تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى

(2021- يىلى 3- ئاينىڭ 11- كۈنى 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4- يىغىنىدا ماقۇللاندى)

13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى (لايىھە)»نى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپىگە قاراپ چىقتى. يىغىندا مۇنداق قارالدى: شياڭگاڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن كېيىن، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىغا قايتىدىن كىرگۈزۈلدى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ نېگىزلىك قانۇنى» شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم ئاساسىنى ئورتاق ھاسىل قىلدى. شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى يولغا قويغان سايلام تۈزۈمى باش مەمۇر ۋە قانۇن چىقىرىش كېڭىشىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش چارىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، جەزمەن «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» فاڭجېنىغا ئۇيغۇن كېلىشى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىشى، شياڭگاڭنى ۋەتەننى سۆيىدىغانلار، شياڭگاڭنى سۆيىدىغانلارنىڭ ئىدارە قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداشقا، شياڭگاڭنىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى ساقلاشقا پايدىلىق بولۇشى كېرەك. شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان دېموكراتىيە تۈزۈمىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى»نىڭ 31 - ماددىسى ۋە 62 - ماددىسىنىڭ 2 - تارمىقى، 14 - تارمىقى، 16 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمىلەر، ھەمدە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ نېگىزلىك قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تۆۋەندىكىدەك قارار چىقاردى:

بىرىنچى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەزمەن «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»، «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش»، يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ نېگىزلىك قانۇنى»دا بېكىتىلگەن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم تەرتىپىنى قوغداپ، ۋەتەنپەرۋەرلەر ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش»قا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ دائىملىق ئاھالىسىنىڭ سايلاش ھوقۇقى ۋە سايلىنىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئىككىنچى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بولغان، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، جەمئىيەتنىڭ بىر پۈتۈن مەنپەئىتىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان سايلام كومىتېتى تەسىس قىلىنىدۇ. سايلام كومىتېتى باش مەمۇر نامزاتى، قانۇن چىقىرىش كېڭىشىنىڭ قىسمەن ئەزالىرىنى سايلاش ھەمدە باش مەمۇر نامزاتى، قانۇن چىقىرىش كېڭىشى ئەزالىرى نامزاتىنى كۆرسىتىش قاتارلىق ئىشلارغا مەسئۇل بولىدۇ.

سايلام كومىتېتى سودا - سانائەت، پۇل مۇئامىلە ساھەسى، كەسپىي ساھە، ئاساسىي قاتلام، ئەمگەكچىلەر ۋە دىن قاتارلىق ساھە، قانۇن چىقىرىش كېڭىشىنىڭ ئەزالىرى، رايون تەشكىلاتى ۋەكىللىرى قاتارلىق ساھە، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى ئەزالىرى ۋە ئالاقىدار مەملىكەت خاراكتېرلىك تەشكىلاتلارنىڭ شياڭگاڭدىكى ئەزالىرىنىڭ ۋەكىللىرى ساھەسىدىن ئىبارەت بەش ساھە ئايرىمىسى بويىچە 1500 ئەزادىن تەركىب تاپىدۇ.

ئۈچىنچى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى سايلام كومىتېتى تەرىپىدىن سايلىنىپ ۋۇجۇدقا كېلىدۇ، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلىنىدۇ.

باش مەمۇر نامزاتىنى سايلام كومىتېتىنىڭ كەم دېگەندىمۇ 188 ئەزاسى بىرلىشىپ نامزاتلىققا كۆرسىتىشى، يۇقىرىدا ئېيتىلغان بەش ساھە ئىچىدىكى ھەربىر ساھەدىن نامزاتلىققا كۆرسىتىشكە قاتناشقان ئەزا 15 كىشىدىن كەم بولماسلىقى شەرت. سايلام كومىتېتى بىر كىشى بىر بېلەت تاشلاپ نامسىز ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق باش مەمۇر نامزاتىنى سايلاپ چىقىدۇ، باش مەمۇر نامزاتى سايلام كومىتېتىدىكى بارلىق ئەزالارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشى شەرت.

تۆتىنچى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى قانۇن چىقىرىش كېڭىشىنىڭ ئەزالىرى ھەر نۆۋەتتە 90 كىشى بولىدۇ. سايلام كومىتېتى سايلاش، فۇنكسىيەلىك تەشكىلاتلار سايلاش، رايونغا ئايرىپ بىۋاسىتە سايلاشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل شەكىلدە ئايرىم - ئايرىم ھالدا سايلاپ ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلىدۇ.

بەشىنچى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى نامزاتلار سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى تەسىس قىلىنىپ، سايلام كومىتېتى ئەزالىرى نامزاتى، باش مەمۇر نامزاتى ۋە قانۇن چىقىرىش كېڭىشى ئەزالىرى نامزاتىنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش ھەم بېكىتىشكە مەسئۇل بولىدۇ. شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى سالاھىيەتنى تەكشۈرۈشكە ئالاقىدار تۈزۈم - مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامزاتلار سالاھىيىتىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ نېگىزلىك قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇنى»، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ نېگىزلىك قانۇنى»نىڭ 104 - ماددىسى توغرىسىدىكى ئىزاھاتى ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى قانۇن چىقىرىش كېڭىشى ئەزالىرىنىڭ سالاھىيەت مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارارى ھەمدە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ يەرلىك ئالاقىدار قانۇنلىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كېلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ئالتىنچى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا مۇشۇ قارارغا ئاساسەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ نېگىزلىك قانۇنى»نىڭ 1 - قوشۇمچە ھۆججىتى «شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش چارىسى» بىلەن 2 - قوشۇمچە ھۆججىتى «شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ قانۇن چىقىرىش كېڭىشىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش چارىسى ۋە ئاۋاز بېرىش تەرتىپى»گە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھوقۇقى بېرىلىدۇ.

يەتتىنچى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى مۇشۇ قارار ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تۈزىتىش كىرگۈزگەندىن كېيىنكى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ نېگىزلىك قانۇنى»نىڭ 1 - قوشۇمچە ھۆججىتى «شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش چارىسى» بىلەن 2 - قوشۇمچە ھۆججىتى «شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ قانۇن چىقىرىش كېڭىشىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش چارىسى ۋە ئاۋاز بېرىش تەرتىپى»گە ئاساسەن، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ يەرلىك ئالاقىدار قانۇنلىرىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئالاقىدار سايلام پائالىيەتلىرىنى قانۇن بويىچە تەشكىللىشى، قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشى كېرەك.

سەككىزىنچى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمى ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە سايلامنى تەشكىللەش قاتارلىق ئالاقىدار مۇھىم ئەھۋاللار توغرىسىدا مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاقتىدا دوكلات تاپشۇرۇشى كېرەك.

توققۇزىنچى، بۇ قارار ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 11 -كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى