تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2021-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتناشقان خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بىلەن بىللە دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭەشكەنلىكى توغرىسىدا خاتىرە

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى خو شياۋگۇاڭ، جاڭ شياۋسۇڭ، جۇ جىچەي، زۇ ۋېي

2021 - يىلى باھار، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى مۇشۇ پەيتتە كېسىشىپ، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنى ھەممە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ غەلىبىلىك ئېچىلدى.

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئىچكى موڭغۇل، چىڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى، ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشتى، سىياسىي كېڭەشنىڭ تېببىي دورا - سەھىيە ساھەسى، مائارىپ ساھەسىدىكى ئەزالىرىنى يوقلىدى ھەم بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشتى، ۋەكىللەر، ئەزالار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭەشتى، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇش يارىتىش توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يۈز مىليونلىغان خەلق جاسارەت بىلەن توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

«ئۈچ يېڭى»نىڭ چوڭقۇر مەنىسىنى ئېچىپ بېرىش −

يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلغاندىلا، «14 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ

«باش شۇجى، قاراڭ، بۇ يۇرتىمىزنىڭ يېقىندا تارتىلغان سۈرىتى».

3 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي چوڭ زالى، چىڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىش نەق مەيدانىدا، ئىككى پارچە سۈرەت باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

ۋەكىل كۇڭ چىڭجۈ چىليەنشەن تېغى ئېتىكىدىكى خەيبېي ئوبلاستىنىڭ مېنيۈەن ناھىيەسىدە چوڭ بولغان. شۇ تاپتا، ئۇ سۈرەتنى چىقىرىپ، ئۇدۇلىدا ئولتۇرغان باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆرۈپ بېقىشىغا سۇندى.

بىرى، ئوت - چۆپلەر ئارىسىدىن ئاستا چىقىۋاتقان چۆل مۈشۈكى؛ يەنە بىرى دەرەخلەر ئارىسىدا كېتىۋاتقان يىلپىزنىڭ سۈرىتى ئىدى.

«ئىلگىرى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان ئەتىۋارلىق ھايۋانات تۈرلىرى ھازىر پات - پات كۆزگە چېلىقىدىغان بولدى.» كۇڭ چىڭجۈ بۇ سۈرەتلەرنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىنى بايان قىلدى.

تاغ يېشىللاشتى، قۇم ئازايدى، سۇ سۈزۈكلەشتى، يۇرتداشلارنىڭ يانچۇقىمۇ تومپايدى. مېنيۈەن ناھىيەسى كەسىپلەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ساياھەتچىلىككە قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، خاس تېرىقچىلىق، باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇردى، دېھقان - چارۋىچىلار ئېكولوگىيە تامىقىنى يەيدىغان بولدى.

«بۇ ئېكولوگىيەنى قوغداشنىڭ ئۈنۈم ھاسىل قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭ سۈرەتلەرگە زەن سېلىپ قاراپ، ئارقا - ئارقىدىن بېشىنى لىڭشىتتى، «بولۇپمۇ كۆپچىلىكنىڭ ئېكولوگىيەنى قوغداش ئېڭى كۈچىيىپتۇ، ئېكولوگىيەنىڭ ئۆزىدىكى ئىقتىسادىي قىممەتنى كۆرۈپ يېتىپتۇ».

يېشىل رەڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي رېڭى.

«قارىغاندا مېنيۈەن ناھىيەسىدىن ئىكەنسىز، مېنيۈەن چىليەنشەن تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدە، تاغدىن ھالقىپ ئۆتسىلا گەنسۇنىڭ ۋۇۋېيغا بارغىلى بولىدۇ» دېدى باش شۇجى شى جىنپىڭ قولىدىكى خەرىتىنى ۋاراقلاپ كۆرۈپ.

2019 - يىلى 8 - ئايدا گەنسۇغا تەكشۈرۈشكە بارغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چىليەنشەن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى چوڭ يايلاقتا، ھەيۋەتلىك چىليەنشەن تېغىغا يىراقتىن نەزەر سېلىپ، نەق مەيداندا ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قوغداش ئەھۋالىنى ئىگىلىگەنىدى.

بۇ قېتىم، چىڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «يېڭى دەۋرگە كىردۇق، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردۇق، قارىشىمىزمۇ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ چوڭقۇرلىشىشى كېرەك، بىزدە ئېكولوگىيە قارىشى، پۈتۈن ۋەزىيەت ئېڭى بولۇشى كېرەك».

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات «14 - بەش يىل»، ھەتتا تېخىمۇ ئۇزاق مەزگىلدىكى دۆلىتىمىز ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ باش تېمىسى بولۇپ، دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك؛ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى − «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىغا سىڭدۈرۈلگەن لوگىكىلىق ئاساسىي لىنىيە.

بىر باش تېما، بىر ئاساسىي لىنىيە − كەلگۈسى بەش يىل، ھەتتا 15 يىلدا جۇڭگو قانداق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، تەرەققىياتنى قانداق ئىشقا ئاشۇرىدۇ دېگەن مۇھىم، زور مەسىلىگە چوڭقۇر جاۋاب بەردى.

قانداق قىلغاندا باش تېمىنى چىڭ كۆزلىگىلى بولىدۇ؟

چىڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭ زامان - ماكان قارىشى بىلەن بۇ چوڭ ماقالىدىكى «مەسىلىلەرنى يەشتى» −

ساھە نۇقتىسىدىن قارىغاندا: «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىر ئىقتىسادىي تەلەپ بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە قويۇلغان ئومۇمىي تەلەپ»؛

رايون نۇقتىسىدىن قارىغاندا: «پەقەت ئىقتىسادى تەرەققىي تاپقان رايونلارغىلا قويۇلغان تەلەپ بولۇپلا قالماي، بەلكى بارلىق رايونلارنىڭ تەرەققىياتىدا جەزمەن ئىزچىللاشتۇرۇلىدىغان تەلەپ»؛

زامان - ماكان نۇقتىسىدىن قارىغاندا: «بىر مەزگىللىك، بىر كەسىپكىلا قويۇلغان تەلەپ بولۇپلا قالماي، بەلكى جەزمەن ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرىدىغان تەلەپ».

بىلىش نەزەرىيەسىنى ھەل قىلىپلا قالماي، «ھۆكۈم قىلىش سوئالى»نى ياخشى ئىشلەش؛ تېخىمۇ مۇھىمى مېتودولوگىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «ئەمەلىيەت سوئالى»نى ياخشى ئىشلەش كېرەك −

«يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش كېرەك»؛

«ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇش يارىتىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك»؛

«ھەرقايسى رايونلار ئەمەلىي ئەھۋالغا بىرلەشتۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئۆز رايونىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىشى كېرەك»...

قانداق قىلغاندا ئاساسىي لىنىيەنى چىڭ كۆزلىگىلى بولىدۇ؟

باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتمە بەرگەندە سۆزنى يەنىلا ئېكولوگىيە مىسالىدىن باشلىدى.

«تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇمنى سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك، بۇ يەرگە <قۇم> دېگەن خەتنى قوشۇش كېرەك.» 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىشلەتكەن بۇ يېڭى ئاتالغۇدىن كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدى يورۇپ كەتتى.

بايىننۇردىن كەلگەن ۋەكىل جاڭ شياۋبىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇلاستاي كۆلى ئېقىن رايونىنى تۈزەش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئېقىن رايونىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدا قۇمنى تىزگىنلەش، ئېقىن رايونىنىڭ مەركىزىي رايونىدا يېزا ئىگىلىكىنىڭ دائىرىلىك، مەنبەلىك بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئۇلاستاي كۆلىنىڭ ئومۇمىي سۇ سۈپىتى 5 - دەرىجىگە مۇقىملاشتى، قىسمەنلىرى 4 - دەرىجىگە يەتتى.

«ئۇلاستاي كۆلى توغرىسىدا مەن كۆپ قېتىم تەستىقىي يوليورۇق بەرگەن. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا تۈزەشتە كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلۈپتۇ، يەنە ئۇزاققىچە بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك.» بىر كۆلدىن خۇاڭخې دەرياسىنىڭ «几» خەت شەكلىدىكى قىسمىنىڭ چوققىسىدىكى «شىمالدىكى جياڭنەن بوستانلىقى»غا نەزەر سېلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «بۇ جاينى ياخشى قوغداش كېرەك، شورلىشىپ كەتكەن تېرىلغۇ يەرلەرنى تۈزەش مەسىلىسى بار، شۇنداقلا قۇمنى تىزگىنلەش مەسىلىسىمۇ بار. قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك؟ بۇنىڭدا يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

«قۇم» دېگەن خەتنى قوشۇش سىستېما تەپەككۇرىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىگە بولغان ئېنىق چۈشەنچىسىنى نامايان قىلدى −

«يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى بىر پۈتۈن گەۋدە، ئۇنى جەزمەن مۇكەممەل، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە كۈچەپ مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا سىڭىشىش كېرەك».

بۇ سىستېمىلىق نەزەرىيە سىستېمىسى، تېخىمۇ مۇھىمى ئەمەلىيەت نەزەرىيە سىستېمىسى.

ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىش نەق مەيدانىدا، سۆز تېمىسى يايلاققا نەقىشلەنگەن «مەرۋايىت»تىن يەنە چەكسىز ئورمانلىققا يۆتكەلدى.

نەچچە ئون يىل ئورمانچىلىق ئىشچىسى بولغان ۋەكىل جۇ يىجې باش شۇجى شى جىنپىڭغا يەككە كەسپىي رولىنىڭ دەۋر دولقۇنىغا ئەگىشىپ ئۆزگەرگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى.

«ئىلگىرى بىز <دەرەخ كەسكۈچى> ئىدۇق، ئەڭ بۇرۇن ئىشچىلار ئەترىتىمىز ھەر يىلى قىشتا ئىشلەپچىقارغان ياغاچ ماتېرىيالنى 400 ۋاگونغا قاچىلىغىلى بولاتتى، ھازىر پالتا، ھەرىلەرنى تاشلاپ، <دەرەخكە قارىغۇچى>غا ئايلاندۇق، بۇنىڭدا ئوخشاشلا دۆلەت ئۈچۈن تۆھپە قوشۇۋاتىمىز.» جۇ يىجې باش شۇجىغا مۇنداق دېدى: تەبىئىي ئورماننى قوغداش قۇرۇلۇشىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، مەن تۇرۇۋاتقان ئورمانچىلىق رايونىدا ئورمانلار ئاسرىلىپ كۆپەيدى. مۆلچەرىي ھېسابلاشقا ئاساسلانغاندا، 2018 - يىلى ئورمانچىلىق رايونىدىكى ئورمان ۋە سۇلۇق يەر ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارى ئومۇمىي قىممىتى 615 مىليارد 974 مىليون يۈەن بولغان.

«سىزنىڭ بۇ سالاھىيىتىڭىزنىڭ ئۆزگىرىشى دەل دۆلىتىمىزنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىدىكى ئۆزگىرىشنىڭ ئىخچام كارتىنىسى.» باش شۇجى شى جىنپىڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: سىز تىلغا ئالغان بۇ ئېكولوگىيە ئومۇمىي قىممىتى دەل يېشىل GDP ئۇقۇمى بولۇپ، ئېكولوگىيەنىڭ ئەسلىدىلا قىممىتى بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە دەل - دەرەخلەرنىڭ ئۆزىنىڭ قىممىتى بولۇپلا قالماي، يەنە يېشىل ئۆپكە ئېففېكتىمۇ بار، تېخىمۇ مۇھىمى ساياھەتچىلىك، ئورمان ئارىسى ئىقتىسادى قاتارلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ».

قۇمدىن ئورمانغىچە، ئورماندىن پۈتكۈل ئېكولوگىيەنى قوغداشقىچە، ئېكولوگىيەنى قوغداشتىن كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكىچە، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشتىن يېڭىلىق يارىتىش، ئېچىۋېتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىشقىچە توختالدى... باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىنچىكە تەھلىل قىلىپ، ئەستايىدىل چۈشەندۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ نەزەرىيە لوگىكىسى ۋە ئەمەلىيەت لوگىكىسىنى چوڭقۇر مەزمۇنلۇق قىلىپ ئېچىپ بەردى.

2018 - يىلى بىرىنچى قېتىم ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشىغا ياخشى چارە كۆرسىتىپ بېرىپ، «<قوي، كۆمۈر، يەر، گاز>غىلا تايىنىۋېلىشقا بولمايدۇ، يېڭى كەسىپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئېشىش قۇتۇپىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈش كېرەك» دەپ تەكىتلىگەنىدى.

يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرگەندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە ئىچكى موڭغۇلنىڭ مەملىكەت بويىچە يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش جەھەتتىكى ئورنىنى كۆرسىتىپ بەردى −

«سىلەرنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنۇڭلار، بايلىق ئەۋزەللىكىڭلار، كەسىپ قۇرۇلماڭلار، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تەلىپىڭلار قاتارلىقلار بىرقەدەر ئالاھىدە، ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرۇپ، يېتەرسىزلىكتىن ساقلىنىپ، ئەلالاشتۇرۇش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا دىققەت قىلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، فۇنكسىيەنى ئايلاندۇرۇپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشۈڭلار كېرەك».

«يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، بۇ <ئۈچ يېڭى>نى، سىلەر ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشىڭلار، قانداق گەۋدىلەندۈرۈش، قانداق قىلىپ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا ئويلىنىشىڭلار كېرەك».

باش تېما، ئاساسىي لىنىيەنى ئىگىلەشتە، ھەم سىستېما تەپەككۇرى بولۇشى، ھەم نۇقتىلىق تەپەككۇر، دىيالېكتىكىلىق تەپەككۇر، يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرى، تۆۋەن چەك تەپەككۇرى بولۇشى كېرەك.

بىر كۆرسەتكۈچ مەسىلىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى.

بۇ قېتىم قاراپ چىقىشقا، تەكشۈرۈشكە، مۇزاكىرە قىلىشقا سۇنۇلغان ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە يىرىك پىلان پىروگراممىسى لايىھەسىدە، 2021 - يىللىق GDPنى ئاشۇرۇش نىشانى %6تىن يۇقىرى قىلىپ بېكىتىلدى؛ «14 - بەش يىل»دىكى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى كۆرسەتكۈچى «مۇۋاپىق ئارىلىقتا ساقلاش، ھەر يىللىق ئەھۋالغا قاراپ ئوتتۇرىغا قويۇش» قىلىپ بېكىتىلدى، بۇ، بەش يىللىق يىرىك پىلان تارىخىدا تېخى تۇنجى قېتىملىق ئىش.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇنىڭدىكى سەۋەبنى بىر ئېغىز سۆز بىلەنلا ئېچىپ بەردى: «بۇلتۇر %2.3 ئىدى، بۇ يىل بىز %6تىن يۇقىرى قىلىپ بېكىتتۇق، ئەمەلىيەتتە بۇ كۆرسەتكۈچتىن يۇقىرى بولسا بولىدۇ، لېكىن بىز ئىمكانىيەت قالدۇردۇق، بۇنداق بولغاندا ئاساسلىق زېھنىمىزنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات جەھەتكە تېخىمۇ سەرپ قىلالايمىز».

«ئىككى يۇقىرى» نىشانىنى كۆزلەش −

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇشقىچە، بۇنىڭ بىرى دۆلەتنىڭ پىلانىغا مۇناسىۋەتلىك، بىرى خەلق تۇرمۇشىغا باغلانغان بولۇپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىغا ئورتاق يۈزلىنىدۇ

ئۈچ يىل ئىلگىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدا تولۇق ئاۋاز بىلەن 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىكىگە سايلانغانىدى.

ئۇ ئىلگىرى ئەسلىي مەقسىتىنى مۇنداق چۈشەندۈرگەن: «ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدا سايلامغا قاتنىشىشنى تاللىشىم، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مىللىي، چېگرا رايونلارغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەرەققىي تاپمىغان رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئىرادىسىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ».

ئۈچ يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئىچكى موڭغۇلدىكى دۆلەت دەرىجىلىك 31 نامرات خوشۇن، 3681 نامرات كەنتنىڭ ھەممىسى نامراتلىق قاتارىدىن چېكىندى.

«ئۆز ئۆمىكى»گە يەنە بىر قېتىم كەلگىنىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ چەكسىز سۆيۈنۈپ مۇنداق دېدى: «ئىچكى موڭغۇل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە تاماملىدى، خۇشال بولۇشقا ھەم تەرىپلەشكە تېگىشلىك».

باش شۇجى شى جىنپىڭ شۇنىڭ بىلەن بىللە مۇنداق كۆرسەتتى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالپاقنى ئېلىۋېتىش ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، بەلكى يېڭى تۇرمۇش، يېڭى كۈرەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى. تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، شەھەر - يېزا رايونلىرىنىڭ تەرەققىيات پەرقىنى كىچىكلىتىش، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشى ۋە ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا يەنىلا ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق.

مىڭلىغان تاغ - دەريالارنى بېسىپ ئۆتكەن بولساقمۇ، لېكىن يەنىلا تاغلاردىن ئېشىپ، دەريالارنى كېچىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.

تېخىمۇ جۇلالىق بولغان يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يۆگىمە رەسىمىگە قارىتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق پىلانلىدى: «شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى كۈچەپ ياخشىلاپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، مەدەنىي يېزا كەيپىياتى يېتىلدۈرۈپ، گۈزەل، ياشاشقا باب كېلىدىغان، كەسىپلىرى گۈللەنگەن، كىشىلەر ئىناق ئۆتىدىغان سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا - كەنت قۇرۇپ چىقىش كېرەك».

كىشىلەرنىڭ ھېلىمۇ ئېسىدە، 2016 - يىلى 8 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ يامغۇرغا قارىماي چىڭخەي ئۆلكىسى خەيدۇڭ شەھىرى خۇجۇ ناھىيەسىنىڭ بەنيەن كەنتىگە كېلىپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ زىيارەت قىلىپ، كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە باشقا جايغا كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن قانداق قىلىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشنى پىلانلىدى.

بۇ قېتىم چىڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىش نەق مەيدانىدا، خۇجۇ ناھىيەسىدىن كەلگەن تۇزۇ ۋەكىل ئاشېڭچىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭغا مۇنداق دېدى: بەنيەن كەنتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى، كەنتنىڭ كىشى بېشى يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى بەش يىل ئىلگىرىكى 2600 يۈەندىن 11 مىڭ 419 يۈەنگە ئۆرلىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇددى تۇغقىنىنى كۆرگەندەك ئۇنىڭدىن تەپسىلىي سورىدى: «كەنت ئاھالىلىرىنىڭ توك بىلەن ئىسسىيدىغان كاڭلىرى قانداق بولدى» «كەشتىچىلىك كەسپى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا قانداق كۈچ قوشتى» «ھاراق ئېچىتىش قانداق قىلىپ كەسىپلەشتى» ...

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەلبىدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشى مانا مۇشۇنداق كىچىك ئىشلارنىڭ بىر - بىرلەپ توپلىنىشىدىن ئىبارەت.

«باشتىن - ئاخىر ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى كۆڭۈلگە پۈكۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇش يارىتىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش، بىر - بىرىنى تولۇقلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك».

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇشقىچە، بۇلارنىڭ بىرى دۆلەتنىڭ پىلانىغا مۇناسىۋەتلىك، بىرى خەلق تۇرمۇشىغا باغلانغان بولۇپ، ھەممىسىنى باش شۇجى شى جىنپىڭ قەلبىگە پۈكۈپ كەلدى.

دوستلۇق مېھمانخانىسى جۈيىڭ زالى، رەڭگارەڭ پانۇسلار كۆزنى چاقنىتىپ تۇراتتى، كەيپىيات قىزغىن ئىدى.

3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان تېببىي دورا - سەھىيە ساھەسى، مائارىپ ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىدى ھەم بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتنىشىپ، پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى.

مەيلى كېسەل داۋالاپ ئادەم قۇتقۇزۇش ياكى ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش بولسۇن، ھەممىسى خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئۇنى زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش مەنزىرىسىدىن ئايرىۋەتكىلى بولمايدۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەزالارنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، ئارىلاپ - ئارىلاپ ئۇلار بىلەن مۇزاكىرىلەشتى، پىكىر ئالماشتۇردى.

ئەزا خۇ يۈ خۇاجۇڭ پەن - تېخنىكا داشۆسى قارىمىقىدىكى شيېخې دوختۇرخانىسىدىن كەلگەن − بۇ دوختۇرخانا يۇقۇمنىڭ دەسلىپىدە ۋۇخەندە ئېغىر كېسەللەرنى قوبۇل قىلىپ داۋالىغان بىرقانچە دوختۇرخانىلارنىڭ بىرى.

بۇلتۇر 2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئەڭ كەسكىنلەشكەن پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بېيجىڭدا سىنلىق ئۇلانما ئارقىلىق، كۆپچىلىكنى غەيرەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن كۆرۈنۈش ئۇنىڭ ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىدە.

مۇشۇ پەيتتە، يەنە بىر قىش كېتىپ باھار كەلگەندە، ئۇ باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن ئوخشاش بىر يىغىن مەيدانىدا ئۇدۇلمۇئۇدۇل ئولتۇردى.

يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدىن ھەقىقىي تەسىراتقا ئىگە بولغان خۇ يۈ «ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ <ھۆكۈمەتنىڭ بولۇش>ىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش» تەكلىپىنى بەردى. ئۇ باش شۇجى شى جىنپىڭغا خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ئاممىۋى سەھىيە جەھەتتە كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئىقتىدارنى كۈچەيتىش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى، 1037 تۈردە ئىش باشلاپ قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

«يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى مۇستەھكەم تۈۋرۈك بولدى. بۇ، پۈتۈن دۆلەت تۈزۈلمىسىدە، بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ھەممە تەرەپ ياردەم بېرىش ئارقىلىق، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت داۋلىنى يەنە بىر قېتىم چۈشەندۈرۈپ بەردى.» باش شۇجى شى جىنپىڭ جاۋاب قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «كېيىنكى قەدەمدە، داۋالاش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى جەھەتتە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى مۇستەھكەملىنىدۇ، يەنىمۇ كۈچەيتىلىدۇ، زورايتىلىدۇ، بۇ ماددا ئېنىق».

داۋالاش مۇلازىمىتى سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە دوختۇرخانا ئاچقۇچ، دوختۇرلارمۇ ئىنتايىن مۇھىم.

جۇڭگو تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى بېيجىڭ شيېخې تېببىي شۆيۈەنىدىن كەلگەن ئەزا ۋاڭ چېن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش 1 - سېپىدە ئىزچىل جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇ سۆز باشلىشى بىلەنلا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇنى تونۇۋالدى: «مەن سىزنى تونۇيمەن، لېكىن ئىلگىرى يىغىنلاردا سىزنىڭ سۆزلىگىنىڭىزنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن».

ۋاڭ چېن سۆزىدە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: ھازىر بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەر ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئەمەلىيەت بىلەن ھېسابلاشماستىن تېببىي شۆيۈەن تەسىس قىلىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىۋاتىدۇ، مائارىپ بايلىقى يېتىشمەيۋاتقان ئەھۋالدا، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سۈپىتىگە تەسىر يېتىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.

«ئۇنداقتا ھازىر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغاندا بەزى كەسىپلەر نومۇر چېكىنى تۆۋەنلەتتىمۇ - يوق؟» دەپ سورىدى باش شۇجى.

«بىر قىسىم كەسىپلەر دائىم نومۇر چېكىنى تۆۋەنلىتىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقاچقا، ئەسلىدىنلا ئىنتايىن مۇھىم بولغان بۇ كەسىپلەردىكى خادىملارنىڭ ساپاسىدا تۈپتىن چەتنەش كۆرۈلدى، بۇ نۇقتا بىزنى ناھايىتى ئەندىشىگە سالدى» دېدى ۋاڭ چېن.

«بۇنى يەنىلا مۇزاكىرە قىلىشقا ئەرزىيدۇ، ھازىر سەل بالدۇر» دېدى باش شۇجى.

«شۇنداق، دوختۇرلارنىڭ سانى قارىغۇلارچە كۆپەيتىلىۋاتىدۇ، مۇبادا سۈپەت يۇقىرى كۆتۈرۈلمىسە، بۇ ياخشى ئىش ئەمەس.» ۋاڭ چېن مۇنداق تەكلىپ بەردى: تېببىي مائارىپتىكى تۆۋەن سۈپەتلىك، قارىغۇلارچە كېڭەيتىش ھادىسىسىنى تۈگىتىش كېرەك.

«توغرا، ئاچقۇچ سۈپەت مىقدارىنىڭ ئاز - كۆپلۈكىدە، بۇنىڭدا ئۆتكەلنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك» باش شۇجى بىر ئېغىز سۆز بىلەنلا مەسىلىنىڭ نېگىزىنى تاپتى.

ئارقىدىنلا قىلغان سۆزىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ قاراتمىلىق ھالدا مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: خەلقنىڭ ساغلاملىقى جەمئىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە دۆلەتنىڭ بېيىپ قۇدرەت تېپىشىنىڭ مۇھىم بەلگىسى. مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، سەھىيە - ساغلاملىق تەمىناتى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

«ناھىيە رايونى داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش»تىن « يېزا - كەنت دوختۇرلىرىنىڭ تەمىناتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش»كىچە، «جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىدە توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش، ۋارىسلىق قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش»تىن «كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇرۇش»قىچە، «تېببىي دورىگەرلىك - سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش»تىن «داۋالاش جېدىلى ۋە زوراۋانلىق قىلىپ دوختۇرلارنى زەخىملەندۈرۈش قىلمىشىغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش»كىچە.... تۈرلۈك كونكرېت ئورۇنلاشتۇرمىلار تېببىي دورىگەرلىك - سەھىيە ساھەسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

«كېسەلنى ياخشى كۆرسىتىش» مەسىلىسىدىن كېيىن، يەنە «بالىلارنى ياخشى ئوقۇتۇش» جەھەتتىكى گاڭگىراش تىلغا ئېلىندى.

لەنجوۋ داشۆدىن كەلگەن ئەزا يەن چۇنخۇا سۆزىدە سەل ئەندىشە قىلغان ھالدا مۇنداق دېدى: «يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا، ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمنىڭ ئالىي مائارىپىدا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، لېكىن شەرقىي قىسىمدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، يەنىلا پەرق بىرقەدەر چوڭ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنىمۇ چوڭىيىش ئېھتىماللىقى بار».

«مائارىپ تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى رايون تەرەققىياتىنىڭ تەڭپۇڭ بولماسلىقى، يېتەرلىك بولماسلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇلاپلا مۇنداق دېدى: «بىز ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمنىڭ مائارىپ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز، مائارىپتىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى ھەل قىلىش ئارقىلىق باشقا جەھەتلەردىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك».

ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمنىڭ مائارىپ سەۋىيەسىنى قانداق ئۆستۈرۈش كېرەك؟ باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەتقىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. دۆلەت ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى تەرەققىي تاپمىغان رايونلاردىكى ئوقۇتقۇچىلارنى نىشانلىق تەربىيەلەش ۋە دەل جايىدا تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، يېزا - كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنى قوللاش پىلانىنى چوڭقۇر يولغا قويىدۇ.

مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە، ھەم رايونلار ئارىسىدىكى تەڭپۇڭ بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ھەم رايون ئىچىدىكى تەڭپۇڭ بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك؛ ھەم ئالىي مائارىپنىڭ تەڭپۇڭ بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ھەم ئاساسىي مائارىپنىڭ ئادىل بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك.

بېيجىڭ شەھىرى دۇڭچېڭ رايونىنىڭ شىجيا خۇتۇڭ باشلانغۇچ مەكتىپىدىن كەلگەن ئەزا ۋاڭ خۇەن يېڭى دەۋر، يېڭى باسقۇچتىكى ئاساسىي مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى توغرىسىدا بىرقانچە تەكلىپ بەردى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى شەھەر - يېزىلارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «يېزا - كەنتلەردىكى مەكتەپلەر ئاجىز بولۇش» بىلەن «شەھەر - بازارلاردىكى مەكتەپلەر قىستاڭ بولۇش» مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش.

«سىز ئىشلەۋاتقان باشلانغۇچ مەكتەپكە ھازىر يېقىن ئەتراپتىكىلەر كىرىپ ئوقۇيالامدۇ؟» دەپ سورىدى باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن.

«بىز ئاساسلىقى تەۋەلىكىمىز ئىچىدە يېقىن ئەتراپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدۇق».

«مانا بۇ مائارىپ ئادىللىقى مەسىلىسى. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتا بىراقلا ۋۇجۇدقا چىقىرىش مۇمكىن ئەمەس، بېيجىڭدىمۇ بۇ مەسىلە ناھايىتى گەۋدىلىك. شۇڭا مەكتەپ رايونىدىكى ئۆيلەرگە قوشۇلغان باھا ئىنتايىن يۇقىرى، ھەممەيلەننىڭ ياخشى مەكتەپلەرنىڭ تەۋەلىك رايونىغا قىستىلىپ كىرگۈسى كېلىدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەھۋالىنى ئىنتايىن چۈشىنەتتى.

باش شۇجى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، مائارىپ بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىغا چىڭ قادىلىپ قويۇپ بەرمەي، قەتئىي تۈردە جايىدا تۈزىتىش، ئۈزۈل - كېسىل تۈزىتىش كېرەك.

«خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئاساسىي داۋالاش - سەھىيە ئىشلىرىنىڭ ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىقىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك»، «مائارىپنىڭ ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك، تەڭپۇڭ بولغان ئاساسىي ئاممىۋى مائارىپ مۇلازىمەت سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇش كېرەك»...

بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ داۋالاش - سەھىيە ئىشلىرى ۋە مائارىپ ئىشلىرىنىڭ «ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىقى»نى كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىپ، «يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇش»نى خەلق ئاممىسى كۆرەلەيدىغان، تۇتالايدىغان ھەربىر كونكرېت تەلەپلەرگە ئىنچىكە ئايرىپ بەردى.

جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان كۈچنى مۇجەسسەملەش −

شانلىق تارىختىن مەنىۋى ئوزۇق ئېلىپ، ئېسىل ئەنئەنىدىكى ئەقىل - پاراسەت، كۈچكە ۋارىسلىق قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان روھىي قىياپەتتە ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلىنىش

مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئېچىلىش ئالدىدا، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى 5 - قېتىملىق پارتىيە ئىچىدىكى مەركەزلىك تەربىيە − پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى.

ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ تارىخ ۋە رېئاللىققا بىرلەشتۈرۈپ، بىر قېتىملىق جانلىق ھەم چوڭقۇر بولغان قايتا سەپەرۋەرلىك ئېلىپ باردى.

ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىدە، باش شۇجى يولداش لى داجاۋنىڭ موڭغۇل ئامما ئارىسىدا ماركسىزمنى تارقىتىشقا بىۋاسىتە رەھبەرلىك قىلغانلىقى ۋە قاتناشقانلىقىنى سۆزلىدى، ئىچكى موڭغۇلدا بارلىققا كەلگەن ۋۇلەنفۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1 - تۈركۈمدىكى كوممۇنىستلارنى تىلغا ئالدى، يەنە مۇنداق ئىككى تارىخىي ئېسىل ھېكايىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى:

«بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ باۋتوۋ پولات - تۆمۈر زاۋۇتىنى قۇرۇش» − يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر چاقىرىقى بىلەن، پۈتۈن مەملىكەت يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى كارخانىلار ئاكتىپ ئاۋاز قوشتى، قۇرۇشقا ياردەم بەرگۈچى خادىملار ۋە قۇرۇلۇش ماددىي ئەشيالىرى ئىچكى موڭغۇل يايلىقىغا قاراپ ئېقىپ، قاقاسلىقتا پولات شەھىرى قۇرۇلدى.

«3000 يېتىم بالىنىڭ ئىچكى موڭغۇلغا ئورۇنلىشىشى» − تەبىئىي ئاپەت مەزگىلىدە، شاڭخەي، جياڭسۇ قاتارلىق جايلاردىكى ئاچلىقتىن ئىڭراۋاتقان 3000دىن ئارتۇق يېتىم بالا ئىچكى موڭغۇلغا ئېلىپ كېلىنىپ، «دۆلەتنىڭ بالىسى»غا ئايلاندى، «يايلاقتىكى ئېجى(ئانا)»لار كىگىز ئۆيدە ئۇلارنى بېقىپ چوڭ قىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە بۇ قىزىل بايلىقلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ»، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشكە تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك.

نەتىجىلەردىن قانائەتلىنىپ قالماي داۋاملىق ئىلگىرىلەش كېرەك.

ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلانغان جۇڭگو قەيسەر، كۈچلۈك رەھبەرلىك كۈچ - قۇدرىتىگە تېخىمۇ موھتاج، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان روھىي ھالەتكە تېخىمۇ موھتاج.

چىڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلەپ ئۆتتى −

«مەن يۈشۇغا ئايروپىلان بىلەن بىۋاسىتە بارغانىدىم. شۇ چاغدا دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىردىن ئارتۇق ئېگىزلىكتىكى بىر كەنتكە چىقتىم، ئۇ جاي ناھايىتى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئىكەن».

2010 - يىلى، چىڭخەي يۈشۇدا قاتتىق يەر تەۋرىگەندە، يولداش شى جىنپىڭ ئالايىتەن ئاپەت رايونىغا بېرىپ، ئۇلارنى يوقلىدى ۋە ھال سورىدى.

«يۈشۇ ئوبلاستىنىڭ ئورگىنىدا، مەن ئورگان كادىرلىرىغا ئىلھام بېرىدىغان سۆزلەرنى قىلدىم. مەن مۇنداق دېدىم: زور ئاپەتتىن كېيىن چوقۇم زور ئۆزگىرىش بولىدۇ، سىلەرنىڭ ئېگىلمەس - سۇنماس روھىڭلار بولسىلا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىشى بولسىلا، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى تەرەپ - تەرەپتىن ياردەم بەرسىلا، كۆپچىلىك بىرلىكتە ئۆز كۈچىگە تايىنىپ يۇرت - ماكانىنى قايتا قۇرسىلا، كەلگۈسىدە چوقۇم بىر يېڭى يۈشۇ بارلىققا كېلىدۇ».

«سىزنىڭ غەمخورلۇقىڭىز قەلبىمىزنى ئىللىتتى، بىزنى ئىلھاملاندۇردى.» يۈشۇ ئوبلاستىدىن كەلگەن ۋەكىل جاشى دوجيې باش شۇجى شى جىنپىڭغا مۇنداق دېدى: «ھازىر يۈشۇنىڭ كوچىلىرى تېخىمۇ رەتلىك، پاكىز بولۇپ كەتتى، ئۆيلەر تېخىمۇ مۇستەھكەم سېلىندى، ئەتكەن چاي تېخىمۇ تەملىك بولۇپ كەتتى، بىز باش شۇجىنىڭ يەنە يۈشۇغا كېلىپ كۆرۈپ بېقىشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز، ۋاقتى كەلگەندە بىز پارتىيەگە، باش شۇجىغا يەنە بىر تاغ ناخشىسى ئېيتىپ بېرىمىز».

