تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش «ئەلچى»سىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ھاياتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ جىڭ خەۋەر قىلىدۇ): «كېلىڭ، بۇ خىزمەتنى كۆرۈپ بېقىڭ، بىر يىلدا 100 مو قوناقلىقنى ھۆددىگە ئالسىڭىز، ھەر موسىغا 220 يۈەندىن ئەمگەك ھەققى بېرىلىدۇ، بىر يىلدا سەككىز ئاي ئىشلەپلا، 22 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايسىز، يەنە قىش پەسلىدىكى كېۋەز تېرىشقىمۇ دەخلى يەتمەيدۇ». 3-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش «ئەلچى»سى بىلالجان يارمەمەت ئىش ئورنى جەدۋىلىنى بىرمۇبىر ئاختۇرۇپ كۆرۈۋاتاتتى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باي ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى سۇپا قۇرۇپ، بىر تۈركۈم ئاساسىي قاتلام ئەمگەك-مۇلازىمەت ۋاسىتىچىلىرىنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمگەك-مۇلازىمەت ۋاسىتىچىلىرىنىڭ «باشلامچىلىق» ئېففېكتىنى جارى قىلدۇرۇپ، «كارخانىلارنىڭ ئىشچى قوبۇل قىلىشى قىيىن بولۇش، ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولۇش»تەك قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىشچى ئىشلىتىشتىكى زىددىيەتنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى «يۆتكەپ چىقىرالماسلىق، مۇقىم تۇرغۇزالماسلىق، ياخشى قىلالماسلىق» مەسىلىلىرىنى پەسەيتتى، بىلالجان يارمەمەت باي ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئاساسىي قاتلامغا ئورۇنلاشتۇرغان بىر ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش «ئەلچى»سى ھېسابلىنىدۇ.

  بىلالجان يارمەمەت يىل بويى باي ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى يېزا، بازار، كەنتلىرىگە بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئېھتىياجى بار كىشىلەرنى ئىزدەپ، ئادەم ئىشلىتىشكە ئېھتىياجلىق ئورۇنلارنى تاپتى، يەنە ۋاسىتىچى بولدى.

  «ئەلچى»نىڭ ۋاسىتىچى بولۇشى ئاسان ئەمەس. بىلالجان يارمەمەت ھەر كۈنى تىزىملىك دەپتىرىنى رەتلەپ، خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ماھارەت ئالاھىدىلىكى، خىزمەت ئىزدەش تەلىپىنى تەپسىلىي خاتىرىلىدى، تەكلىپ قىلىش ئۇچۇرلىرىنى توپلىدى. ئىشتىن چۈشكەندىمۇ، خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجى بولسىلا، ۋاقتىدا ئۇچۇر قايتۇرۇپ، مۇۋاپىق ئىش ئورنى ئۇچۇرىنى تەۋسىيە قىلدى.

  باي ناھىيەسىدىكى كەسپىي توك ئىشچىسى ئەخمەت نەمەت مۇنداق دېدى: «بۇلتۇر يۇقۇم سەۋەبىدىن خىزمەت تېپىشىمغا تەسىر يېتىپ، بەك غەم قىلغانىدىم، ھېلىمۇ ياخشى بىلالجان يارمەمەت مەن بىلەن ئالاقىلاشتى».

  «ئەخمەت نەمەتنىڭ تىزىملاش ئۇچۇرىنى كۆرگەندىن كېيىن، مەن دەرھال ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭ ئېھتىياجىنى چۈشەنگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا توكچىلىق كۇرسىغا تىزىملىتىپ، ئاندىن ئىشقا ئورۇنلىشىش تەكلىپى بەردىم، ئۇنىڭغا ياردىمىم تېگىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى بىلالجان يارمەمەت.

  «بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، دەرھال تىزىملىتىش نۇقتىسىغا باردىم، بىلالجان يارمەمەتنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن، مەن ئاۋۋال توكچىلىق كۇرسىغا تىزىملىتىپ توكچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگەندىم، تەربىيەلەش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۆزۈمنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق خىزمەت تاپتىم. ھازىر ئايلىق كىرىمىم 4000 يۈەن ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ، تۇرمۇشۇممۇ كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى» دېدى ئەخمەت نەمەت.

  كەسىپ پىلانىنى تۈزۈش، مۇۋاپىق ئىش ئورنى ئىزدەش، تەكلىپنى قوبۇل قىلىش ماھارىتىنى چۈشەندۈرۈش...... بىلالجان يارمەمەتنىڭ ياردىمىدە، بۇلتۇر بىر يىلدىلا 1000دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشتى.

  بۇ بىر نەچچە كۈندە، بىلالجان يارمەمەت يەنە «سىكاننېرلاش شەكلى»دە خىزمەت ئىزدىگۈچى ۋە خادىم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تېپىشقا باشلىدى. «تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ خىزمەت تېپىشىغا ياردەم بېرەلىسەم، ئۆزۈمنى مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندەك ھېس قىلىمەن» دېدى بىلالجان يارمەمەت.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى