تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

توردىكى كەنت ئىشلىرى سۇپىسىنى كېڭەيتىپ، رەقەملىك يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇش

3-ئاينىڭ 18-كۈنى، خېچياۋ بازىرىدىكى پارتىيەلىك پىدائىي خېچياۋدىكى كونا كوچىدا كەنت ئاھالىسىگە «بىر كەنت، بىر كود» ۋېيشىن كىچىك پىروگراممىسىنى تونۇشتۇرماقتا.

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىندا، جېجياڭ ئۆلكىسى خاڭجوۋ شەھىرى لىنئەن رايونى خېچياۋ بازىرى پارتىيەلىك پىدائىيلارنى كەنتلەرگە كىرىپ، «بىر كەنت، بىر كود» ۋېيشىن كىچىك پىروگراممىسىنى كېڭەيتىشكە تەشكىللىدى. توردىكى كەنت ئىشلىرى سۇپىسى «بىر كەنت، بىر كود» ۋېيشىن كىچىك پىروگراممىسى لىنئەن رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ چوڭ سانلىق مەلۇماتتىن پايدىلىنىپ، پاك يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىنى ئەقلىي جەھەتتىن ئىدارە قىلىش ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىشتىكى يېڭى ئۇسۇلى بولۇپ، ئامما كەنت دەرىجىلىك مالىيە ئىشلىرى، كەنت دەرىجىلىك قۇرۇلۇش، تەمىنات تارقىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك كەنت دەرىجىلىك ئىشلارنى كودنى سىكاننېرلاش ئارقىلىق چۈشىنىپ ۋە نازارەت قىلىپلا قالماستىن، يەنە «ئەلرايىنى بىۋاسىتە يەتكۈزۈش» بۆلىكى ئارقىلىق ئەھۋال ئىنكاس قىلىپ، كەنت دەرىجىلىك ئىشلاردا ئاشكارا بولۇش، ئامما ئەھۋاللارنى ئىنكاس قىلالايدىغان بولۇش، كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا باھا بېرىشنى يەنىمۇ ئىشقا ئاشۇرۇپ، پاك يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشالايدۇ.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شۈ يۈ فوتوسى

3-ئاينىڭ 18-كۈنى، خېچياۋ بازىرىدىكى پارتىيەلىك پىدائىي خېچياۋ كونا كوچىسىدا كەنت ئاھالىسىگە «بىر كەنت، بىر كود» ۋېيشىن كىچىك پىروگراممىسىنى تونۇشتۇرماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى