(2021- يىلى 3- ئاينىڭ 11- كۈنى 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4- يىغىنىدا ماقۇللاندى)
13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى گوۋۇيۈەن ئوتتۇرىغا قويغان «2020 - يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2021 - يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات» ھەم 2021 - يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوت لايىھەسىنى تەكشۈرۈپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتىغا قوشۇلدى. يىغىن «2020 - يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2021 - يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات»نى تەستىقلاشنى، 2021 - يىللىق مەركەز خامچوتىنى تەستىقلاشنى قارار قىلدى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى)