېن تارقاتقان يالغان - ياۋىداق سۆز ۋە زەھەر مۇقەررەر ئۆزى بىلەن بىللە تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.