تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«شىنجاڭ سوۋغىسى» مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتى قۇرۇلۇپ، سۈپەتلىك ماركا قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى سەھىپىسى باشلاندى

  شىنخۇا تورى، ئۈرۈمچى، 3-ئاينىڭ 16-كۈنى تېلېگراممىسى (شېڭ يۈەن): 3-ئاينىڭ 16-كۈنى، «شىنجاڭ سوۋغىسى» سۈپەتلىك ماركا مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتى قۇرۇلدى. قۇرۇلۇش مۇراسىمى شىنجاڭ ۋە بېيجىڭ ئىككى جايدا بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلدى، «تور + تور سىرتى» سىن يىغىنى ئارقىلىق، ئىككى جايدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ مۇھاكىمە قىلىش قانات يايدۇرۇلدى.

شىنجاڭ يىغىن مەيدانىدىكى ئەزىز مېھمانلار خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. (شىنخۇا تورى تارقاتتى)

  قۇرۇلۇش مۇراسىمىدا، «شىنجاڭ سوۋغىسى» سۈپەتلىك ماركا مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكى رەسمىي ئېلان قىلىندى. دۆلەت يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى تەتقىقات جەمئىيىتى، جۇڭگو سۈپەت تۈمەن چاقىرىملىق سەپىرى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى، سۈپەتلىك ماركا جۇڭگو ئىستراتېگىيە پىلانلاش يۇرتى قاتارلىق ئاپپاراتلاردىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر كەسپ، مۇتەخەسسىسلەر كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەھسۇلاتنى ئېتىراپ قىلىش، سۈپەتنى ئىگىلەش، ئۆلچەم بېكىتىش قاتارلىق تەرەپلەردىن كۈچ چىقىرىپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت تاۋارلىرىغا بىر يۈرۈش ئىلمىي، ئۈنۈملۈك مەھسۇلات سۈپەت مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى مۇنەۋۋەر، سۈپەتلىك ماركا قىلىشقا ئىلتىماس قىلىشنى قوللاپ، يېشىل، ئورگانىك، جۇغراپىيەلىك بەلگە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېتىراپ قىلىپ، سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارغا سۈپەت بەلگىسى چاپلاپ، تېخىمۇ كۆپ يول ئارقىلىق سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنى سېتىشقا كۈچ قوشۇپ، «شىنجاڭ سوۋغىسى» رايون ئاممىۋى سۈپەتلىك ماركا قۇرۇلۇشىغا ئورتاق كۈچ قوشىدۇ.

بېيجىڭ يىغىن مەيدانىدىكى ئەزىز مېھمانلار خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. (شىنخۇا تورى تارقاتتى)

  شىنجاڭ بىلەن بېيجىڭ يىغىن مەيدانى قۇرۇلۇش مەيدانىدا قىزغىن «بۇلۇت پىكىر ئالماشتۇرۇش» ئېلىپ بېرىلدى، ئالى بۇلۇتى، جىڭدۇڭ، بېيجىڭ سوۋغىسى، جۇڭگو پوچتىسى قاتارلىق كارخانىلاردىن كەلگەن ۋەكىللەر «شىنجاڭنىڭ ساياھەت تاۋارلىرى ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا كۈچ قوشۇش» توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ مۇھاكىمە ئېلىپ باردى. ۋەكىللەر مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شىنجاڭنىڭ ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى سىرتقا چىقىرىشقا كۈچ قوشۇپ، توردا، تور سىرتىدا سېتىش يوللىرىنى ئاكتىپ بەرپا قىلىش، بازارنى يېتەكچى، كارخانىغا مۇلازىمەت قىلىشنى ئاساس، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، سېتىشنى كېڭەيتىشنى نىشان قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنى قېزىپ، سۈپەتلىك ماركا ئوبرازىنى ئۆستۈرۈپ، سېتىش يوللىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ساياھەت تاۋارلىرى كارخانىلىرىغا ھەقىقىي، ئۈنۈملۈك كۈچ قوشتى. نۆۋەتتە، «شىنجاڭ سوۋغىسى» سۈپەتلىك ماركىسى ئالى بۇلۇتى، تاراتقۇلار مال سېتىۋېلىش سۇپىسى، جىڭدۇڭ، تاۋباۋ، تيەنماۋ، كۇەيشوۋ، دوۋيىن قاتارلىق تەرەپلەر بىلەن ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورناتتى، ھەمكارلىق دائىرىسى زەنجىرسىمان سودا ساراي، تاللا بازىرى، تېلېۋىزوردا مال سېتىۋېلىش، مەھەللە كوللېكتىپ سېتىۋېلىش، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق بويىچە سېتىۋېلىش قاتارلىقلارنى قاپلىغان بولۇپ، شىنجاڭ ساياھەت تاۋارلىرى توپىغا تايىنىش، «شىنجاڭ سوۋغىسى» ئېلېكترونلۇق سودا سۇپىسى بازىسى ۋە مال تونۇشتۇرۇش سۇپىسى بازىسى بەرپا قىلدى.

مۇراسىم نەق مەيدانى.

  «شىنجاڭ سوۋغىسى» شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كۈچەپ بەرپا قىلىۋاتقان ساياھەت تاۋار داڭلىق سۈپەتلىك ماركىسى. «شىنجاڭ سوۋغىسى» سۈپەتلىك ماركىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، بۇلتۇر 12-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى شىنجاڭ ساياھەت سېلىنما گۇرۇھ چەكلىك شىركىتىگە «شىنجاڭ سوۋغىسى»نىڭ تىجارەت سۇبيېكتى ھوقۇقى بېرىپ، «شىنجاڭ سوۋغىسى» سۈپەتلىك ماركا قۇرۇلۇشى ۋە تىجارەت باشقۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. خىزمەت پىلانى بويىچە، شىنجاڭ ساياھەت سېلىنما گۇرۇھى بەش يىل ۋاقىتتا سۈپەتلىك ماركا قايتا يارىتىش، مەھسۇلاتنى ئېتىراپ قىلىش، يوللارنى باشقۇرۇش قاتارلىق ئۈچ يۆنىلىشنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى؛ سۈپەتلىك ماركا قۇرۇلۇشى جەھەتتە، سۈپەتلىك ماركا ئوبرازىنى قايتا يارىتىش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، مۇۋاپىق بولغان «شىنجاڭ سوۋغىسى»نىڭ بازاردىكى ئورنىنى، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى بېكىتىش، سۈپەتلىك ماركىنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بىرقاتار تەشۋىق قىلىش، كېڭەيتىش پائالىيەتلىرىنى تەدرىجىي قانات يايدۇردى؛ مەھسۇلاتنى ئېتىراپ قىلىش جەھەتتە، مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىنى تۇتقا قىلىپ، بىر يۈرۈش مەھسۇلات سۈپەت مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، نۇقتىلىق تاۋار تۈرلىرى، ئاساسلىق مەھسۇلاتلارنى دەرىجىگە ئايرىپ ئېتىراپ قىلىش خىزمىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇردى؛ يول بەرپا قىلىش جەھەتتە، تور، تور سىرتى، رايون ئىچى-سىرتىدا تىجارەت قىلىش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، تور، تور سىرتىدا سېتىشتىكى تولۇق راۋان ئەشيا ئوبوروتىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

مۇراسىم نەق مەيدانى.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى