تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

بىڭتۇەن بۇ يىل 34 شەھەر-بازار كونا ئولتۇراق رايونىنى ئۆزگەرتىشنى پىلانلىدى

18 مىڭ ئاھالە مەنپەئەتلىنىدۇ

   بىڭتۇەن گېزىتى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ بىڭتۇەن تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، بىڭتۇەن «شەھەر-بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى تارقىتىپ، شەھەر-بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش نىشان-ۋەزىپىسى، ئوبيېكت دائىرىسى ۋە قوللاش سىياسىتى قاتارلىقلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، «تىك يۆنىلىشتە تېگىگىچە، توغرا يۆنىلىشتە چېتىگىچە تۇتىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىش»تەك مەھەللە ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشچى-خىزمەتچى ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ قولايلىق، تېخىمۇ راھەت، تېخىمۇ گۈزەل قىلىدىكەن.

   بىڭتۇەن «ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىش» ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى شى، شەھەرلەرگە مايىللىشىش پىرىنسىپى بويىچە، ئاساسىي تۈرلەرنى ئۆزگەرتىش ۋە 2000-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن قۇرۇلغان شەھەر-بازارلاردىكى كونا مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىشنى نۇقتىلىق قوللاپ، قۇرۇلغان ۋاقتى بىر قەدەر بالدۇر، ئاھالىلەرنىڭ ئۆزگەرتىش ئارزۇسى كۈچلۈك، قاتنىشىش ئاكتىپلىقى يۇقىرى مەھەللىلەرنى ئاۋۋال ئۆزگەرتىدىكەن؛ قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا تېخىمۇ بەك كۆڭۈل بۆلۈپ، پېنسىيەگە چىققان ئىشچى-خىزمەتچىلەر كۆپ، ياشانغانلار نىسبىتى يۇقىرى ھەم كۈتۈنۈش ئەسلىھەلىرى ئۆلچەمگە يەتمىگەن، تارىخىي قالدۇق مەسىلىلەر كۆپ شەھەر-بازار كونا مەھەللىلىرىنى ئالدىن ئويلىشىدىكەن.

   بۇ يىل بىڭتۇەن شەھەر-بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايوندىن 34نى ئۆزگەرتىپ، 18 مىڭ ئاھالىنى مەنپەئەتلەندۈرۈشنى پىلانلىغان؛ 2022-يىلىغا بارغاندا، بىڭتۇەننىڭ شەھەر-بازار كونا ئولتۇراق رايونلىرىنى ئۆزگەرتىش تۈزۈم رامكىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللىنىپ، ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى ئولتۇراق رايونلار ئۇل ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل، مۇھىتى پاكىز، رەتلىك، باشقۇرۇش قېلىپلاشقان، تەرتىپلىك بولىدىكەن؛ «14-بەش يىل»نىڭ ئاخىرىغىچە، 2000-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن سېلىنغان شەھەر-بازار كونا ئولتۇراق رايونلىرىنى ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسى تىرىشىپ ئورۇندىلىدىكەن.

   «پىكىر»دە مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلغان: ئۆزگەرتىش مەبلىغىنى ھۆكۈمەت بىلەن ئاھالىلەر، جەمئىيەت كۈچلىرى مۇۋاپىق ئورتاق ئۈستىگە ئېلىش مېخانىزمى ئورنىتىلىدۇ. كىم مەنپەئەتلەنسە شۇ مەبلەغ چىقىرىش پىرىنسىپى بويىچە، ئاھالىلەر مەبلەغ چىقارغاندا بىۋاسىتە مەبلەغ چىقىرىش، تۇرالغۇ مەخسۇس رېمونت (تولۇقلاپ سېلىش، داۋاملىق غەملەش) مەبلىغىنى ئىشلىتىش، ئولتۇراق رايون ئاممىۋى پايدىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى چىقىرىپ، لىفىت ئورنىتىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىشى قوللاشقا ئېرىشىدۇ، ھۆكۈمەت مەبلىغى ئاساسىي ئۆزگەرتىش مەزمۇنىنى نۇقتىلىق قوللايدۇ؛ جەمئىيەت كۈچلىرىنىڭ قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىپ، تۈرلۈك كارخانىلارنى ھۆكۈمەت ۋە ئىجتىمائىي كاپىتال ھەمكارلىق ئەندىزىسىدە ئۆزگەرتىشكە قاتنىشىشقا جەلپ قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • باھار كۈنلىرىدىكى خۇش پۇراق چېچەكلەر
  • كۇچادا مىليون مو يەرگە كېۋەز تېرىش باشلاندى
  • ماشىنىدا كېۋەز تېرىش