تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ بىلەن جىلىن جۇڭگو (چاڭبەيشەن تاغ تىزمىسى − ئالتاي تاغ تىزمىسى) قار - مۇز ئىقتىسادى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سىناق رايونىنى ئورتاق قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى

چېن چۈەنگو، جىڭ جۈنخەي سۆز قىلدى

گوۋ جۇڭۋېن، خەن جۈن، شۆھرەت زاكىر، جياڭ زېلىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن قاتناشتى

3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن جىلىن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى، جۇڭگو(چاڭبەيشەن تاغ تىزمىسى - ئالتاي تاغ تىزمىسى) قار - مۇز ئىقتىسادى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سىناق رايونىنى ئورتاق قۇرىدۇ. سۈرەتتە: كېلىشىم ئىمزالاش نەق مەيدانى. (ئانار بۇلۇت\ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جىلىن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو(چاڭبەيشەن تاغ تىزمىسى − ئالتاي تاغ تىزمىسى) قار - مۇز ئىقتىسادى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سىناق رايونىنى ئورتاق قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمىنى ئىمزالاش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، جىلىن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جىڭ جۈنخەي كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى گوۋ جۇڭۋېن، جىلىن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى خەن جۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، جىلىن ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى جياڭ زېلىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن قاتناشتى.

چېن چۈەنگو سۆزىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن شىنجاڭ خىزمىتىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ، مەدەت بېرىپ كېلىۋاتقان دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، تەنتەربىيە باش ئىدارىسىگە يۈكسەك ئېھتىرام بىلدۈردى، جىلىن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى ۋە شەخسىيەتسىز ياردەم بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ قار - مۇز تەنھەرىكىتى ۋە قار - مۇز كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، كۆپ قېتىم مۇھىم سۆز قىلىپ، مۇھىم يوليورۇق بېرىپ بىزنىڭ قار - مۇز تەنھەرىكىتى ۋە قار - مۇز كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىمىز ئۈچۈن ئېنىق ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. جىلىن بىلەن شىنجاڭدىن ئىبارەت ئىككى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون دۆلىتىمىزدىكى مۇھىم چېگرا چوڭ رايونى ۋە قار - مۇز بايلىقى چوڭ رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مول ۋە ئەلا سۈپەتلىك قار - مۇز بايلىقى مۇجەسسەملەنگەن، جۇڭگو(چاڭبەيشەن تاغ تىزمىسى − ئالتاي تاغ تىزمىسى) قار - مۇز ئىقتىسادى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سىناق رايونىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، چوڭقۇر ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، قار - مۇز تەنھەرىكىتى ۋە قار - مۇز كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى كونكرېت ئەمەلىيەت، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت بولۇپ، جەزمەن جىلىن، شىنجاڭ قار - مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ تېز، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، قار - مۇز بايلىقى ئەۋزەللىكىنى ھەقىقىي تۈردە كەسىپ ئەۋزەللىكى، ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرىدۇ. شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ قار - مۇز كەسپى تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشتەك تارىخىي پۇرسەتنى مەھكەم تۇتۇپ، قار - مۇز ساياھىتى، تەنھەرىكەت، مەدەنىيەت، جابدۇق، سودا، ئاقىللار ئامبىرى، پۇل مۇئامىلە، ماركېتىڭ، سىياسەت، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق ئون جەھەتتىكى نۇقتىلىق ھەمكارلىقنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندىكى قار - مۇز كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا قول تۇتۇشۇپ تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ سىناق رايونىنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى بايراقدار قۇرۇلۇشقا، شىنجاڭنىڭ «14 - بەش يىل»دا ئىش باشلاشتىكى بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشىغا ئايلاندۇرۇپ، دۆلىتىمىز قار - مۇز تەنھەرىكىتى ۋە قار - مۇز كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پائال تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

جىڭ جۈنخەي جىلىن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن ئىككى تەرەپنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك كېلىشىم ئىمزالىغانلىقىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ بىلەن جىلىننىڭ تارىخى ئۇزاق، ئالاقىسى زىچ، دوستلۇق مېھرى چوڭقۇر، ھەمكارلىق بوشلۇقى ۋە يوشۇرۇن كۈچى ئىنتايىن زور. بۇ قېتىمقى ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشى، ھەم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قار - مۇز كەسپىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت، ھەم قار - مۇز بايلىقى ئەۋزەللىكىنى كەسىپ ئەۋزەللىكى، رىقابەت ئەۋزەللىكى، تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان ئەمەلىي تەدبىر. ئىككى تەرەپنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىلگىرى بار بولغان ھەمكارلىق ئاساسىنى پۇختىلاپ، يېڭى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قوشۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش يېڭى ۋەزىيىتىنى قول تۇتۇشۇپ يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىرىنچى، دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇپ، بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، يۇقىرى نۇقتىدىن بىرتۇتاش پىلانلاپ، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ بىر نىيەت بىر نىشاندا ئالغا سىلجىتىشنى تۇتۇش، ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىككىنچى، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يوشۇرۇن كۈچنى قېزىش، «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» «قار - مۇزلۇقمۇ بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيەنى چوڭقۇر ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «300 مىليون كىشىنىڭ قار - مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇش» چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، بېيجىڭ 2022 - يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن ئىبارەت مۇھىم، زور پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خىزمەتنى پىلانلاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، سىياسەتنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش، بازار ئېچىشنى چىڭ تۇتۇشنى ماسلاشتۇرۇپ، كۆپ قاتلاملىق، كەڭ ساھەلىك، كۆپ خىللاشقان قار - مۇز كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىرلەشمە ھەرىكىتىنى ئەمەلىي قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچى، ساھەنى كېڭەيتىپ، مەزمۇننى بېيىتىش، كەسىپنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، سىرتقا ئېچىۋېتىش، مەدەنىيەت ساياھىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ئالاقە، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكا تەتقىقاتى ھەمكارلىقى، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش، كەسىپنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىدا يەنە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئورتاق تۈرتكە بولۇش كېرەك. بىز چوقۇم داۋاملىق قەتئىي تۈردە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتەك مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە مۇقىم ئېلىپ، ئۆلكىمىزنىڭ «14 - بەش يىل»دا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنى قەلبىمىز، ھېسسىياتىمىز، كۈچىمىز بىلەن ياخشى ئورۇنداپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا جىلىن تۆھپىسىنى قوشىمىز.

خەن جۈن، شۆھرەت زاكىر ئىككى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونغا ۋاكالىتەن، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمىگە ئىمزا قويدى.

كېلىشىمگە ئاساسەن، ئىككى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون مەۋقەنى ئىككى تەرەپنىڭ بايلىق ئالاھىدىلىكى ۋە كەسىپ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، «قوش موتور، قوش تىرەك، ئۈچ بىرلەشمە ھەرىكەت» ھەمكارلىق ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى زىچ چۆرىدەپ، ئورتاق ھالدا دا چاڭبەيشەن رايونى، ئالتاي ۋىلايىتىدە قار - مۇز كەسىپلەر باغچە رايونى ۋە قار - مۇز مەيدان - سارايلىرىنى قۇرۇشقا ئۆمەك تەشكىللەيدۇ، ئىككى يىلدا بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈلىدىغان شىنجاڭ - جىلىن ئىككى جايدىكى ياشلار، ئۆسمۈرلەر دوستلۇق مۇسابىقىسى قاتارلىقلارنى ئۆتكۈزۈشنى نۆۋەت بىلەن ئۈستىگە ئالىدۇ، تەسىر كۈچى ۋە ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە بىر تۈركۈم قار - مۇز مەدەنىيەت سۈپەتلىك ماركىسىنى بەرپا قىلىدۇ، قار - مۇز جابدۇق، ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان باشلامچى كارخانىلارنى يېتىلدۈرىدۇ، قار - مۇز ئىقتىسادى بويىچە سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىش پائالىيىتىنى بىرلىكتە قانات يايدۇرىدۇ، سوغۇق رايون قار - مۇز ئىقتىسادى تەتقىقات ئورنىنى ئورتاق قۇرىدۇ، مۇۋاپىق پەيتتە جىلىن - شىنجاڭ، جىلىن - ئالتاي ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئېچىپ، «جىلىن - ئالتاي» ناملىق ساياھەت مەخسۇس پويىزى ۋە ساياھەت ھۆددە ئايروپىلانىنىڭ قاتنىشىنى دائىملاشتۇرىدۇ، كۆپ قاتلاملىق، كەڭ ساھەلىك، كۆپ خىللاشقان ھەمكارلىقنى چوڭقۇر قانات يايدۇرىدۇ.

دۆلەت تەرەققىيات - پىلان كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ جاۋ چېنشىن، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى دۇ جياڭ، جىلىن ئۆلكىسى رەھبەرلىرىدىن ۋۇ جىڭپىڭ، خۇ جيافۇ، ئا دۇڭ، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ئەركىن تۇنىياز، جاڭ چۇنلىن قاتارلىقلار قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.