تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلاش كېرەك

ۋاڭ ياڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلاش كېرەك

يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ۋاڭ ياڭ ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى بەيگە مەيدانى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ قىزىلبايراق مەھەللىسىدە ئۇيغۇر مىللىتى ئائىلىسىنى زىيارەت قىلىپ يوقلىماقتا. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى راۋ ئەيمىن فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان (مۇخبىر چېن فېي) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يېقىندا شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ ئىگىلەپ، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىشلىتىپ، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن روھىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى ۋەزىيىتىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆلچەمگە توغرىلىنىش، قانۇن - نىزامغا توغرىلىنىش بىلەن مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇشنى بىرلەشتۈرۈشتە، نىشان يۆنىلىشى بىلەن مەسىلە يۆنىلىشىنىڭ بىرلىكىدە، ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش بىلەن مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈشنى ماسلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پۇختا قەدەم بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى يوۋ چۈەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا ھەمراھ بولدى.

3 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن 17 - كۈنىگىچە، ۋاڭ ياڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ، تۆت گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، ئۈرۈمچى، قەشقەر، تۇرپان، قومۇل، قىزىلسۇ، سانجى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، يېزا، مەھەللە، مەكتەپ، كارخانا، پارتىيە - ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، دىنىي سورۇن قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، مۇتەخەسسىس - ئالىملار، ھەر مىللەت ئامما ۋە دىن ساھەسىدىكى زاتلار بىلەن «بىرمۇبىر» سۆھبەتلەشتى ھەم سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى. ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، نۇرغۇن جاپالىق، ئىنچىكە خىزمەتلەرنى ئىشلىدى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك مۇستەھكەملىدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى ۋە ئاساسىي قاتلام خىزمىتى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، شىنجاڭدا جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى مۇقىم بولغان، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلگەن، ھەسسىلەپ قەدىرلەش كېرەك.

ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك ئۇل خاراكتېرلىك خىزمەتلەرگە كۈچ سەرپ قىلىش، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشقا، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشكە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، تەدبىرلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئۇزاققىچە سىجىل مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخ تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىپ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساس قىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، دىنىي پەن ئىدىيە قۇرۇلۇشىنى ئاچقۇچ قىلىپ، دىن ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىشنى تىرەك قىلىپ، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنى كاپالەت قىلىپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىكى ئورنىنى توغرا تېپىپ، تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى قوزغىتىپ، قەتئىي تۈردە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىش كېرەك. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، خەلق تۇرمۇشى مەنپەئىتىنى كۆپرەك كۆزلەپ، خەلق تۇرمۇشى غېمىنى كۆپرەك ھەل قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئورتاق بېيىش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات» ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ۋە جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ۋاڭ زوئەن، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، مەركەز شىنجاڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى شى جۈن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا ھەمراھ بولدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ قاتارلىقلار ئالاقىدار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيەتلىرى ياكى سۆھبەت يىغىنلىرىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.