تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىغا قاتنايدىغان نۇرغۇن ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى ئېچىپ يازلىق ئاۋىياتسىيە پەسلىنى كۈتۈۋالىدۇ

   شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما يىنىڭ): 3-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ، خەلق ئاۋىياتسىيەسى 2021-يىللىق يازلىق ئاۋىياتسىيە پەسلىگە كىرىدۇ، شىنجاڭ شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىغا قاتنايدىغان نۇرغۇن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئېچىپ يولۇچىلارنى كۈتۈۋالىدۇ.

   جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ ئىچىدىكى تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇملىرىدىن ئىچكىرى رايونلارغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورىنى پائال كېڭەيتتى. 3-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى كېرىيە-ئۈرۈمچى-بېيجىڭ داشىڭ بېرىش-كېلىش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى يېڭىدىن ئاچىدۇ، بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى كېرىيە ۋەنفاڭ ئايرودۇرۇمىدا قاتناش باشلانغاندىن بۇيان تەسىس قىلىنغان بېيجىڭ داشىڭغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان تۇنجى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى، شۇنداقلا جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ كورلا، غۇلجا، قەشقەردىن كېيىنكى شىنجاڭ ئىچىدىكى 4-تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇمىدىن بېيجىڭ داشىڭغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ھېسابلىنىدۇ.

   بۇ قېتىم يېڭىدىن ئېچىلغان كېرىيە-ئۈرۈمچى-بېيجىڭ داشىڭغا بېرىپ كېلىش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە كۈنىگە بىر نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنايدۇ. كېرىيەدىكى يولۇچىلار بىۋاسىتە بېيجىڭغا بېرىپلا قالماي، يەنە ئۈرۈمچى ئارقىلىق گۇاڭجوۋ، ۋۇخەن قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، كېرىيە ۋە ئەتراپتىكى رايونلاردىكى يولۇچىلارنىڭ شىنجاڭ ئىچى ۋە ئىچكىرى رايونلاردىكى چوڭ شەھەرلەرگە بېرىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ. بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى تۇنجى ئۈرۈمچى-كېرىيە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچقاندىن كېيىن، كېرىيەدە ئېچىلغان ئىككىنچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلغاندىن كېيىن، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدىن يولغا چىقىپ، شىنجاڭ سىرتىغا ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئالتىگە يېتىدۇ، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ خوتەندىن يولغا چىقىدىغان كۈندىلىك نۆۋەتچى ئايروپىلانى 10دىن 12گىچە بولۇپ، ئىچكىرى رايونلارغا بىۋاسىتە قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە نۇقتىسى يەتتىگە يېتىدۇ، بۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا شىئەن، جېڭجوۋ، بېيجىڭ، چېڭدۇ، تيەنجىن، لەنجوۋ، گۇاڭجوۋ قاتارلىق نۇقتىلىق ئالمىشىدىغان شەھەرلەر ۋە قىزىق نۇقتىلىق ھۆكۈمەت ئىشلىرى، ساياھەت شەھەرلىرىدىن ئىبارەت.

   شۇنىڭ بىلەن بىللە، 3-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى غۇلجا-جېڭجوۋ بېرىپ-كېلىش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى، غۇلجا-كورلا-بېيجىڭ داشىڭ بېرىش-كېلىش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى يېڭىدىن ئاچىدۇ؛ غۇلجا-ئۈرۈمچى-شاڭخەي خۇڭچياۋغا قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، ئۈرۈمچى-غۇلجا ئارا قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى كۆپەيتىلىدۇ.

   جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە پاي چەكلىك شىركىتى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى تۇمشۇق-ئاقسۇ-بېيجىڭ پايتەختكە بېرىش-كېلىش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچىدۇ. بۇ جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ شىنجاڭدا ئاچقان 11-قاتناش نۇقتىسى، شۇنداقلا تۇمشۇقتا ئاچقان تۇنجى بېيجىڭغا بارىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى. بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشى بىڭتۇەن 3-شىسى بىلەن بېيجىڭنىڭ ئارىلىقىنى زور دەرىجىدە قىسقارتتى. تۇمشۇقتىكى يولۇچىلار ئىلگىرى بېيجىڭغا بارماقچى بولسا، ئۈرۈمچىدىن ئالمىشىشقا توغرا كېلەتتى، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 24 سائەت كېتەتتى. بۈگۈنكى كۈندە، ئالتە سائەتتىلا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ.

   ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئۈرۈمچى، جېڭجوۋ، ۋېنجوۋ، چېڭدۇ، نەنجىڭ، خاڭجوۋ، شېنياڭ قاتارلىق شەھەرلەرنى چۆرىدەپ، غەربىي شىمال، غەربىي جەنۇب، ئوتتۇرا جۇڭگو، شەرقىي جۇڭگو، شەرقىي شىمال رايون ئاۋىياتسىيە بازىرىنى نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، تىرانسپورت كۈچىنى ئاشۇرۇش، لىنىيەنى سەرخىللاشتۇرۇش، ئاۋىياتسىيە نۇقتىلىرىنى ئېچىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورى قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى. 2021-يىللىق يازلىق ئاۋىياتسىيە پەسلىدە، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى دۆلەت ئىچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن 20دىن ئارتۇقنى ئىجرا قىلىشنى پىلانلاپ، يېڭىدىن سەككىز ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىنى مول تاللاش بىلەن تەمىنلىدى.  

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى