لى جەنشۇ رىياسەتچىلىك قىلدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسلىرىنىڭ 3 - قېتىملىق يىغىنى 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، يىغىننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ياڭ جېنۋۇ بەرگەن يىغىن كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسى، 2020 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2021 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى، 2020 - يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2021 - يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلات، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلاتتىن ئىبارەت يەتتە قارار لايىھەسىگە قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، بۇ يەتتە قارار لايىھەسىنىڭ ئاۋازغا قويۇش نۇسخىسىغا قاراپ چىقىلدى.
يىغىن يۇقىرىقى قارار لايىھەلىرىنىڭ ئاۋازغا قويۇش نۇسخىسىنى يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 4 - قېتىملىق يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشقا قوشۇلدى.
يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۇنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بەيما چىلىن، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا يىغىنغا قاتناشتى.