ھازىر باش باھار ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ھاۋارايى ئۆزگىرىشچان بولدى. شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 5-دوختۇرخانا بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى چېن چۈنخۇا مۇنداق ئەسكەرتتى، قىش بىلەن ئەتىياز ئالمىشىدىغان مەزگىلدە، ئاتا-ئانىلار بالىلاردىكى نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
پەسىل ئالماشقاندا، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ئاسانلا تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، بولۇپمۇ بالىلارنىڭ نەپەس سىستېمىسى تېخى يېتىلمىگەن بولغاچقا، قارشىلىق كۈچى بىر قەدەر ئاجىز بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ بولغاچقا، پەرۋىش مۇۋاپىق بولمىسا ئاسانلا سوغۇق ئۆتۈپ قالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىر قاتار نەپەس يولى كېسەللىكلىرى كېلىپ چىقىدۇ.
«ئادەتتىكى ئەھۋالدا، بالىلارنىڭ يۇقىرى نەپەس يولىنىڭ يۇقۇملىنىش ئەھۋالى بىر قەدەر يېنىك بولغاندا، ئادەتتە پەقەت بۇرۇن قىسمىدىلا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلىدۇ، بۇرنىدىن سۇ ئېقىش، بۇرۇن پۈتۈپ قېلىش قاتارلىقلاردا ئىپادىلىنىدۇ، بىر نەچچە كۈن ئىچىدىلا ئۆزلۈكىدىن ساقىيىپ كېتىدۇ. كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر بولغاندا، بەزىدە بالىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى ℃39تىن ℃40قىچە بولىدۇ، باش ئاغرىش، پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش ئالامەتلىرى تەڭ كۆرۈلىدۇ. بۇ چاغدا ئاتا-ئانىلار بالىلارنى ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرسىتىشى كېرەك» دېدى چېن چۈنخۇا.
«بالىلاردىكى نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك» چېن چۈنخۇانىڭ ئېيتىشىچە، ئۆي ئىچى ھاۋاسىنىڭ ساپلىقىنى ساقلاش، دېرىزىنى پات-پات ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەككەن. بۇلغانغان ھاۋا نەپەس يولى شىللىق پەردىسىگە قان تولۇش، سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولۇش، ئاجراتما نورمالسىزلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن ياكى يۆتەلنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىكەن.
تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىپ، بالىلارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىش ياكى ئازايتىش كېرەك. نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار كۆپ ھاللاردا پەسىل، ئۆي ئىچى-سىرتىنى ئايرىماي، بالىنى بەك قېلىن كېيىندۈرىدۇ. نەتىجىدە بالىنىڭ ئورگانىزمىنىڭ تەڭشەش ئىقتىدارى ناچارلاپ، قارشىلىق كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بالىلار ئىمكانقەدەر ئادەملەر زىچ توپلاشقان سورۇنلارغا ئاز بېرىشى كېرەك، مەسىلەن، يېزا ئىگىلىكى مەھسۇلاتلىرى بازىرى، تاللا بازىرى، زال ئىچى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى قاتارلىقلار؛ چېنىقىشنى كۈچەيتىپ، دالا پائالىيىتىنى كۆپەيتىشى، بەدەن ساپاسىنى ئاشۇرۇپ، مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىشى، كۆپرەك سۇ ئىچىشى، يېتەرلىك ۋىتامىن قوبۇل قىلىپ، تەركىبىدە ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل ۋە مىكرو ئېلېمېنتلار مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىشى كېرەك.