شىنخۇا تورى خەۋىرى: گۇيجوۋ ئۆلكىسى ئەنشۇن شەھىرى شىشيۇ رايونى خۇاڭلا يېزىسىدا نورۇزگۈلى بېغى ئومۇمىي كۆلىمى 10 مىڭ موغا يېقىن بولۇپ، باغدىكى نورۇزگۈلى 2011-يىلى تىكىلگەن، بۇ يىل گۈيياڭ، ئەنشۇن قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن 30 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى كۈتۈۋېلىندى. شۇ جاي «ھەمكارلىق كوپىراتىپى+سودىگەر+تاپاۋەت» شەكلى ئارقىلىق ئەتراپتىكى يېزا-كەنتلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، نورۇزگۈلى بېغى تەرتىپىنى قوغداش، مۇھىت تازىلىقى، جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش قاتارلىق نەچچە ئون ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ شۈ فوتوسى
3-ئاينىڭ 16-كۈنى، تۈن قاراڭغۇسىدا، بىر ياغاچ ئۆي نورۇزگۈلى ئارىسىدا كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى.
3-ئاينىڭ 16-كۈنى تارتىلغان كەچكى شەپەق ئاستىدىكى نورۇزگۈلى بېغىنىڭ مەنزىرىسى.
3-ئاينىڭ 16-كۈنى، ساياھەتچىلەر نورۇزگۈلى بېغىدا سەيلە قىلماقتا.