تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دەي گۇاڭخۇي ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن پارتىيەدىن قوغلاندى ۋە خىزمەتتىن ھەيدەلدى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى

دەي گۇاڭخۇي ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن پارتىيەدىن قوغلاندى ۋە خىزمەتتىن ھەيدەلدى

ئۆز خەۋىرىمىز يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى دەي گۇاڭخۇينىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ قاراپ چىقتى، تەكشۈردى.

تەكشۈرۈلۈشىچە، دەي گۇاڭخۇي پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر تۇرۇپ، غايە - ئېتىقادىنى يوقاتقان، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچتىن يۈز ئۆرىگەن، «ئالتە چوڭ ئىنتىزام»نىڭ ھەممىسىگە خىلاپلىق قىلغان، ئىنتىزام ۋە قانۇن ئېڭىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان، ئۇزاق مۇددەت قانۇنسىز سودىگەرلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلغان، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشىلاشقان، زاڭ پۇلنى يۆتكەپ، يوشۇرغان، زاڭ مالنى قايتۇرغاندا باشقىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرگەن، پاكىتنى يوشۇرغان؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ سەپلىگەن، ئىشلەتكەن، باشقۇرۇش مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرى ۋە قول ئاستىدىكىلەر تەمىنلىگەن ساياھەت پائالىيىتىنى قوبۇل قىلغان؛ كېڭىشىش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، مۇھىم، زور ئىشلاردا ئۆز ئالدىغا قارار چىقارغان، شەخسكە ئالاقىدار ئىشلارنى ئەينەن دوكلات قىلمىغان، كادىرلارنى ئۆستۈرۈش - تەيىنلەش داۋامىدا باشقىلارغا نەپ يەتكۈزگەن؛ سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل قوبۇل قىلغان، پاراۋانلىق ئۆيىنى كۆپ ئىگىلىۋالغان؛ نۇرغۇن كارخانىغا خىراجەت سېلىقى سالغان؛ ھۆكۈمەت پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان، ئىشلەتكەن؛ تۇرمۇشتا ھەشەمەتچىلىككە، راھەت - پاراغەتكە بېرىلگەن؛ ھەم ئەمەلدار بولۇشنى، ھەم باي بولۇشنى ئويلاپ، ئومۇمنىڭ ھوقۇقىنى بېيىشتىكى «تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخ» دەپ قاراپ، قىلچە تەپ تارتماستىن ھوقۇق - پۇل سودىسى قىلغان، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئومۇمنىڭ پۇلىغا خىيانەت قىلغان، باشقىلاردىن زور سوممىلىق مال - مۈلۈك ئۈندۈرۈۋالغان، قانۇنسىز قوبۇل قىلغان؛ خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ، ئاممىۋى مال - مۈلۈكنى، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى ئېغىر، زور زىيانغا ئۇچراتقان.

دەي گۇاڭخۇي پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى، تەشكىلىي ئىنتىزامى، پاكلىق ئىنتىزامى، ئامما ئىنتىزامى، خىزمەت ئىنتىزامى، تۇرمۇش ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش ھەم خىيانەت قىلىش، پارا ئېلىشقا چېتىلىش قاتارلىق جىنايەتلەرنى شەكىللەندۈرگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ نەپسىنى يىغمىغان، قولىنى تارتمىغان، خاراكتېرى ئىنتايىن ئېغىر، تەسىرى ئىنتايىن يامان بولۇپ، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رېۋىزىيە قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت خادىملىرىغا مەمۇرىي ئىشلار بويىچە چارە كۆرۈش قانۇنى» قاتارلىقلاردىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا تەتقىق قىلىش ھەم ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىغا سۇنۇپ تەستىقلىتىش ئارقىلىق، دەي گۇاڭخۇيگە پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىش؛ ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى ئۇنىڭغا خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىش؛ ئۇنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىش؛ ئۇنىڭ جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرىنى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش، چېتىشلىق مال - مۈلكىنى دېلو بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈپ بېرىش قارار قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.