«مەن يۈشۇدىن بەك ئەنسىرىگەنىدىم، بۈگۈنكى تونۇشتۇرۇشىڭىزغا رەھمەت، ئاڭلاپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم. يۈشۇنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ!» دېدى باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە يۈشۇ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خاتىرە سارىيى قاتارلىق قىزىل بايلىقلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا يولدىن ئاداشماي، جاپالىق كۈرەشتە ئارقىغا چېكىنمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك.

پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر، يۈزبەرگەن تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، ئۇنىڭغا ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرى ھەمدە كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ يۈرەك قېنى ۋە ئەقىل - پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن.

ھەر يىلى ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەمىشە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ئارىسىغا كېلىپ، كۆپچىلىكنى يوقلاپ، كۆپچىلىكنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئاڭلاپ، كۆپچىلىكنىڭ كېڭىشىش ئارقىلىق ئورتاق تونۇش، ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ مۇجەسسەملىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

تېببىي دورىگەرلىك - سەھىيە ساھەسى، مائارىپ ساھەسىنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا، ئەزا لىن جۇڭچىن مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: ئومۇمىي خەلق «يۇقۇم»غا قارشى جەڭ قىلىشتىن ئىبارەت «نەق مەيدان ئوقۇتۇشى»نىڭ ئىنتايىن ياخشى پۇرسىتىنى مەھكەم تۇتۇپ، كەڭ ياش ئوقۇغۇچىلارغا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ جانلىق، چوڭقۇر «بۈيۈك ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرس»ىنى تېخىمۇ سىستېمىلىق، چوڭقۇر ياخشى سۆزلەش، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى ھەم ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى جانلىق مىساللارنى دەرسلىككە كىرگۈزۈش كېرەك.

«سىزنىڭ تەكلىپىڭىز ناھايىتى ياخشى بولدى، بۇ <بۈيۈك ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى>دىن بىز ياخشى پايدىلىنىشىمىز كېرەك. ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى دەرسخانىدا سۆزلەپلا قالماي، يەنە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىمۇ سۆزلەش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ بېشىنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بىر ھۆججەتنى ئېلىپلا ئوقۇپ بەرسە ھاياتىي كۈچى بولمايدۇ، ئۈنۈمى بولمايدۇ، ھېچكىم ياقتۇرۇپ ئاڭلىمايدۇ، مەنمۇ ياقتۇرۇپ ئاڭلىمايمەن».

يۇمۇرلۇق، سەمىمىي سۆزلەردىن پۈتۈن مەيداندا كۈلكە ساداسى ياڭرىدى.

«بىز مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلدۇق، يەنە باشلامچىلىق بىلەن ئىقتىسادنىڭ مەنپىيدىن مۇسبەتكە ئۆزگىرىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قاتتىق سىناققا بەرداشلىق بەردۇق. بۇ بىر مەزگىللىك تەلەيدىن ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ يول ئىشەنچىمىز، نەزەرىيە ئىشەنچىمىز، تۈزۈم ئىشەنچىمىز، مەدەنىيەت ئىشەنچىمىزدىن بولغان».

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇلاپلا مۇنداق دېدى: «مۇشۇ يىللاردىكى تەرەققىيات ئارقىلىق، جۇڭگودىكى 70 - يىللاردا، 80 - يىللاردا، 90 - يىللاردا، 2000 - يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلار دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىپ، دۇنياغا بىمالال نەزەر سالالايدىغان بولدى، مانا بۇ ئىشەنچ. بىز بۇ خىل ئىدىيەنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنى ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشەنچىنى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، ئورتاق كۈرەش قىلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك».

دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا جەزمەن ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش كېرەك. خەلق ئارمىيەسى ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم كۈچ.

3 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندا، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا يوليورۇق بەردى −

«مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زىممىسىگە ئالغان دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشى كېرەك».

«ئارمىيە خەلقنى سۆيۈش، خەلق ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك».

يىغىن مەيدانىدا، ۋەكىللەر پۈتۈن زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، ئەستايىدىل خاتىرە قالدۇردى. بىر ئورتاق ئېتىقاد يۈكسەلمەكتە، مۇجەسسەملەنمەكتە −

ئارمىيە قۇرۇلۇشى بىلەن جەڭگە تەييارلىق كۆرۈشنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، تۈرلۈك مۇرەككەپ، قىيىن ۋەزىيەتكە ھەر ۋاقىت تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

بىر مەقسەتتە ھەمكارلاشقانلار غەلىبە قىلىدۇ، قىيىن كۈنلەردە بىللە بولغانلار روناق تاپىدۇ.

ۋاقىت ھەيۋەتلىك سەھىپىنى پۈتمەكتە، تارىخنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسى ئېچىلماقتا. جاسارىتى ئۇرغۇپ تاشقان بىر چوڭ پارتىيە، ئارزۇغا يېتىش يولىدا ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان بىر مىللەت، كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقان بىر دۆلەت، «ئىككىنچى 100 يىل»لىق يېڭى مۇساپىگە مەردانە قەدەم بىلەن ئاتلاندى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.